سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
14-مارت بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:30 دە 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى 29- ئايلانمىسىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى مېھمان مەيداندا لاس پالماس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىككى كوماندا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تارىختىن بۇيان 63 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، خانلىق مادرىد 43 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 13 مەيدان تەڭلىشىپ، 7 مەيدان مەغلۇب بولغان. 165 توپ كىرگۈزۈپ 56 توپ كەتكۈزگەن، مېھمان مەيداندا 33 مەيدان مۇسابىقىلەشكەن بولۇپ، 15 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 9 مەيدان تەڭلىشىپ 7 مەيدان مەغلۇب بولغان، 52 توپ كىرگۈزۈپ 37 توپ كەتكۈزگەن. مۇشۇ پەسىللىك تۇنجى ئۇچىرشىشتا خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانىدا 3-1 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلغان، لاس پالماس كۇلۇبىدىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان خېسې بىر توپ كىرگۈزۈپ مۇسابىقىنىڭ قىززىق نۇقتىسى بولۇپ قالغان ئىدى.
خانلىق مادرىتتىكى ئاساسلىق ئەزالاردىن بېنزىما، خامېس رودرىگۇز، كىروس، دانىلو مۇسابىقىغە چۈشمىدى. لاس پالماس كۇلۇبىدىن خانلىق مادرىدقا قوشۇلغان خېسې تۇنجى قېتىم ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى كوماندىسىغا رەقىب سۈپىتىدە مۇسابىقىغە چۈشىدۇ.
بارىسلونا ۋە مادرىد رىقابەت بۇ ئايلانمىدىكى مۇسابىقىسىنى غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ بولدى، خانلىق مادرىد بارىسلونا ۋە مادرىد رىقابەت بىلەن بولغان نومۇر پەرقىدە تېخىمۇ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چوقۇم غەلىبە قىلىشى كېرەك. زىدانې خانلىق مادرىتقا مەشقاۋۇل بولغاندىن بېرى خانلىق مادرىدنىڭ نەتىجىسىنى ئالاھىدە ياخشى بولدى دېگىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەشقاۋۇل زىدانىغا نىسبەتەنمۇ بېسىم ئېغىر.
دەسلەپتە مەيدانغا چۈشكەن ئەزالار :
خانلىق مادرىد كۇلۇبىدىن: ناۋاس، پې پې، ئاربىلويا، راموس، كارۋاخال، كاسمېرو، مودرىچ، ئىسكو، رونالدو، بېل، لۇكاس.
لاس پالماس كۇلۇبىدىن: سانتانا، مومو، چۇۋېدو، ۋېلليان، چارىدو قاتارلىقلار.
لاس پالماس كوماندىسىدكى ماھىرلار ئۆز مەيدانىدا توپ ئويناشتەك روھى جەھەتتىكى ئەۋزەللىگىدىن پايدىلىپ ناھايىتى جانىلق، تەرتىپلىك مۇسابىقە ئويناپ خانلىق مادرىد ئەزالىرىنى خېلىلام تەمتىرتىپ قويدى، لېكىن خانلىق مادرىد ماھىرلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلى كۈچىنىڭ كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىگىنى ئاستا-ئاستا جارى قىلدۇرۇپ، مۇسابىقە رېتىمىنى كونترول قىلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 24 مىنۇت بولغاندا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىر بۇلۇڭ توپقا ئېرىشىپ، توپ باشلاندى. خانلىق مادرىدنىڭ كاپىتانى راموس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ توپنى ئۈسۈپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە نەتىجىسى 1-0 . خانلىق ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، بۇ توپ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، خانلىق مادرىد ماھىرلىرىنىڭ جاسارىتىنى ئۇرغۇتۇپ تېخىمۇ ئېچىلىپ مۇسابىقىلىشىشىگە ئاساس سالدى.
مۇسابىقە داۋاملاشماقتا ھەرقايسى كوماندا ئەزالىرى خاتالىق سادىر قىلماسلىق ئۈچۈن ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇسابىقە رېتىمىنى كونترول قىلىپ پۇرسەت ئىزدىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلنىپ 15 مىنۇت بولغان مەشقاۋۇل زىدانى ئىسكونىڭ ئورنىغا كىۋاچىچنى ئالماشتۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 88 مىنۇت بولغاندا لاس پالماس ئالدى مەيداندا بىر ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ۋېلليان توپنى بىۋاستە ۋارتارغا تەپتى، توپ ئادەم تېمىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ۋارتارغا كىردى، نەتىجە 1-1 بولدى ، لاس پالماس ماھىرلىرىنىڭ خۇشاللىقى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، خانلىق مادرىد قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىر بۇلۇڭ توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. سول بۇلۇڭدىن تېپىلگەن توپنى كاسمېرو ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ، نەتىجىنى 2-1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا راموس قىزىل كارتا يېدى. پۈشتەك چېلىنىپ مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا ئىككى كوماندىدىكى ماھىرلارغا جەمئىي 10 سېرىق كارتام بىر قىزىل كارتا جازاسى بېرىلدى.