ئۇدا ئون كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلغان خەلق ساقچىسى تۇيۇقسىز قۇربان بولدى
جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، :
12-مارت سەھەر سائەت بىر ئەتراپىدا، خېنەن ئۆلكىسى فېڭيۆ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى خۇاڭلىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىسى ليۇ لى شۈن زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن، دىجورنىخانىدا يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قۇربان بولغان، ئۇ ئەمدىلا 44 ياشتا بولۇپ، ئۆيىگە قايتمىغىلى ئون كېچە-كۈندۈز بولغان.