سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
پۇتبول ساھەسىدىكى «تەلۋە» دەپ نام ئالغان داڭلىق مەشقاۋۇل مورىنھو چېلسى كۇلۇبىدىكى مەشقاۋۇللۇق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كېيىنكى مەشقاۋۇللۇق ئورنى تاراتقۇلار ۋە توپخۇمارلانىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. بۈگۈن يەنى 2016-يىلى 14- مارت مورىنھو BT تەنتەربىيەسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن كوماندىلارنىڭ مەشقاۋۇللۇق قىلىش تەكلىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئىيۇلدىن باشلاپ قايتىدىن مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىنى باشلايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
مورىنھو مۇخبىرغا 2016-يىلى دېكابىردا چېلسى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇنداق كۆپ تەكلىپنامە ۋە تاللاشقا ئېرىشكەنلىگىدىن ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىپ، ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇۋاپىق كوماندىنى تاللايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ساختا ئۇچۇر خەۋەرلەرنىڭ نىشانى بولۇپ ئاۋارىچىلىققا ئۇچراشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئۆزى توغرىلىق تارقىلىۋاتقان ساختا خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ كۈندىن كۈنگە كۆپىيۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
مورىنھو مەشقاۋۇللۇق خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، نورمال ئەھۋالدا ئىيۇلنىڭ باشلىرىدا، يەنى يېڭى پەسىللىك مۇسابىقە باشلانغاندا ئۆزىگە مۇۋاپىق بولغان كۆڭۈلدىكىدەك پۇتبول كۇلۇبىدا مەشقاۋۇللۇق «قامچىسى» نى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ، يېڭى نەتىجىلەر ئۈچۈن ئاتلىندىغانلىقىنى ئېيتتى. مورىنھونىڭ بۇ باياناتى مانچېستىر بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ۋانگالغا نىسبەتەن روھى جەھەتتىن بىر تىنچلاندۇرۇش دورىسى بولىشى مۇمكىن، ھىچ بولمىغاندا بۇ پەسىللىك مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ۋانگالنىڭ خاتىرجەم ھالدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ ھازىرقى مەشقاۋۇللۇق ئورنىنى مۇقىملاشتۇرشىغا يارىتىلغان پۇرسەت، دەپ قاراشقا بولىدۇ.
شۇنداقتىمۇ «ئەينەك گېزىتى»، «قۇياش گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلار يېقىندىن بېرى مورىنھونىڭ كېينكى خىزمەت ئورنى مانچىېستىر بىرلەشمە كۇلۇبى قارىماقتا.