يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • «گۈزەل ۋە خاسىيەتلىك» ئاپتوموبىل –ئاۋدى R8
  • تېسلا MODEL X 75D تىپىنى چىقاردى
  • ۋولكىسۋاگېن 2017-نۇسخا Polo R نىڭ مۇقەددىمە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
  • ئاستون مارتىن GT8 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرئىتى ئاشكارلاندى
  • ئونىنچى ئەۋلاد خوندا سىۋىك زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟
  • ئېلىكترونلۇق نۇسخىدىكى يېڭى سانتافى-خۇاتەي xEV260 ئاپرېلدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • زاپاس بالوننى ئىشلىتىش-ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • بۇلى يوق ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالامسىز ؟
  • گۇگۇلنىڭ يېڭى پاتنېتى: شوپۇرسىز ماشىنا يۆنىلىش بۇراش سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
  • شەرق شامىلى خوندا يېڭى سىۋىك بازارغا سېلىندى
  • ماشىنا ماتورىنىڭ 1.5L ۋە 1.5T نىڭ نېمە پەرقى بار؟
  • تېسلا يېڭى نۇسخا MODEL S نى ئېلان قىلدى
  • شەرق شامىلى A9 رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 179 مىڭ يۈەن
  • 2016-يىللىق ئىتالىيە برېسىيا ماشىنا ۋە قەھۋە پائالىيىتىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار
  • ئاستون مارتىن DB11 بېيجىڭ كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودا تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    خوندا 3 مىنۇت ھىدروگېن قاچىلاپ، 500 كىلومېتىر ماڭالايدىغان ئاپتوموبىلنى بازارغا سالدى

    مەنبە :toutiao.com       يوللىغۇچى : جاھانكەزدى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    يېقىندا خوندا ياپونىيە بازىرىدا Clarity Fuel Cell ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلغان باتارېيەلىك ئاپتوموبىلنى رەسمىي بازارغا سالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، باھاسى 7.66 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 430 مىڭ يۈەن) ئەتراپىدا ئىكەن. 

    خوندا Clarity Fuel Cell دۇنيادىكى تۇنجى نۇسخىدىكى ھىدروگېن گازىنى يېقىلغۇ قىلغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان بەش كىشىلىك ئاپتوموبىل بولۇپ، خوندا شىركىتى بىرىنچى يىلىدا 200 دانە سېتىشنى ئۈمىد قىلغان. بۇ ئاپتوموبىلنىڭ خېرىدارلىرى ئاساسەن ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش كارخانىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىكەن. 

    تېخنىكىلىق ئۆلچەم جەھەتتىن، Clarity Fuel Cell نىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى 1890 كىلوگىرام، ئۇزۇنلۇق، كەڭلىك ۋە ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 4895×1875×1475mm، ھەرىكەت سىستېمىسى %33 كىچىكلىتىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى 3.5 لىتىرلىق V6 ماتور بىلەن تەڭ چوڭلۇقتىكى يېقىلغۇ باتارېيە ھەرىكەت كۈچى بۆلىكى سەپلەنگەن. 

    ھىدروگېن يېقىلغۇ باتارېيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 136 ئات كۈچى بولۇپ، لىتىي باتارېيەسىنىڭ ياردىمىدە. ئېلېكتىر ماتورنىڭ ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 176 ئات كۈچىگە يېتىدىكەن. 

    ئەگەر ھىدروگېن يېقىلغۇسى تۈگەپ كەتسە، Clarity Fuel Cell ئۈچ مىنۇتتىلا 70Mpa لىق يۇقىرى بېسىمدىكى ھىدروگېن باكىنى تولدۇرالايدىغان بولۇپ، بۇ يېقىلغۇ بىلەن ئۇدا 482 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدىكەن. 

    خوندا شىركىتى ياپونىيەدە Clarity Fuel Cell ئاپتوموبىلىنى بازارغا سېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان Power Exporter 9000 ھىدروگېن گازى توك مەنبەسىنىمۇ سېتىشقا باشلىغان. باھاسى 1.18 مىليون ياپونىيە يېنى (تەخمىنەن 67 مىڭ يۈەن) بولۇپ، ئاپتوموبىلغا ‹‹ھەرىكەتچان باتارېيە›› قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز