گەرچە ھازىرقى ۋېنىرانىڭ مۇھىتى دوزاختەك بولسىمۇ، ئالىملار ئىلگىرى ۋېنىرانىڭ ئىنتايىن گۈزەل دۇنيا ئىكەنلىنى جەزىملەشتۈردى. ۋېنىرا يەرشارىدىن سەللا كىچىك بولۇپ ئەگەر ئوخشاش ئۇسۇلدا سۇ ۋېنىراغىمۇ يېتىپ كەلگەن بولسا، ۋېنىرانىڭ يۈزىدىمۇ دېڭىز ئوكيانلار بولغان بولۇشى ھەمدە پارنىك ئېففىكتى پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى ۋېنىرا يۈزىنىڭ تېمپراتۇرىسى قوغۇشۇننى ئېرىتەلەيدۇ.
سەييارە ئالىملىرى ئىزچىل تۈردە ۋېنىرادا نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ئۆزگىرىش بولغانلىقى توغرىسىدا ئىزدەنمەكتە. ھازىر ئالىملارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەقلىدىي ھېسابلاش نەتىجىسى كىشىنى جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ، ۋېنىرانىڭ ئاتموسفراسى بىر دانە تېكساس شىتاتى چوڭلىقىدىكى مېتورىتنىڭ سوقۇلىشىدىن شەكىللەنگەنلىكى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. لېكىن بۇ تەتقىقات ھازىر تېخى دەسلەپكى مەزگىلدە تۇرماقتا.
ئەنگىلىيە گرېنۋىچ رەسەتخانىسىدىكى Cedric Gillmann ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى ھەرخىل ھەجىمدىكى جىسىمنىڭ ۋېنىراغا سوقۇلغاندا يۈر بېرىدىغان ئەھۋالىنى تەقلىد قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ بايقىشىچە بۇنداق سوقۇلۇشتىن بىر قىسىم ئاتموسفرانىڭ ئالەمگە تارقىلىپ كېتىشى كېلىپ چىقارسىمۇ لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەسلىگە كېلىدىكەن.
لېكىن غايەت زور سوقۇلۇش يەر ئاستىدىكى ئارا قاتلامنىڭ چوڭقۇر قىسمىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلسا ۋېنىرانىڭ گىئولوگىيىسى ۋە ئاتموسفراسىدا نەچچە يۈز مىليون يىلغا داۋاملىشىدىغان ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىكەن. Gillmann نىڭ ئېيتىشىچە :«مەلۇم دەۋىردە غايەت زور سوقۇلۇش زەربىسى ۋېنىرانى سالقىن پىلانىتتىن قاتتىق ئىسسىق پىلانىتقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ھەمدە پۈتكۈل پىلانىتنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىۋەتكەن» دېدى.
ئۇلارنىڭ تەتقىق قىلغان مودۇلىغا ئاساسەن ئەگەر دىئامېتىرى 805 كىلومېتىردىن 1609 كېلومېتىرغىچە بولغان شار شەكىللىك جىسىم ۋېنىراغا سوقۇلسا ھەمدە ئارا قاتلامدا نېپىز قەۋەت پەيدا قىلسا ئارا قاتلامدىكى سۇ ۋە كاربون تۆت ئوكسىدى گاز ھالەتتە پىلانىتنىڭ يۈزىگەن تارقىلىدىكەن، بۇ سەۋەبتىن ئاتموسفرادا چوڭ ئۆزگىرىش كېلىپ چىقىدىكەن.
ئەگەر ۋېنىرا يېڭى شەكللىنگەن چاغدا سوقۇلۇشقا ئۇچرىغان بولسا ئارا قاتلامدىن تارقالغان سۇ قۇياش شامىلى تەرىپىدىن ئۇچۇرۇلۇپ كېتىپ ۋېنىرانىڭ قۇرغاق مۇھىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تاكى قۇياش ھەركىتى تېنچىلانغاندا ئاتموسفرادا ئاز مىقداردا سۇ بولۇپ، بۇ ئاتموسفرانىڭ ئىنتايىن زىچ ھەمدە كاربون تۆت ئوكسىدى كۆپ بولغان ھالىتىنى شەكللەندۈرىدۇ، ئاقىۋىتى بولسا پىلانت يۈزىنىڭ ھازىرقىدەك ئىسسپ كېتىشى بولىدۇ.
كولورادو شىتاتى غەربىي-جەنۇب تەتقىقات ئورنىدىكى Simone Marchi غايەت زور سوقۇلۇش پىلانت يۈزىدە زور مېتورىت ئازگىلى پەيدا قىلىپلا قالماستىن بىر تۈركۈم جەريانلار ئارقىلىق ئاتموسفراغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باشقا تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا سېرىرانىڭ چوڭلىقىدىكى جىسىمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە تەخمىنەن بىر قېتىمىلا سەييارىگە سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى بولىدىكەن.
Gillmann نىڭ ئېيتىشىچە ئۆتۈپ كەتكەن 3 مىليار يىلدا بۇنداق سوقۇلۇش يۈز بېرىپ باقمىغان، قۇياش سېستىمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇياش سېستىمىسى «بومباردىمان» قىلىش مەزگىلىنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ سەييارىلەرنىڭ پارچىلىرى قۇياش ئەتراپىدىكى تاش پىلانىتلارغا سوقۇلغان ھەمدە نۇرغۇنلىغان مېتورىت ئازگاللىرىنى پەيدا قىلغان ھەمدە يەرشارىمۇ دەسلەپكى مەزگىلدە غايەت زور جىسىملارنىڭ سوقۇلىشىغا ئۇچرىغان. ئالىملار مارس چوڭلىقىدىكى جىسىمنىڭ يەرشارىغا سوقۇلغانلىقى سەۋەبىدىن چاچراپ چىققان ماددىلاردىن ئاي شارى شەكىللەنگەن دەپ قارايدۇ.