ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
TheVerge تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سونىي يېڭى قۇرغان تەتقىقات ئورگىنى كەلگۈسى تەجىربىخانىسى (Future Lab) ئامېرىكا تېكساس شىتاتى ئوستىندا ئۆتكۈزۈلگەن SXSW كۈنىدە ئۆزىنىڭ تۇنجى نۇسخا ئۇقۇم مەھسۇلاتىنىڭ ئەسلى تىپى: بويۇنغا تاقايدىغان تىڭشىغۇچنى كۆرسەتتى، ئۇ ئاۋازغا يىتەكچىلىك قىلىپ تاقىغۇچى ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئىسمى Project N بولغان بۇ كۆك چىش ئۈسكۈنىسى سىرتقى كۆرۈنىشى غەلىتە، بويۇنغا تاقىغىلى بولىدىغان تىڭشىغۇچ لايىھەسىدىن پايدىلانغان، ئوخشاشلا كۆپ خىل يۆنىلىشتىكى ياڭراتقۇ ماسلاشتۇرغان، قۇلاققا كىرگۈزمەيمۇ مۇزىكا ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
Project N ئارقىسىدىكى ئىدىيە بولسا بىر يېڭى سىستېما قۇرۇش، تاقىغۇچى سىرتتا ياكى ۋېلسىپىت مىنگەندە مۇزىكا ئاڭلىيالايدۇ، ئوخشاشلا ئارقا كۆرۈنۈش شاۋقۇننى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئۈسكۈنىگە يەنە ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان كۇنۇسسىمان تىڭشىغۇچ تۇرۇپكىسى ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئابونىتنىڭ ئەنئەنىۋى تىڭشىغۇچ ئورنىدا سىناپ بېقىشىغا قولايلىقلاشتۇرغان. بۇ تىڭشىغۇچنىڭ مەركىزىدە بىر كىچىك تۆشۈك بار، ئۇ شاۋقۇننى توسىمايدۇ، شۇڭا مۇزىكا ئاڭلىغان ۋاقىتتا يەنىلا پاراڭلاشقىلى بولىدۇ.
Project N گە يەنە ئاۋاز كونتروللىغۇچ ۋە تېلكامېرا ماسلاشتۇرۇلغان، مەلۇم نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ GoogleGlass قا ئوخشايدۇ، پەقەت زەنجىرگە ئوخشاش تاقىغىلى بولمايدۇ. ئۇ گۇگېل تاقىما ئۈسكۈنىسىدەك ئۇنداق ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولمىدى ھەم ئۇنداق مودىمۇ ئەمەس.