بەزىدە ماشىنىنى توختىتىپ ئادەم ساقلاشقا توغرا كېلىپ قالىدۇ، بەزى شوپۇرلار ساقلاش جەريانىدا زېرىكىپ، رادىيونى ئېچىپ قويىدۇ ياكى مۇزىكا ئاڭلاپ ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قارىماققا ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، بىراق يەنە بىر يوشۇرۇن خەۋپى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئەگەر ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولسا، ئاككۇمۇلياتوردا توك قالماي، ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرغىلى بولمايدۇ.
ئاپتوموبىلنى توختىتىپ قويۇپ، قانچە ئۇزۇن ۋاقىت رادىيو ئاڭلىغاندا ئاككۇمۇلياتوردا توك قالمايدۇ؟ بۇ بەلكىم نۇرغۇن دوستلىرىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، 60Ah لىق ئاككۇمۇلياتور 12V بېسىم بىلەن رادىيوغا توك تەمىنلىسە، قۇۋۋىتى 10 ۋات ئەتراپىدا بولسا، ئەگەر باشقا توك تەمىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ساقلاش ھالىتىنى قوشقاندا، پۈتۈن ئاپتوموبىلنىڭ قۇۋۋەت سەرپىياتى 30 ۋاتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رادىيونى توختىماي 24 سائەت ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ ئاككۇمۇلياتور ناھايىتى ياخشى بولغان ھالەتتىكى نەزەرىيىۋى ھېسابلاش. ئەگەر CD ئىشلەتسەك ياكى چوڭ ئېكراندا سۈرەتلىك ناخشا كۆرسەك، ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، ئادەتتە پەقەت 4 سائەت ئەتراپىدىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
ئەگەر دىققەت قىلمىساق، ئاككۇمۇلياتوردا توك قالماي، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرغىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىش كېرەك.
بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ قالسىڭىز نەس باسقىنى شۇ، ئەگەر راستتىنلا ئۇچراپ قالسىڭىز، جىددىيلەشمەڭ، بۇنىڭمۇ ئامالى بار.
كونكرېت قەدەم-باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى قەدەم
ئالدى بىلەن بىر جۈپ ئاتلىتىپ ئۇلايدىغان توك سىمى بولۇشى كېرەك، بۇ ئاپتوموبىلدا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك نەرسە بولۇپ، باھاسى قىممەت ئەمەس، ئادەتتە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى بازىرىدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئاندىن باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئاككۇمۇلياتورىغا توك ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، باشقىلارمۇ ياردەم قولىنى سۇنىدۇ.
ئىككىنچى قەدەم:
ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ بېشىنى ‹‹يۈزمۇ-يۈز›› توختىتىپ، توكى قالمىغان ئاككۇمۇلياتورنىڭ مۇسبەت قۇتۇپى بىلەن ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىلنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنىڭ مۇسبەت قۇتۇپىنى ئۇلايمىز، ئاندىن توكى قالمىغان ئاككۇمۇلياتورنىڭ مەنپىي قۇتۇپى بىلەن ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىلنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنىڭ مەنپىي قۇتۇپىنى ئۇلايمىز.
ئۈچىنچى قەدەم:
سىمنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن، ياردەم بەرگۈچى ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرۇپ (توكى قالمىغان ئاپتوموبىلنى سەل كېيىنرەك ئوت ئالدۇرىمىز)، توكى قالمىغان ئاپتوموبىلنىڭ ئاككۇمۇلياتورىغا توك قاچىلايمىز. تەخمىنەن بىر مىنۇت ئەتراپىدا توك قاچىلىغاندىن كېيىن، توكى قالمىغان ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرساق بولىدۇ. ئوت ئالغاندىن كېيىن توك سىمىنىڭ قىسقۇچىنى ئېلىۋەتسەك بولىدۇ.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، توك سىمىنى ئۇلىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسبەت مەنپىي قۇتۇپلىرىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ تەتۈر ئۇلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە توك سوقۇۋېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئادەتتە ئاپتوموبىلنىڭ ئەسلى ئاككۇمۇلياتورىنىڭ ئۆمرى 2 يىلدىن 3 يىلغىچە بولىدۇ، بىراق بۇ سىزنىڭ ئاككۇمۇلياتورنى قانداق ئاسرىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ياخشى بولغان ئاپتوموبىل ئىشلىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئاككۇمۇلياتورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ:
1. ئاپتوموبىلنى ئوت ئالدۇرمىغان ھالەتتە، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى CD، رادىيو قاتارلىق توك ئىسراپ قىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ئاچماسلىق كېرەك.
2. ئاپتوموبىلنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن ھاۋا تەڭشىگۈچ قاتارلىق توك سەرپىياتى يۇقىرى ئۈسكۈنىلەرنى ئېتىۋېتىپ، ئاپتوموبىلنى قايتا قوزغاتقاندا ئاككۇمۇلياتورنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
3. ئېلېكتىرلىك ئۈسكۈنىلەرنى قانۇنسىز ئۆزگەرتسىمۇ، ئاككۇمۇلياتورنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ ھەتتا ئاپتوموبىلنىڭ ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاپتوموبىلنىڭ توك يوللىرىنى قالايمىقان ئۆزگەرتمەسلىك كېرەك.