يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خۇاۋېي شىركىتى تۇنجى VR كۆز ئەينىكىنى ئېلان قىلدى
  • جۇڭگو پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبجامال جياجيا ئىنتېراكتىۋ ماشىنا ئادەم ياساپ چىقتى
  • iOS نەشرىدىكى Gear ئەپ دېتالى بارلىققا كەلدى
  • ئالما شىركىتى كونا iPhone لاردىن 260 مىليون يۈەنلىك ئالتۇن يىغىۋالدى
  • خۇاۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىلەيزۈكى B3 رەسمىي ئېلان قىلىندى، باھاسى 999 يۈەندىن باشلىنىدۇ
  • ئالما سامسۇڭ بىلەن 2.6 مىليارد دوللارلىق OLED ئېكرانى كېلىشىمى ئىمزالىدى
  • شىفىرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئالما يەنە بىر قېتىم FBI بىلەن تۇتىشىدىغان بولدى
  • ئالما IOS10 سىستېمىسىنىڭ ئۇقۇم لايىھەسىنى ئاشكارىلىدى
  • گۇگۇل Live Case نۇسخىلىق يانفون قوغداش قېپىنى ئېلان قىلدى
  • مىكروسوفىت iOS نۇسخىسىدىكى ۋىنفون كۇنۇپكا تاختىسى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
  • LG gram 15 نۇسخىلىق تاختا كومپىيۇتېر ئامېرىكىدا بازارغا سېلىندى
  • Surface Phone كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدۇ
  • گوللاندىيە ئۇنىۋېرسىتېتى باكتېرىيىدىن باتارىيە ياساپ چىقتى
  • مىكروسوفىت ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى سوتقا ئەرز قىلدى
  • ئامازون پات ئارىدا يېڭى نۇسخىدىكى تاختا كومپىيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    LG G5 نىڭ سېتىلىش مىقدارى Galaxy S7/S7 edge گە يېتەلمەسلىكى مۇمكىن

    مەنبە :mobile.163.com       يوللىغۇچى : خالمۇرات بەكرى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

         MWC2016 كۆرگەزمىسى ئاخىرلاشقانلىقىغا يېرىم ئاي بولۇپ قالدى، بۇ كۆرگەزمىدە تۇنجى بولۇپ ئېلان قىلىنغان سامسۇڭ Galaxy S7 ۋە Galaxy S7 edge نىڭ دۆلەت ئىچى نۇسخىسى شاڭخەيدە رەسمىي ئېلان قىلىندى، ھەمدە بۇ يانفون 3-ئاينىڭ 11- كۈنى دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەتتە سېتىلىشقا باشلىدى، بۇنىڭدىن سامسۇڭنىڭ كۈچلۈك تەمىنلەش زەنجىرى ۋە سېتىش تورىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

         يېقىنقى بىر نەچچە يىللىق MWC كۆرگەزمىسىگە قارايدىغان بولساق، كۆپلىگەن يانفون كارخانىلىرىنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ بىلەن HTC كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن كارخانىلار بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى MWC كۆرگەزمىسى HTC One تۈرىدىكى يانفونلار بىلەن Galaxy S تۈرىدىكى يانفونلارنىڭ رىقابەت مەيدانىغا ئايلاندى. ئەپسۇسكى يانفون كەسپىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغاچقا HTC بۇيىل MWC دە HTC One M10 نىڭ ئېلان قىلمىدى، ھەمدە مۇھىم نۇقتىنى VR مەھسۇلاتىغا قاراتتى، لېكىن بۇقېتىملىق MWC دە سامسۇڭ S7/S7 edge بىلەن رىقابەتلىشىدىغىنى LG G5 بولدى.

         سامسۇڭ ۋە LG ئۆزىنىڭ يېڭى بايراقدارى S7/S7 edge ۋە LG G5 نى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، چەتئەل ئاخبارات ۋاستىسى PhoneArena  توردا بۇ ئىككى يانفوننىڭ قايسى تېخىمۇ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئەلۋەتتە ماركا تەسىرى بويىچە قارىغاندا سامسۇڭ S7/S7edge مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولسىمۇ  تەكشۈرۈش نەتىجىسى بۇنداق بولمىدى.

         تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا %50.84 ئىشلەتكۈچى S7/S7 edgeنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، %49.16 ئىشلەتكۈچى بولسا LG G5 نى تاللىدى، دېمەك LG G5 مۇ ئوخشاشلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

         بۇندىن سىرت LG G5 باتارىيىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەمدە ئوخشىمىغان مودۇللارنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغانلىق لاھىيەسى ئارقىلىق ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، يانفون ساھەسىمۇ يانفوننىڭ يېڭى ھالىتى ۋە مودۇللاشقان يانفوننىڭ كەلگۈسىنى كۆردى. بۇ جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا S7/S7 edge نىڭ ئارتۇقچىلىقى كۆپ بولمىغاچقا LG G5 ياخشى باھاغا ئېرىشىپلا قالماستىن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ نۇقتىلىق خەۋەر قىلىشىغا ۋە يانفون ساھەسىنىڭ قىزغىن مۇھاكىمە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

         گەرچە LG G5 كۆپچىلىكنىڭ دېققەت قىلىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ساھەسىكى كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار سامسۇڭ S7/S7 edge نىڭ سېتىلىش مىقدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارىماقتا، ئانالىزچى CW Chung بالدۇرلا LG G5 نىڭ بازار ئېھتىياجىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، نېمە ئۈچۈن LG G5 نىڭ سېتىلىش مىقدارى سامسۇڭ S7/S7 edge نىڭ سېتىلىش مىقدارىغا يەتمەيدۇ ؟

         سامسۇڭ S7/S7 edge گە يەنىلا ئىنتايىن چوڭ بازار ئېھتىىياجى بار

         LG نىڭ بۇلتۇرقى بايراقدار يانفونى LG G4 نىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن ئادەتتكىچە بولۇپ شۇڭا بىز دەسلەپدىلا LG G5 دىن كۆپ ئۈمىد كۈتمىگەن. لېكىن LG G5 بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلار نۇرغۇن ئىشلەتكۈچى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. LG G5 نىڭ مودۇللاشقان ۋە قوش كامېرالىق لاھىيسى ئىنتايىن  يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ.

         گەرچە سامسۇڭ S7/S7 edge دېگندەك ئۆزگىچە بولمىسىمۇ لېكىن كۆپلىگەن ئىستىمالچىلار تەرىپىدىن ياخشى مەھسۇلات دەپ قارىلىدۇ، سامسۇڭ S7/S7 edge نىڭ سىرتقى شەكىل لاھىيسى ئالدىنقى ئەۋلاد مەھسۇلات ئاساسىدا «ئۆزگەرتىلگەن» بولسىمۇ، لېكىن بۇ دەل سامسۇڭ S7/S7 edge نىڭ ئارتۇقچىلىقى بولۇپ قالدى، چۈنكى ئىستىمالچىلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئەلالاشتۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يانفونغا زور ئېھتىياج بوشلۇقى ئاچقان. مەسىلەن ئوتتۇرا رامكىنىڭ قولغا تېگىش تۇيغۇسى ياخشى بولماسلىقىنى ھەل قىلىش، microSD كارتىنى قوللاش ۋە سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى قوشۇش قاتارلىقلار. ھەمدە سامسۇڭ S7/S7 edge نىڭ سىرتقى شەكلى تېخىمۇ كۆركەم.

    ئۇندىن سىرت سامسۇڭ S7/S7 edge ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ بازار ئېتىياجى پەيدا قىلىش ئۈچۈن Samsung Pay ،S كەزمە مۇلازىمەت قاتارلىق خاس مۇلازىمەتلارنى يولغا قويدى ھەمدە سېستىما تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ ئويۇن ئويناش مۇھىتىمۇ ياخشىلىلاندى، گەرچە بۇ ئىقتىدارلار ئىستېمالچىلارنىڭ تايىنىشچانلىقىنى ئاشۇرالمىسىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ بازار ئېھتىياجىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ، بۇ دەل LG G5 دە ھازىر كەم بولىۋاتقان مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.

    گەرچە LG G5 ياخشى باھا ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمدە ئۆزگىچە لاھىيەسى بۇ يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارىدا ياخشى رول ئوينىسىمۇ بازار يەنىلا سامسۇڭ S7/S7 edg تەرەپتە بولۇپ بىر تەرەپتىن سامسۇڭ eS7/S7 edg نىڭ تېخىمۇ چوڭ بولغان بازار ئېھتىياجى بار يەنە بىر تەرەپتىن سامسۇڭنىڭ ماركا تەسىر كۈچى، تەمىنلەش ۋە سېتىش لىنىيەسىدە تېخىمۇ چوڭ ئەۋزەللىكى بار شۇڭا LG G5 سېتىلىش مىقدارىدا سامسۇڭ S7/S7 edg دىن ئېشىپ كېتەلىشى ناھايىتى تەس.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز