جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى، :
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى مۇنداق دېگەن: تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى» يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان زور كۆلەمدىكى زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى.
كېررى مۇنداق دېگەن: يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان، تېررورلۇق تەشكىلاتى «ئىسلام دۆلىتى» سۈرىيەدىكى ئىشغال قىلىۋالغان نۇرغۇن جايلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھازىر ئۇلار 3000 كىۋادىرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنىدىن مەھرۇم قالدى. بىز «ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز.