خۇاتەي iEV230 ئالدىنقى ھەپتە رەسمىي بازارغا سېلىندى. بۇ قېتىم بازارغا سېلىنغان يېڭى ماشىنا جەمئىي ئۈچ نۇسخا ماشىنا تىپى تەمىنلىگەن، سېتىش باھا رايونى 213.5-225.5 مىڭ يۈەن، بۇ ماشىنا تىپى 45 مىڭ يۈەنلىك دۆلەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمان بولىدۇ، يەرلىك تولۇقلىما ھەرقايسى رايوننىڭ ئەھۋالىغا قارىتا بەلگىلىنىدۇ، بېيجىڭ شەھىرىنى مىسال قىلساق، تولۇقلىما 45 مىڭ يۈەن.
يېڭى ماشىنىغا سۇيۇقلۇق بىلەن سوۋۇتۇلغان مەڭگۈلۈك ماگنىتلىق ماس قەدەملىك ماتور سەپلەنگەن، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 80kW، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 220 ن.م. ئورگان سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يېڭى ماشىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى 230km غا يەتكەن، تەكشى سۈرئەتلىك يول يۈرۈش ھالىتىدىكى ئۇدا يول يۈرۈش مۇساپىسى يەنە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 270km غا يەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى ماشىنا تېز سۈرئەتلىك توك قاچىلاش قوللانغان ئىككى سائەتتە %80 توك تولۇقلايدۇ، تولۇق توك تولۇقلاشقا 12 سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.
سىرتقى كۆرۈنۈش تەرەپتە، خۇاتەي يېڭى ئېنىرگىيەلىك iEV230 لۇشېڭ E70 ئاساسىدا ياسالغان، شۇڭا ھېچقانداق چوڭ ئۆزگىرىش يوق. چوڭ ھاۋا كىرىش سالاسۇنىغا كەڭ، چوڭ باش چىراق ماسلاشتۇرۇلۇپ يېڭى ماشىنىنىڭ باش قىسىمىنى ئىنتايىن تويۇنغان كۆرسەتكەن، كۆ رەڭلىك ئالاھىدە سىر يېڭى ئېنىرگىيەلىك ماشىنا تىپىنى سالاھىيىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
يېڭى ماشىنىنىڭ بەل سىزىق، چاق بۇلى، چوققا قىسىم قاتارلىق تەپسىلاتىدا يەنە يېڭى ئېنىرگىيەلىك ماشىنا تىپىدا ئالاھىدە بار بولغان كۆك رەڭلىك بەلگە كۆپەيتىلگەن. ماشىنا رازمىرى 4777/1794/1481mm، ئوق ئارىلىقى 2678mm.ئۆز-ئۆزىگە خوجا ئىخچام دەرىجىلىك يېڭى ئېنىرگىيەلىك ماشىنا تىپى بولۇش سۈپىتى بىلەن، iEV230 نىڭ ئانچە كۆپ رىقابەتچىسى يوق، چاڭئەن يىدوڭ ئېلىكتىرلىك نۇسخىسى، جىلى يېڭى دىخاۋ EV، لىفەن 620EV ئوخشاش دەرىجىدىكى ئەڭ بىۋاستە رىقابەتچىسى.