يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • «گۈزەل ۋە خاسىيەتلىك» ئاپتوموبىل –ئاۋدى R8
  • تېسلا MODEL X 75D تىپىنى چىقاردى
  • ۋولكىسۋاگېن 2017-نۇسخا Polo R نىڭ مۇقەددىمە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
  • ئاستون مارتىن GT8 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرئىتى ئاشكارلاندى
  • ئونىنچى ئەۋلاد خوندا سىۋىك زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟
  • ئېلىكترونلۇق نۇسخىدىكى يېڭى سانتافى-خۇاتەي xEV260 ئاپرېلدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • زاپاس بالوننى ئىشلىتىش-ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • بۇلى يوق ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالامسىز ؟
  • گۇگۇلنىڭ يېڭى پاتنېتى: شوپۇرسىز ماشىنا يۆنىلىش بۇراش سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
  • شەرق شامىلى خوندا يېڭى سىۋىك بازارغا سېلىندى
  • ماشىنا ماتورىنىڭ 1.5L ۋە 1.5T نىڭ نېمە پەرقى بار؟
  • تېسلا يېڭى نۇسخا MODEL S نى ئېلان قىلدى
  • شەرق شامىلى A9 رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 179 مىڭ يۈەن
  • 2016-يىللىق ئىتالىيە برېسىيا ماشىنا ۋە قەھۋە پائالىيىتىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار
  • ئاستون مارتىن DB11 بېيجىڭ كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودا تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    يېڭى نۇسخا كىيا K3 ئاپېرىلدا بازارغا سېلىنىدۇ

    مەنبە :toutiao.com       يوللىغۇچى : مالدىنى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14


    ئالدىنقى ھەپتە شەرق شامىلى يۆدا كىيا KX5 رەسمىي بازارغا سېلىندى. بازارغا سېلىشنى ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا، تاراتقۇلارنىڭ كىيانىڭ مەسئۇل خادىمىدىن ئىگەللىشىچە، يېڭى نۇسخا كىيا K3 ئاپېرىلدا بازارغا سېلىنىدىكەن، بىز بېيجىڭ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى دەپ پەرەز قىلدۇق، ئوخشاشلا ئالدىنقى يىلى گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە پەيدا بولغان يېڭى كىيا K5 ئارىلاش ماتورلۇق نۇسخىسىمۇ 2016-يىلى 6-ئايدا دۆلەت ئىچىگە ئېمپورت قىلىپ سېتىلىدۇ. 2017-يىلى، شەرق شامىلى يۆدا كىيا بىر نۇسخا مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن ياسىغان پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئوتتۇرا تىپلىق SUV نى چىقىرىدۇ، سورېنتو L بىلەن ئوخشاش دەرىجىلىك، مۆلچەردە يەنە يەتتە كىشلىك تىپىنى چىقىرىشى مۇمكىن. 2019-يىلى شەرق شامىلى يۆدا كىيا يەنە K3 نىڭ ساپ ئېلىكتىر ماتورلۇق نۇسخىسىنى چىقىرىدۇ، 2020-يىلى بىر نۇسخا كىچىك تىپتىكى ساپ ئېلىكتىر ماتورلۇق SUV نى چىقىرىدۇ.



    جۇڭگودا ئىشلەنگەن يېڭى نۇسخا كىيا K3 چەتئەل نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرغان، ھازىرقى نۇسخا ماشىنا تىپىغا سېلىشتۇرغاندا ئالدى يۈزىدە ئۆزگىرىش كۆرىنەرلىك ھەمدە ئىخچام تەسۋىرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان سىپورت پۇراق چىقارغان، ئالدى يۈز بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ھاۋا كىرىش ئېغىزى يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان، پۈتۈن ئۇسلۇبى ياشلىشىقا تېخىمۇ يۈزلەنگەن. يېڭى ماشىنىنىڭ رازمىرى: 4600/1780/1445mm، ئوق ئارىلىقى 2700mm، بوشلۇق ئانچە چوڭ ئاشمىغان.



    ئىچكى بېزەك تەرەپتە، ئىلگىرى ئاشكارلانغان جاسۇسلۇق سۈرىتىدىن قارىغاندا، يېڭى ماشىنىنىڭ ئىچكى بېزىكىدە ھازىرقى نۇسخا ماشىنا تىپىنىڭ ئىچكى بېزەك لايىھەسىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تەكشى شەكىللىك رول ئىشلەتكەن، ھەم بۇ ماشىنىنىڭ سىپورتلىشىشقا مايىللاشقانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ماشىنىنىڭ مەركىزى كونترول سۇپىسى ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق رول كۇنۇپكىسىدا قىزىل رەڭلىك ئارقا كۆرۈنۈش نۇر مەنبەنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرگەن، ھەم ئىنتايىن مودا. سەپلىمىسى تەرەپتە، يېڭى ماشىنىغا ئورۇندۇق ئىسسىتىش، رولنى ئىسسىتىش، ھەيدەش شەكىلىنى تاللاش، ماشىنا گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ كونترول قىلىش ھەمدە ھەيدەش ياردەمچىسى قاتارلىق ئەسلىھە سەپلەنگەن. 



    ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سەپلىمىسى تەرەپتە، يېڭى نۇسخا K3 دە 1.4T+ يەتتە خوتلۇق DCT ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سىستېمىسى يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن، 1.4T ماتورنىڭ ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 130Ps، يۈز كىلومېتىرغا 5.9L ماي سەرپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى نۇسخا ماشىنا تىپى ھازىرقى نۇسخىنىڭ 1.8L لىق ماتورىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ئەمما 1.6L لىق ماتورنى ساقلاپ قالغان. 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز