شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە پۈتۈن شىنجاڭدا 5 مىليون 60 مىڭ شوپۇر بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليون 70 مىڭ ئايال ئىكەن. ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئايال شوپۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيگەن بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدا شوپۇرلارنىڭ سانى 4 مىليون 187 مىڭغا يەتكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ئايال شوپۇرنىڭ سانى 774 مىڭ 800 گە يېتىپ، ئومۇمىي ساننىڭ %18 نى ئىگىلىگەن.
2015-يىللىق نوپۇس تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، شىنجاڭدا ئاياللارنىڭ سانى 11 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر 10 ئايالنىڭ ئىچىدە بىرى ئاپتوموبىل ھەيدەشنى بىلىدىكەن.
تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى:
http://uy.ts.cn/news/content/2016-03/14/content_508932.htm