13-مارت، پىچان يېزىسىدا قانات يايدۇرۇلغان مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مىجىت ئىبراھىم، قادىر غوپۇرلار خەۋىرى، فوتوسى: دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ ئەتىياز پەسلىدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن،مارت ئېيى كىرگەندىن بۇيان پىچان ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى «تەنتەربىيەنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. بۇ پائالىيەت يېزا-كەنتلەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/14/content_509024.htm