تۈركىيە خەۋەرلەر تورى قانىلى، : تۈركىيە فىلىملىرى يېقىندىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە، بۇ فىلىملەرنىڭ ۋەقەلىكىدىن سىرت، كىشىلەرگە بېرىدىغان ئىستېتىك گۈزەللىكى جەھەتتىكى ھوزۇر ھەققىدە توختىلىش ھاجەتسىز. ئۇ قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدا تۈركىيە كىيىم-كېچەك، گىرىم بۇيۇملىرى قىزغىنلىقىنى ئەۋجىگە چىقاردى. ئۇنداقتا سىز مەستانە بولغان تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى باھاسىنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنۇلىدىغىنى ئاخىرقى 10 يىلدا قويۇلغان، تۈركىيەنىڭ ئەڭ نادىر 10 فىلىمى، بۇ فىلىملەرنى سىز كۆرگەنمۇ؟ بۇ Filmloverss تەرىپىدىن تاللاپ چىقىلغان، ئاخىرقى 10 يىلدىكى تۈركىيەنىڭ ئەڭ نادىر 10 فىلىمى.
10. نۇقسانسىزلار
رېژىسسور: رامىن ماتىن
پۇسان خەلقئارا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن فىلىم بولۇپ، لالە ۋە ياسىمەندىن ئىبارەت ئىككى ئاچا-سىڭىلنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن.
9. تەقۋا
رېژىسسور: ئۆزەر كىزىلتان
سىنارىست: ئوندەر جاكار
بېرلىن خەلقئارا كىنو بايرىمىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
8. دادام ۋە ئوغلۇم
رېژىسسور: چاغان ئىرماك
سىنارېسىت: چاغان ئىرماك
تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن تەسىرلىك بىر فىلىمى بولۇپ، 2007-يىلى ئىستانبۇل خەلقئارا كىنو بايرىمىدا ئەڭ نادىر ئەر باش پېرسۇناژ، ئەڭ نادىر ئايال باش پېرسۇناژ شۇنداقلا خەلقنىڭ تاللىشىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
7. قاراۋۇلخانا
رېژىسسور: پەلىن ئەسمەر
6. ئانار
رېژىسسور: ئۈمىت ئۈنال
سىنارېسىت: ئۈمىت ئۈنال
5. سەن كېچىنى يورۇتىسەن
رېژىسسور: ئونۇر ئۈنلۈ
4. ئانادولۇدىكى چاغلار
رېژىسسور: نۇرى بىلگە چەيلان
3. ژىن
رېژىسسور: رەھا ئەردەم
2. قىش ئۇيقۇسى
رېژىسسور: نۇرى بىلگە چەيلان
1.كوسموس
رېژىسسور: رەھا ئەردەم