3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 10:00دا، 2015-2016-پەسىللىك ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 30 ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە توتتىنھام كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئاستۇن ۋېللا بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقتىدا، توتتىنھامدىن ئالى پاس چىقىرىپ كەين بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 84-مىنۇتىدا، توتتىنھامدىن ئالى پاس چىقرىپ كەين بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزۈەلمەي، توتتىنھام مېھمان مەيداندا 2-0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى، شۇنداقلا بىر مەيدان مۇسابىقىنى كۆپ ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىرلەشمىدىكى ئىككىنچىلىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.