يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۈچتاش ئەتراپىدا يېڭىدىن بىر سۇلۇق مەنزىرە بەرپا قىلىنىدىكەن
  • دېھقان رەسساملار مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى-تەرەققىيات يىلىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىدى
  • باركۆلدە باھار تەنتەنىسى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا پېشقەدەملەر باشلامچى بولدى
  • ھېكىم رىشىت بورداقچىلىقتىن بېيىدى
  • قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك «ياشلىق باھارى مىلودىيەسى» مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى
  • بايىنغولىن شۆبە ھەربىي رايونى قاراباغ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە 10 مىڭ يۈەن بەردى
  • ئىلى ئوبلاستى بۇ يىل 35 مىڭ 480 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالىدۇ
  • بايىنغولىن مۇھەممەد سودا چەكلىك شىركىتى مەشرەپ قەغەز زاۋۇتىنىڭ 3-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • ئۈرۈمچىدە باھار سەيلىسى قىزىپ كەتتى
  • قابىس شىركىتىنىڭ ساخاۋەت پائالىيتى داۋاملاشماقتا
  • ھەدىيە قىلىنغان 10 مىڭ تۈپ كۆچەت كەنت ئاممىسىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • چەرچەن ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن 50 بىمار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى
  • ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كورلا شەھىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى
  • ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئالتە يول بۆلىكىدىن ئامال بار ئايلىنىپ ئۆتۈڭ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    «جۇڭگو ديابېت كېسەللىكى قۇرۇلۇشى» نىڭ باش مەسئۇلى ئەنۋەر دوختۇر ھەقسىز لېكسىيە سۆزلىدى

    مەنبە :nur.cn       يوللىغۇچى : نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    ئۆز مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :

    2016-يىلى 12-مارت قارلۇق شىركىتى يىغىن زالىدا كۈندىيار شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان «ديابېت ۋە ساملاملىق توغرىسىدىكى ھەقسىز لېكسىيە پائالىيىتى» مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكۈزۈلدى. 

    بۇ قېتىملىق لېكسىيە پائالىيىتى كەڭ ساغلاملىق ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى قېرىنداشلار شۇنداقلا دېئابىت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ھەقسىز لېكسىيە بولۇپ، بۇ قېتىملىق لېكسىيەنى 19 يىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ديابېت كېسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، بېيجىڭدىكى ديابېت كېسىلى مۇتەخەسسىسى، «جۇڭگو ديابېت كېسىلىنى داۋالاش قۇرۇلۇشى» نىڭ باش مەسئۇلى بولۇپ تەيىنلەنگەن ئەنۋەر مۇئەللىم سۆزلىدى. لېكسىيەدە ديابېت كېسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى، ئىككىلەمچى ديابېت ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەر تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ديابېت كېسىلىدىن ساقلىنىش ۋە ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، ساقلىقنى ساقلاش ئۇسۇللىرى سۆزلەندى.

    بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ئالايىتەن خوتەن، قەشقەر، چۆچەك، جىمسار قاتارلىق يۇرتلاردىكى قېرىنداشلىرىمىز قەدەم تەشرىپ قىلغان بولۇپ، يىغىن زالى ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ قىممەتلىك لېكسىيىسى ئارقىلىق ئۆز ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى ئىستىگەن كىشىلەر بىلەن لىق تولدى.

    بۇ قېتىملىق لېكسىيەگە ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئاۋاز ئارتىسى پاتىمە ھەسەن ئۆگەن خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئارقىدىن ئەنۋەر مۇئەللىم لېكسىيەسىنى باشلىدى. (بۇ قېتىملىق لېكسىيەنىڭ تولۇق نۇسخىسى ئانا تۇپراق تورى تەرىپىدىن تېڭشۈن تورىغا يوللاندى، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاخىرىغا فىلىمى قىستۇرۇلغان )

    بېيجىڭدىن قەدەم تەشرىپ قىلغان يۈشيەنتاڭ ساغلاملىق بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ديابېت كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسىلى ۋە بەل-ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ مەسئۇلى تاۋ جيا خانىم سۆز قىلدى.

    ئارقىدىن خوتەن، چۆچەك قاتارلىق يىراق جايلاردىن كەلگەن مېھمانلار ديابېت ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى سوئاللىرىنى سوراش ئارقىلىق قانائەت قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشتى، ئۇندىن سىرت «شىپايى كارامەت» دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى ئۈنۈمىنىڭ زورلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئەنۋەر دوختۇرغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

    ئەنۋەر دوختۇر بىلەن ھەمكارلاشقان سۇ تازىلاش ئۈسكۈنىسى تەتقىقاتچىسى، ئىچىملىك سۇ مۇتەخەسسىسى تاڭ گېڭخوۋ ئەپەندى سۆز قىلدى.

    شىنجاڭ قارلۇق مېدىئا پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نەجمىدىن ئەپەندى بۇ قېتىملىق لېكسىيەدىن ئالغان تەسىراتى ۋە ساغلاملىققا ئائىت قىسقىچە سۆز قىلدى.

    ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ئۇستازى يەنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتۇرى غەيرەتجان ئوسمان ئەپەندى سۆز قىلدى.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن ئەپەندى سۆز قىلدى.

    ئاخىرىدا لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلار داۋاملىق تۈردە ديابېت ۋە ساغلاملىق توغرىسىدىكى سوئاللىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، ئەنۋەر مۇئەللىم تەپسىلىي، ئىخچام چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.

    بۇ شىركەتنىڭ تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى ئىككىلەمچى ديابېت ۋە ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن. تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە ئىككىلەمچى ديابېتنىڭ داۋالاش خارەكتېرلىك دورىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىپ، «ديابېت كېسىلى ساقايمايدۇ» دېگەن ئۇقۇمغا خاتىمە بەردى.

    كۈندىيار شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ساغلاملىق ئىشتىراكچىلىرىغا «ديابېت ۋە ساغلاملىق» توغرىسىدا ئاممىباب زۆرۈر چۈشەنچىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش، خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇپ، ديابېت كېسىلىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان ديابېت بىمارلىرىغا تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى يېڭىلىقلارنى يەتكۈزۈش، ديابېت كېسىلىنىڭ ۋەھىمىسىدە ياشاۋاتقان تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندى.

    بىز ئاخىرىدا خەلقىمىز، جۈملىدىن مەملىكىتىمىزدىكى، شۇنداقلا پۈتكۈل دۇنيادىكى ديابېت كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەل ئازابىغا شىپا تېپىش ئۈچۈن 18 يىل ئەجىر ۋە مېھنەت قىلغان، تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەممەيلەننىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ساغلاملىقىمىزغىلا كۆڭۈل بۆلۈشتىن سىرت يەنە ئەتراپىمىزدىكى يېقىنلىرىمىز، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە دوس-يارەنلىرىمىزنىڭمۇ ساغلاملىق ئېڭىنى تىكلىشىگە دەۋەت قىلىپ، ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ساغلاملىق ھەممىدىن ئەلا.

    ئەنۋەر مۇئەللىم 19 يىل تەتقىقات ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسىدە ديابېت كېسىلىنىڭ شىپاسىنى تاپقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، بېيجىڭدىكى ديابېت كېسىلى مۇتەخەسسىسى، «جۇڭگو ديابېت كېسىلىنى داۋالاش قۇرۇلۇشى» نىڭ باش مەسئۇلى بولۇش سالاھىيىتىدە، 19 يىللىق ئەجىر مېۋىسى، يەنى ديابېت كېسىلىنىڭ دورىسى «شىپايى كارامەت» نى تەتقىق قىلىپ، دىيارىمىزلا ئەمەس، پۈتكۈل جۇڭگوغا سۇندى، دىيارىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىقتىساد شارائىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ، باھاسى مۇۋاپىق ھالدا ئىچكىرىدىكى باھاسىدىن چۈشۈرۈلۈپ، بىر يۈرۈش «شىپايى كارامەت» 480 يۈەنگە بېكىتىلدى، توردا، ئۈندىداردا ياكى تېلېفوندا سېتىۋالغۇچىلار ئادرېسىنى قالدۇرسىلا ھەر قايسى جايلارغا يەتكۈزىلىدۇ.

     ئالاقىلىشىش نومۇرى :

    ئابدۇللا-18999989767 




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز