ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
2016-يىلى 14-مارت سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت نۆل (شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 16) دە 2015-2016-مۇسابىقە پەسللىك ئېنگىلاند ھەممە بىرلەشمە لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە كونا تىراففورد مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە قىزىل ئالۋاستى قوشۇنى مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانىدا غەربىي ھام بىرلەشمىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.
بۇ ئىككى كوماندا تارىختىن بۇيان ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 130 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، مانچېستىر بىرلەشمىسى 61 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 28 مەيدان تەڭلىشىپ، 41 مەيدان مەغلۇب بولغان. 240 توپ كىرگۈزۈپ، 167 توپ كەتكۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانىدا 46 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 7 مەيدان تەڭلىشىپ 14 مەيدان مەغلۇب بولغان، 151 توپ كىرگۈزۈپ 63 توپ كەتكۈزگەن. يېقىنقى 10 مەيدان مۇسابىقىدە مانچىېستىر بىرلەشمىسى 6 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 4 مەيدان تەڭلىشىپ، مەغلۇب بولۇپ باقمىغان.
مانچېستىر بىرلەشمىسى ھەپتە ئارىلىقىدىكى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى ئايلانمىسىدا مېھمان مەيداندا لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە 0-2 نەتىجە بىلەن مەغلۇب بولۇپ، ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقا مۇسابىقىسىدە داۋاملىق ئىلگىرلەپ 8 كۈچلۈككە كىرىشتە خەتەرلىك ئەھۋالدا قالدى. كېيىنكى ھەپتە مانچېستىر بىرلەشمىسى ئۆز مەيدانىدا لىۋېرپول كوماندىسى بىلەن 2-ئايلانما مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ. ئۈزلۈكسىز ھالدا ھەپتىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقىلىشتەك جىددى ئەھۋالدا مانچېستىر بىرلەشمىسى بۈگۈنكى ئۆز مەيدانىدا غەربىي ھام بىرلەشمە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسى مەشقاۋۇل ۋانگالغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە مانچېستىر بىرلەشمىسىدىن داۋىد دېھىيا، مارشال، ھېررېرا قاتارلىق ماھىرلار، غەربىي ھام بىرلەشمىسىدىن ئانتونى، لانزىنى، نوبېل، دىمىترى پايېت قاتارلىق ماھىرلار مەيدانغا چۈشۈپ كەسكىن رىقابەتتە مۇسابىقىلەشتى. گەرچە ئىككىلا كوماندا ئەزالىرى كەسكىنلىك بىلەن رىقابەتلەشكەن بولسىمۇ، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا توپ كىرگۈزەلمەي 0-0 نەتىجە بىلەن كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىغە قەدەم قويدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 68 مىنۇت بولغاندا غەربىي ھام بىرلەشمىسى ئالدى مەيداندا بىر ئىختىيارىي توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ دىمىترى پايېت توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، نەتىجە 1-0 غەربىي ھام بىرلەشمىسى بىر توپ ئۈستۈنلىككە ئېرىشتى.
مانچېستىر بىرلەشمىسىدىكى ئەزىمەتلەر ھودۇقماستىن تەمكىنلىك بىلەن قايتارما ھۇجۇم تەشكىللەپ، مۇسابىقە رېتىمىنى كونترول قىلىپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 83 مىنۇت بولغاندا ھېررېرانىڭ ئوڭ تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ قاپقىغا تەپكەن توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تېگىپ كەينىگە ياندى، مارشال پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. نەتىجە 1-1. كېينكى 7 مىنۇتلۇق مۇسابىقە جەريانىدا ئىككىلا كوماندا ئەزالىرى غەيرەت بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كەلگەندە غەربىي ھام بىرلەشمىسىدىكى ئانتونى بىر بۇلۇڭ توپنى ۋارتارغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئوفسايىت دەپ قارىلىپ ئىناۋەتسىز قىلىندى. ئەڭ ئاخىردا مۇسابىقە يەنىلا 1-1 نەتىجە بىلەن ئاياقلاشتى.
ئېنگىلاند ئۇيۇشما لوڭقىسى 4 كۈچلۈككە كىرىش ئۈچۈن ئىككى كوماندا قايتىدىن مۇسابىقىلىشىدۇ.