يەر شارى تورى خەۋىرى، :
كورىيە خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى (KBS) نىڭ 3- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، كورىيەنىڭ مەلۇم بىر پارچە تەكشۈرۈش دوكلاتىدا نامايەن بولۇشىچە، كورىيەدىكى 30 ياش ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بەدىنى سېمىز ئىكەن، ئەمما كورىيە ئاياللىرىنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان داۋاملىق ئۇزىراپ ماڭغان.
كورىيە سانائەت سودا بايلىق مىنىستىرلىقى دۆلەت تېخنىكا ئۆلچەم ئورنىنىڭ 14-چېسلا بىلدۈرۈشىچە، شەرقى سىئول ئۇنۋېرسىتېتى 2015-يىلى ئېلىپ بارغان «7-قېتىملىق كورىيەلىكلەرنىڭ بەدەن كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش» دوكلاتىدا يۇقارقىدەك نەتىجىگە ئېرىشكەن. شەرقى سىئول ئۇنۋېرسىتېتى 2015-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ جەمئىي 5 ئاي ئىچىدە، كورىيەدىكى 16 ياشتىن 69 ياشقىچە بولغان 6413 نەپەر ئەر-ئايالنىڭ 133 تۈرلۈك بەدەن كۆرسەتكۈچىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، كورىيەدىكى 30 ياش ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ بەدەن سۈپىتى كۆرسەتكۈچى (BMI) 25 دىن ئېشىپ كەتكەن، يەنى بەدىنى سېمىز بەدەن شەكلىگە تەۋە بولغان. 35-39 ياشقىچە بولغانلارنىڭ سېمىزلىك نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، %52 نى ئىگەللىگەن، ئۇنىڭ ئارقىسىدا 40-49 ياش، 50-59 ياش قاتلىمىدىكىلەر تۇرغان.
بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە نامايەن بولۇشىچە، 2004- يىلىدىن باشلاپ، 20 ياشتىن يۇقىرى بارلىق ئاياللارنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقى بارغانسېرى ئۇزىراپ ماڭغان، ئەمما ئەرلەرنىڭ پۇتىنىڭ ئۇزۇنلىقىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرمىگەن.