يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • «گۈزەل ۋە خاسىيەتلىك» ئاپتوموبىل –ئاۋدى R8
  • تېسلا MODEL X 75D تىپىنى چىقاردى
  • ۋولكىسۋاگېن 2017-نۇسخا Polo R نىڭ مۇقەددىمە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
  • ئاستون مارتىن GT8 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرئىتى ئاشكارلاندى
  • ئونىنچى ئەۋلاد خوندا سىۋىك زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟
  • ئېلىكترونلۇق نۇسخىدىكى يېڭى سانتافى-خۇاتەي xEV260 ئاپرېلدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • زاپاس بالوننى ئىشلىتىش-ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • بۇلى يوق ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالامسىز ؟
  • گۇگۇلنىڭ يېڭى پاتنېتى: شوپۇرسىز ماشىنا يۆنىلىش بۇراش سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
  • شەرق شامىلى خوندا يېڭى سىۋىك بازارغا سېلىندى
  • ماشىنا ماتورىنىڭ 1.5L ۋە 1.5T نىڭ نېمە پەرقى بار؟
  • تېسلا يېڭى نۇسخا MODEL S نى ئېلان قىلدى
  • شەرق شامىلى A9 رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 179 مىڭ يۈەن
  • 2016-يىللىق ئىتالىيە برېسىيا ماشىنا ۋە قەھۋە پائالىيىتىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار
  • ئاستون مارتىن DB11 بېيجىڭ كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودا تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    كىيا K7 نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جاسۇسلۇق سۈرىتى ئاشكارىلاندى

    مەنبە :auto.qq.com       يوللىغۇچى : جاھانكەزدى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-14

    يېقىندا كىيا K7 نىڭ دۆلەت ئىچىدە يولدا سىناۋاتقان جاسۇسلۇق سۈرىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە جۇڭگوغا كىرىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. 

    كىيا شىركىتى ئۆتكەن يىلى كورېيەدە يېڭى بىر ئەۋلاد K7 ئاپتوموبىلى تىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، پۈتۈنلەي يېڭى لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلغان. بۇ قېتىم دۆلەت ئىچىدە ئاشكارىلانغان جاسۇسلۇق سۈرىتىدىن قارىغاندا، گەرچە يولدا سىنىغاندا ناھايىتى قېلىن نىقاب ئىشلەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ تىك شەكىلدىكى ھاۋا كىرىش رېشاتكىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رېشاتكىلارنىڭ ئارىسىغا يەنە رادار بۆلەكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۇڭا، بۇ قېتىم يولدا سىنالغان ئاپتوموبىل تىپى چەتئەلدىكى ئاپتوموبىل تىپى بىلەن بىردەك بولۇشى مۇمكىن. 

    كىيا پۈتۈنلەي يېڭى K7 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرىتى

    چەتئەل نۇسخىسىدىكى K7 نىڭ ئورگان سۈرىتى

    يېڭى ئاپتوموبىلغا تىك شەكىلدىكى ھاۋا كىرىش رېشاتكىلىرى ئىشلىتىلگەن، رېشاتكىلارنىڭ ئارىسىغا يەنە رادار بۆلەكلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

    قۇيرۇق قىسمىغا قارايدىغان بولساق، يېڭى بىر ئەۋلاد K7 ئاپتوموبىلغا LED نۇر مەنبەلىك قۇيرۇق چىراغلار سەپلەنگەن، ئارقا بىخەتەرلىك لىمىنىڭ ئاستى قىسىمىغا يەنە قوش گاز چىقىرىش تۇرۇبىسى ئورنىتىلغان. 

    ئاپتوموبىل گەۋدىسى ناھايىتى ئۇزۇن

    كىيا پۈتۈنلەي يېڭى K7 نىڭ دۆلەت ئىچىدىكى جاسۇسلۇق سۈرىتى


    ھەرىكەت كۈچى جەھەتتىن، يېڭى K7 گە 3.3L V6 GDI ماتور سەپلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى قۇۋۋىتى 282 ئات كۈچى. ھەرىكەت ئۇزىتىش جەھەتتىن، ماتورغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، سەككىز خوتلۇق ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتكۈچ سەپلەنگەن. بۇنىڭدىن باشقا، كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزگە كىرىدىغان ئاپتوموبىل تىپىدىن يەنە 2.4L ۋە 2.0T نۇسخىسى بولۇشى مۇمكىن.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز