يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • بۈگۈن نېمە ئۈچۈن ئالما ئەپ دۇكانلىرىنىڭ رەڭگى يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىپ قالدى؟
  • LG شىركىتى پولشادا ماشىنا ئاككۇمۇلياتورى زاۋۇتى قۇرۇشنى پىلانلىدى
  • گېرمانىيە تەقلىدىي تېلېۋىزىيە سىگنالىنى توختاتماقچى
  • تەيجىدىيەننىڭ 1- پەسىللىك پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %18 تۆۋەنلەپ كەتتى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    ئالما ماركا قىممىتى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىرىنچى بولدى

    مەنبە :cnbeta.com       يوللىغۇچى : دىلشات ئابلىز       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    ئالما شىركىتىنىڭ بازار قىممىتى جەھەتتىكى ئورنى گۇگۇل (ئانا شىركىتى Alphabet) نىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ماركا قىممىتى جەھەتتە، ئالما ئىزچىل شەك-شۈبھىسىز ھالدا دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەينىگە تىزىلغان ماركىلار بىلەن بولغان پەرقىمۇ خىلى روشەن ھالدا چوڭ. ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق ماركا باھالاش ئورگىنى Brand Finance بۈگۈن «2016-يىللىق دۇنيادىكى ماركا قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 500 كارخانا رەت-تەرتىپى» نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئالما شىركىتى ئۆزىنىڭ 145.918 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتىگە تايىنىپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئالما شىركىتى بۇ رەت-تەرتىپتە بۇلتۇرمۇ بىرىنچى بولغان ئىكەن. گۇگۇل بولسا 94.184 مىليارد دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان، گەرچە بىرىنچى ئورۇندىكى ئالما شىركىتى بىلەن بولغان پەرقى خېلى زور بولسىمۇ، ئەمما گۇگۇلنىڭ بۇ رەت-تەرتىپتىكى ئورنى بۇلتۇرقىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى ئۆرلىگەن.

    ئالما بىلەن گۇگۇلدىن باشقا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىمۇ ئالدىنقى ئون كۈچلۈك ماركا ئىچىدىن ئورۇن ئالغان، بۇلتۇر بۇ شىركەت ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرەلمىگەن. ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ماركىلار تەرتىپ بويىچە: ئالما، گۇگۇل، سامسۇڭ، ئامازون، مىكروسوفت، ۋېرىزون، AT&T، ۋولمارت، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى ۋە ئامېرىكا WELLS FARGO بانكىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

    ئىگەللىنىشىچە، ماركا قىممىتىنى باھالاش ئۆلچىمى مەھسۇلات رىقابەت كۆرسەتكۈچىسى (BSI)، ئىستېمالچىلارنىڭ ماركىغا بولغان سادىقلىق دەرىجىسى ۋە بازار ئېچىش مەبلىغى قاتارلىق جەھەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. رەت-تەرتىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن. ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ ماركا قىممىتى ئوخشىمىغان تۈردىكى قاتتىق دېتال ۋە يۇمشاق دېتاللار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدىغان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئېچىلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن، ئالما ماركىسىنىڭ قىممىتى داۋاملىق ئۆرلەيدىكەن.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز