20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىدا، بارغانسېرى كۆپلىگەن مۇسابىقە ئاپتوموبىلى كوچىلاشتۇرۇلۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى بايلارنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندى. بۈگۈنكى باش قەھرىمان بولسا دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە بارلىققا كەلگەن. تۆۋەندە بىز بۇ نۇسخا ماشىنا تىپى پورسچى 911 GT 1 Evolution بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
1995-يىلى، پورسچى يېڭى بىر ئەۋلاد مۇسابىقە ئاپتوموبىلى 911 GT1 نى ئېلان قىلغان. 1996-يىلى پورسچى 911 GT1 تۇنجى قېتىم لىمانىس 24 سائەت چىدام مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەمدە GT1 دەرىجىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن. 1997-يىلى پورسچى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخا 911 GT1 Evo مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى چىقىرىپ، قايتا لىمانىس 24 سائەت چىدام مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. ئەمما بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە پەقەت خۇسۇسىي ماشىنا ئەتىرىتىدىكى 911 GT1 Evo ئومۇمىي بەشىنچىلىك ۋە GT1 دەرىجىسىدە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكەن. 1998-يىلى، پورسچى قايتا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىلگەن 911 GT1 '98 نى چىقارغان. شۇ يىلى، پورسچى ئىككى يۈرۈش 911 GT1 '98 غا تايىنىپ لىمانىس 24 سائەت چىدام مۇسابىقىسىدە ئىككىنچىلىككە ئېرىشكەن. پورسچى 1996-يىلىدىن باشلاپ كوچا نۇسخىسىنى ئىشلەپچىقارغان.
ماتىرىيالدىن قارىغاندا، سىرتقا سېتىلىدىغان كوچا نۇسخىسى ئىككى نۇسخىغا ئايرىلىدۇ، ئايرىم-ئايرىم 1996-يىلى ئىشلەپچىقارغان 993 قاتارى ئاساسىدىكى نۇسخا ۋە 1997-يىلى ئىشلەپچىقارغان 996 قاتارىدىكى نۇسخا. ئالدىنقىسىنىڭ چەكلىك مىقدارى بەش يۈرۈشتىن ئاشمايدۇ، سىرتقا سېتىلغان مىقدارى تېخىمۇ ئاز، 911 GT1 كوچا نۇسخىسى ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان نۇسخىسى. 1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە، پورسچى 911 GT1 كوچا نۇسخىسىدىن سىرتقا جەمئىي 25 يۈرۈش ساتقان.
گەرچە 911 GT1 كوچا نۇسخىسى ئىككى نۇسخا ئوخشىمىغان سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىدار پارامېتىرى يەنىلا بىردەك. كوچا نۇسخىغا 3.2L لىق تەكشى ياتقۇزۇلغان ئالتە سىلىندىرلىق قوش پىرقىرىغۇچلۇق بېسىم ئاشۇرغۇچى ماتور سەپلەنگەن، ئالتە خوتلۇق قول خوتلۇق سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ ماسلاشتۇرۇلغان. ئوتتۇرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماتور، ئارقا چاق قوزغىلىش ئورۇنلاشتۇرىشى قوللانغان، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 544bhp@7,000rpm، چوققا بۇرۇلۇش مومىنىتى 600Nm@4,250rpm. ماشىنا گەۋدىسىدە زور مىقداردا كاربون تالالىق ماتېرىيال ۋە ئالىيۇمىن-ماگىني قېتىشمىسى ئىشلىتىلگەنلىكتىن، ماشىنا گەۋدىسى ئېغىرلىقى ئاران 1,200kg كېلىدۇ. 0-100km/h تېزلىنىشقا ئاران 3.9 سىكۇنت كېتىدۇ، 0-200km/h تېزلىنىشقا 10.5 سىكۇنت كېتىدۇ، ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 310km/h غا يېتىدۇ.
ھازىر بايلارنىڭ بۇ نۇسخا ماشىنا تىپىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتى بار بولدى، تىپ نومۇرى 14/25 بولغان پورسچى 911 GT1 Evolution نۇسخىسى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى سۇسبىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنىدا سېتىلىدۇ، بۇ ماشىنىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باھاسى 3 مىليون دوللاردىن 3.30 مىليون دوللار ئارىسىدا (تەخمىنەن 19.48-21 مىليون يۈەن).