بۇ يىل روزى ھېيىتتا سالمان خان بىلەن شاھرۇھ خاننىڭ فىلىمى «Sultan » ۋە «Raees» ئوخشاش ۋاقىتتا قويۇلىدۇ، بوللىۋود تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بېلەت كىرىمى رىقابىتى دەپ قارالغان بۇ رىقابەت تېخى يېقىنلاشماي تۇرۇپ كىنو مەستانىلىرى ۋە ھەتتا كىنوخانىلارمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ رىقابەت كەيپىياتىغا چۆمدى. كىشىلەر فىلىم سەۋەبلىك سالمان خان ۋە شاھرۇھ خان ئوتتۇرىسدا مەلۇم زىددىيەت، توقۇنۇش بولۇشنى پەرەز قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەكسىچە يېقىندا ئەپلىشىپ قالغان بۇ ئاغىنىلەر كىشلەر ئويلىغاندىنمۇ بەك ئىناق ئىجىل بولۇپ كەتمەكتە. يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردىن قارىغاندا سالمان خان بىلەن شاھرۇھ خان تۇنجى قېتىم رەسمىي ھەمكارلىشىدىكەن. سالمان خاننىڭ فىلىمى «Sultan» نىڭ تۇنجى تەشۋىقات ئېلان فىلىمى شاھرۇھ خاننىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇلىدىغان فىلىمى «Fan» گە باغلىنىدىكەن، يەنى كىشىلەر «سۇلتان» نىڭ تەشۋىقات فىلىمىنى تۇنجى قېتىم پەقەت شاھرۇھ خاننىڭ فىلىمىدە كۆرەلەيدۇ. بۇ 15-ئاپرىل شاھرۇھ خان مەستانلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە بېغىشلانغان فىلىم ئۈچۈن كىنوخانىغا كىرگەندىن باشقا، سالمان خاننىڭ مەستانىلىرىنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ چولپىنىنى كۆرۈش ئۈچۈن كىنوخانىغا كىرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
سالمان خان بىلەن شاھرۇھ خان ئىلگىرى «كاران ئارجۇن»، «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»، «ساداقەت» دېگەندەك فىلىملەردە تەڭ رول ئېلىپ ھەمكارلاشقان. لېكىن ئېلىپ بېرىلىش ئالدىدىكى ھەمكارلىق ئۇلارنىڭ تۇنجى قېتىم دوستانە ھالدا ئۆزلىرىنىڭ چولپانلىق تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ ھەمكارلىشىشى. «Fan» دېگەن بۇ فىلىم «شاھرۇھ خاننىڭ مەستانلىرىغا ئاتالغان فىلىم» دېگەن نامدا شاھرۇھ خاننىڭ مەستانىلىرى قوزغاتتى، ئەمدى يەنە ئاز ئۇچرايدىغان ئۇسۇلدا سالمان خاننىڭ مەستانىلىرىنىمۇ قوزغاتماقچى، قارىغاندا بۇ فىلىم ئاللىقاچان بېلەت كىرىمى جەھەتتە مەلۇم چوڭ رېكورت ۋە شان شەرەپلەرگە قاتتىق ئىرادە باغلىغان بولسا كېرەك.
يېقىندا، شاھرۇھ خان «سۇلتان» نىڭ سۈرەت ئېلىش مەيدانىغا بېرىپ سالمان خاننى يوقلىدى