جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-مارت تېلېگراممىسى، :
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۈزلۈكسىز ئېقىپ كىرگەن مۇساپىرلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت مۇساپىرلارنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش سىياسىتىنى سىجىل چىڭىتقان. سىلوۋېنىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن پەقەت ئۈنۈملۈك گۇۋاھنامىسى بار مۇساپىرلارنىلا چېگرىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، 9-مارت ماكېدونىيەمۇ ھەر قانداق مۇساپىرنىڭ گرېتسىيە ئارقىلىق ماكېدونىيەگە كىرىشىگە يول قويماسلىقنى قارار قىلغان.
گرېتسىيە-ماكېدونىيە چېگرىسى نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپانىڭ شىمالىغا بېرىشىدىكى مۇھىم «ئۆتكەل». ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، نەچچە يۈز مىڭ مۇساپىر ماكېدونىيە ئارقىلىق ياۋروپانىڭ شىمالىي قىسمىغا بارغان. ماكىدونىيەنىڭ بۇ قارارى مۇساپىرلارنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىدىغان «بالقان يولى» نىڭ ھەقىقىي ئۈزۈپ تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
13 مىڭ مۇساپىر گىرېتسىيەدە تۇرۇپ قالغان
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سىياسەت ماكىدونىيە–گىرېتسىيە چېگرىسىنىڭ گىرېتسىيە تەرىپىدە تەخمىنەن 13 مىڭ مۇساپىرنىڭ تۇرۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، نەچچە مىڭ مۇساپىر گىرېتسىيە-ماكېدونىيە چېگرىسىدا چېدىر تىككەن.
بۇندىن بۇرۇن، «بالقان يولى» بويىدىكى سىلوۋېنىيە، كىرودىيە، سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەر كەينى-كەينىدىن پەقەت ئىناۋەتلىك پاسپورت ۋە ۋىزىسى بار مۇساپىرلارنىڭ چېگرىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 9–مارت ۋېنگرىيەمۇ مۇساپىرلار ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چېگرا باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەشنى كۈچەيتمەكچى بولغانلىقنى ئېلان قىلغان، پۈتۈن مەملىكەت مۇساپىرلار كىرىزىسى ھالىتىگە كىرگەن.
ۋېنگرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پىنتېل مۇنداق دېگەن، ھۆكۈمەت چېگراغا ئەۋەتىلگەن ساقچى ۋە ئەسكەرلەرنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ئەسكىرىدىن 1500 ى بار. چېگراغا يېقىن جايدىكى ئوبلاستلىق ساقچى ئىدارىسىمۇ يەنە نۇرغۇن ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، چېگرا تەرتىپىنى ساقلىدى.
«بالقان يولى» نىڭ ئۈزۈپ تاشلىنىشىغا قارىتا، ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس ئىكەن. ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇسىك ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە، يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قارارىغا ئاپىرىن ئوقۇغان ۋە رەھمەت ئېيتقان، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى شۇلتىز گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «بالقان يولىنىڭ تاقىلىشى، مىنىڭ غەزىپىمنى قوزغىمىدى، بەلكى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. ئەگەر بىز ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئاشۇ قارىشىمىزدا چىڭ تۇرمىساق، ياۋروپانىڭ ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ»
مېركىل: جاۋابكارلىقنى بىر دۆلەتكە ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ
گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ مۇساپىرلارنىڭ چېگرىدىن ئۆتۈش سىياسىتىنى چىڭىتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن، ئۇ مۇنداق دېگەن، بۇ يول ئۈزۈپ تاشلاش ياۋروپا مۇساپىرلار مەسىلىسىنى تولۇق ھەل قىلالمايدۇ. بۇ نۇرغۇن مۇساپىرنىڭ گرېتسىيەدە تۇرۇپ قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، گىرىتسىيەدە مۇساپىرلار دولقۇنى قوزغىلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن : ياۋروپا مەسئۇلىيەتنى پەقەت بىر دۆلەتكىلا ئىتتىرىپ قويماسلىقى كېرەك، بەلكى ياۋروپادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە پايدىلىق بولغان بىر ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
گىرېتسىيە زۇڭلىسى سىپىراس ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ئەگەر بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولمايدۇ.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر مۇساپىرلار كىرزىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۈچۈن، 8-مارت بىريۇسسېلدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى تۈركىيە بىلەن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەن، ھەمدە ئاخىرىدا ئالتە ماددىلىق ئاساسىي پىرىنسىپ ھاسىل قىلغان، بۇ «1 : 1» نىسبەتتە تەڭشەپ «يۇرتىغا قايتۇرۇش» ۋە «قايتا ئورۇنلاشتۇرۇش لايىھەسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ياۋروپا تەرەپ بۇ لايىھەنىڭ مۇساپىرلار بېسىمىنى مەنبەسىدىن يېنىكلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ، دەپ قارىغان.
گۇمان ۋە ئەندىشە
لېكىن، ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بۇ ئالتە پىرىنسىپقا قارىتا گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بولۇپمۇ «سۈرىيەلىكلەرنى بىرگە بىر ئالماشتۇرۇش» دەپ ئاتالغان لايىھەگە، يەنى گىرېتسىيەدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەر بىر سۈرىيەلىك كۆچمەننى تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوخشاشلا تۈركىيەدىن بىر سۈرىيەلىك مۇساپىرنى ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىگە قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇ پۈتۈنلەي نىزامغا خىلاپلىق قىلغانلىق، پىرىنسىپال مەسىلىلەردە سودىگەرلەرگە ئوخشاش باھا تالاشساق بولمايدۇ، دېگەن.
ئۇلار مۇنداق دەپ قارىغان، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمما تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشى، تۈركىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپاغا كىرىش ۋىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىلەن مۇساپىرلار مەسىلىسى بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىنى تۈركىيە بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمى گرۇندى بۇ ھەقتىكى دەسلەپكى كېلىشىمدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، مۇساپىرلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئادەملەر تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىغا بارماقچى بولسا قايتۇرۇۋېتىشكە دائىر تەدبىرلەر چوقۇم قانۇنىي جەھەتتىن ئېنىق بەلگىلىنىشى كېرەك.