پورسچى گېرمانىيە بازىرىدا Macan دەسلەپكى دەرىجىلىك نۇسخا ماشىنا تىپىنى بازارغا سالدى، يېڭى ماشىنىنىڭ سېتىش باھاسى 55669 ياۋرو (تەخمىنەن 400 مىڭ يۈەن)، 2.0 لىتىرلىق تۆت پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن.
يېڭى ماشىنا جەمەت ئۇسلۇبى، چوڭ ھاۋا كىرىش سالاسۇنى ۋە سىپورت ئورالمىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن سىپورتلاشقان لايىھە، قوش كېسنونلۇق نۇر ئۆتكۈزىدىغان گالوگېن چىراق، LED كۈندۈزدە يول يۈرۈش چىرىقىنى داۋاملاشتۇرغان، يان چاپاندا قارا رەڭلىك بېزەك سىزىق، بەش بالداقلىق ئالىيۇمىن قېتىشمىلىق چاق بۇلى قوللانغان. قۇيرۇق چىراقنىڭ لايىھەسى ئىنتايىن ئالاھىدە، چىراق گۇرۇپپىسى قېپى تەكشى ئەمەس ئەكىسچە ئوڭغۇل-دوڭغۇل سىترىئولۇق لايىھەدە، LED نۇر مەنبەسى سەپلەنگەن، ئىككى تەرىپىدە تۆت گاز چىقىرىش تۇربىسى بار.
ئىچكى بېزىكىدە ئاددى بولغان لايىھە ئورۇنلاشتۇرغان، ئىسلاپ بىر تەرەپ قىلغان بېزەك سىزىقى بىلەن بېزىگەن، مەركىزى كونترول سۇپىسىدا ئۈچ بالداقلىق كۆپ ئىقتىدارلىق رول، چوڭ رازمىرلىق سۇيۇق كرىستاللىق ئېكرا، سەككىز يۆنىلىشتە ئېلىكتىرلىك تەڭشىگىلى بولىدىغان شوپۇر ئورۇندۇقى، ئەڭ يېڭى بولغان PCM ئۇچۇر-تاماشا سىستېمىسى، ماشىنا يولىدىن ئېغىپ كېتىشتىن ئەسكەرتىش سىستېمىسى ۋە ئېلىكتىرلىك قۇيرۇق ئىشىك قاتارلىق سەپلىمىلەر سەپلەنگەن.
يېڭى ماشىنىغا سەپلەنگىنى 2.0 لىتىرلىق تۆت سىلىندىرلىق پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 185KW، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 370ن.م، ھەرىكەت ئۇزىتىشتا يەتتە خوتلۇق قوش ئۇلىغۇچلۇق PDK سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرغان، 0-100km/h تېزلىنىشقا 6.7 سىكۇنىت كېتىدۇ. بۇ ماتورنىڭ يېقىلغۇ ئىقتىسادچانلىقى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.