يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ھارپىسىدا يوقاپ كەتكەن ئەر 24 يىلدىن كېيىن «ياۋايى ئادەم» گە ئايلىنىپ قالدى
  • خېيلۇڭجياڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى ئورمان باغچىسىدا ئالتە يولۋاس بالىسى «دۇنياغا كەلدى»
  • خېبېيدا «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى
  • نېلۇپەرلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن، شىخۇ كۆلىىگە ئاقارتىش پاراشوكى چېچىلدى
  • گۇيياڭدىكى توك توختىغان مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار يانفون قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىدى
  • 67 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىسى دۆلىتىمىزگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى
  • شاڭخەيدىكى مەلۇم سودا سارىيى خېرىدارلارغا كىرىش بېلىتى ساتتى
  • دېڭجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
  • چېگرا ھالقىپ سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى چەكلىمىسى ئىككى يىل بوشاشتۇرۇلىدۇ
  • تۈگۈر جىلتىسىنى تاشلىۋەتمەي مۇنداق ئىشلىتىڭ...
  • كۆڭلىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغان ئىچ كۈيئوغۇل ئايالى قاتارلىق تۆت ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتى
  • نەننىڭدىكى كونا ماشىنا ۋە موتسىكىلىت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
  • تۆت خوتۇنلۇق بولغان ئەرگە 1 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
  • «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
  • ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    بالا-قازا كۆرۈنۈپ كەلمەس، قول-پۇتىنى ساڭگىلىتىپ...

    مەنبە :fj.qq.com       يوللىغۇچى : نۇرىيە       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    ئاشىق-مەشۇقلار ھەر قانچە بىر بىرىگە كۆيدۈم پىشتىم دەپ يۈرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ سوقۇشۇپ قالىدىغان ۋاقتى بار، بۇنداق بولۇشى نورمال، ئەمما كۆپچىلىككە قىلىپ قويىدىغان نەسىھەت شۇكى ھەرگىزمۇ چوڭ يولدا سوقۇشماڭ ! بولمىسا نۇرغۇن ئىشلارنى كونترول قىلىش تەس بولىدىكەن. دوڭگۇەن تېلېۋىزىيە پروگراممىسىدا ئاشكارىلىشىچە، خۇەنچېڭ يولىنىڭ ۋىنتاڭ بۆلىكىدە يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىدە ئايالنىڭ بېشىنى ماشىنا بېسىپ ئۆتۈپ كېتىپ، قىز نەق مەيداندىلا جان ئۈزگەن. 

    ئايال نېمە ئۈچۈن يېرىم كېچىدە ئۆزى يالغۇز خۇەنچېڭ يولىدا ماڭغان؟ ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟ ئۆلگۈچىنىڭ ئوغۇل دوستى ساۋ xx ئەينى ۋاقىتتا ۋەقەنىڭ يۈز بىرىش جەريانىنى كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتقان. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ساقچى تەرەپ كۆزىتىش ئاپپاراتىدىن ئۆلگۈچىنىڭ ئۆلۈشتىن ئىلگىرىلىكى ھالىتىنى كۆزەتكەن. رەسىمدىكىسى ئۆلگۈچى گۇ xx شۇ كۈنى ئولتۇرغان ماشىنا.

    ساقچىلارنىڭ ساۋ xx دىن قايتا سوراش ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئىككەيلەننىڭ ئۇرۇشۇپ قالغانلىقىنى، قىز دوستىنىڭ ماشىنىدا ساۋ xx نى ئۇرغانلىقىنى ئىگەللىگەن. ساۋ xx بىخەتەرلىكنى ئويلىشىپ ماشىنىنى يولنىڭ ياقىسىغا توختاتقان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ قىز دوستى ماشىنىدىن چۈشۈپلا قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ساۋ xx قىز دوستىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا ماشىنىنى ھەيدەپ كېتىپ قالغان، لېكىن ئۇ ئانچە ئۇزۇن ماڭمايلا يول ياقىسىغا ماشىنىنى توختىتىپ قىز دوستىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلىغان، ئەمما شۇنچە ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ قىز دوستى قايتىپ كەلمىگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز دوستىنى ئىزدىگەن، كىم بىلسۇن ئۇ بىر قەدەم كېچىكىپ قالغانىدى. شۇ كۈنى كەچتە ئۇلار ئىككەيلەن ھاراق ئىچكەن بولۇپ، ھاراقنىڭ تەسىرىدە ئاشىق-مەشۇق ئىككىسى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، ئاخىرىدا بۇ كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەن. 

    قىزنىڭ جەسىتى يولنىڭ ئوتتۇرسىدا ياتقان بولۇپ، ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇر ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگۈچى گۇ xx نىڭ 26 ياشقا كىرگەنلىكى دەلىللەنگەن. ساقچىلار قان ئىزلىرىغا ئاساسەن دەسلەپكى قەدەمدە ۋەقە سادىر قىلغان ماشىنىنىڭ بىر يۈك ماشىنىسى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان. ۋەقە يۈز بەرگەن ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كېيىن، ساقچىلار مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇرنى قولغا چۈشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ۋەقە سادىر قىلغان ياڭ xx  شۇ كۈنى كەچتە مەزكۇر يول بۆلىكىدە ئۆلگۈچىنى سوقۇپ، ئۇنىڭ نەق مەيداندىلا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ياڭ xx شۇ ۋاقىتتا  ماشىنىسىدا ئازىراق سىلكىنىشنىڭ بولغانلىقىنى ھېس قىلغان، ئەمما ئۆزىنى قاچۇرۇش پىسخىكىسىنىڭ تەسىرى بىلەن ۋاقتىدا ماشىنىدىن چۈشۈپ تەكشۈرۈپ باقمىغان. 

    قاتناش ساقچى ئورگانلىرى، شوپۇر ياڭ xx گە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۆلگۈچى گۇ xx گە دۆلىتىمىزنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى ماشىنىلار يولىدا توختاش، يولدا تۇرىۋېلىش قاتارلىق تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كېيىنكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ دەپ ھۆكۈم چىقارغان.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز