3-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1250 دوللار ئەتىراپىدا ئايلاندى؛ ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەپ 1250 دوللاردىكى چوڭ توسالغۇ نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلەش ھالىتىنى كۆرسەتكەن، ھەم ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى 1248.30 دوللارغا يېقىنلاشقان. ئاساسلىقى ئالدىنقى جۈمە كۈنى بازارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى يىغىنىدا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس دەپ مۆلچەرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان 2-ئايلىق ئىمپورت مال باھا كۆرسەتكۈچى ئايلىق نىسبىتى سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىمۇ ئالتۇن كۈمۈش باھاىسغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن.
بۈگۈن ئاسىيا بازىرى ۋاقتىدا، ھەر قايسى مەھسۇلاتلارنىڭ بازار ئېچىلىش ۋاقتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ؛ بۇنىڭدىن سىرت، يېقىنقى مەزگىللەردە جۇڭگو مەركىزى بانكىسىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىش- قوللانماسلىقى ۋە جۇڭگو بازىرىنىڭ ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ.
ياۋروپا بازىرى ۋاقتىدا، ياۋروپا رايونى سانائەت مەھسۇلاتى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئارقىدىنلا نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى نېفىت بازىرىنىڭ ئايلىق دوكلاتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ، بۇ دوكلات نېفىت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى يۆنىلىشىگە يېتەكچى بولىشى مۇمكىن.
ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققتىدە بولدۇ؛ ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىر قەدەر چەكلىك بولدۇ.
ئەسكەرتىش:
ئادەتتە 1 ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛
بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى 6.4913 يۈەن؛
ئەگەر سىز ئىقتىساد تۈرىدىكى ئۇچۇرلارغا قىزىقسىڭىز ياكى تەپسىلى چۈشىنىپ بېقىشنى خالىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولدۇ؛
ئالاقىلىشىڭ: 0991-8588854 ، 0991-8588824 ، 4000991014
ئەسلى مەنبەنى چېكىپ ئىلكان تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
ئەسلى مەنبە :ئىلكان ئىقتىساد تورى