: تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ جاۋتۇڭ شەھىرى جاۋياڭ رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۆت نەپەر كەنت ئاھالىسى سورۇن تۈزۈپ 6 جىڭ ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئىچىدىكى بىرەيلەن مەستلىكتە قازا قىلغان، مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق قالغان ئۈچەيلەن قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە 50 مىڭ يۈەن تۆلەم بەرگەن. 28-فېۋرال ما xx داشەنپاۋ ساقچىخانىسىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، يولدىشى جاڭ xx نىڭ جاۋياڭ رايونى داشەنپاۋ بازىرى چېلو كەنتىدىكى جاڭ x لىننىڭ ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن داشەنپاۋ ساقچىخانىسى دەرھال ساقچىلارنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەشكە تەشكىللىگەن.
تەكشۈرۈشتىن تۆۋەندىكىلەر مەلۇم بولغان: 27-فېۋرال سائەت 2 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئۆلگۈچى جاڭ xx كەنت ئاھالىسى ياڭ x چۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن، جاڭ x لىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھاراق ئىچكەن. بۇ جەرياندا جاڭ xx بىلەن ياڭ x چۈەن، ياڭ x شۆ، جاڭ xx قاتارلىق تۆتەيلەن جەمئىي 6 جىڭ ھاراق ئىچكەن، ياڭ x چۈەن، ياڭ x شۆ، جاڭ xx قاتارلىق ئۈچەيلەن ھاراقنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن كېتىپ قالغان، جاڭ xx ئۆزى يالغۇز جاڭ x لىننىڭ ئۆيىدىكى كارىۋات يېنىدا ئۇخلاپ قالغان. 28-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە ما xx جاڭ x لىننىڭ ئۆيىگە يولدىشىنى ئىزدەپ كېلىپ، جاڭ xx نىڭ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغان.
كېيىن جاۋياڭ رايونلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى جاڭ xx نىڭ راستىنلا ھاراق ئىچىپ مەستلىكتە ئۆلگەنلىكىنى بېكىتكەن. شۇنىڭ بىلەن ماxx يولدىشى بىلەن بىللە ھاراق ئىچكەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادىي تۆلەپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان، داپاۋشەن ساقچىخانىسى قانۇن بويىچە ئىككى تەرەپنى مۇرەسسە قىلىشقا تەشكىللىگەن، ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ياڭ x چۈەن، ياڭ x شۆ، جاڭ x لىن قاتارلىق ئۈچەيلەن بىرلىكتە قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە 50 مىڭ يۈەن تۆلەپ بېرىشكە پۈتۈشكەن.