چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋىكتورىيە بېكخام بۇلتۇر بايراقدار دۇكان ئېچىپ 3 مىليون 800 مىڭ دوللار فوندستېرلىڭ زىيان تارتقان، بېكخام ئايالىنىڭ ئىشلىرىنى قايتا يۈرۈشتۈرۈۋېلىشى ئۈچۈن 5 مىليون 200 مىڭ فوندستېرلىڭ ئارىيەت بېرىپ تۇرغان.
بۇلتۇر يىل ئاخىرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بېكخام ئەر-ئاياللار ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كەسپىدە ئىلگىرىكى كەسپىگە قارىغاندا جىق پۇل تاپقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، گەرچە بېكخام ئاللىقاچان پۇتبول مەيدانىدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، ئائىلىنىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسى يەنىلا بېكخام ئىكەن. ۋىكتورىيەنىڭ شىركىتى زىيان تارتقان، بېكخامنىڭ شىركىتى بولسا تەننەرخسىز تىجارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇلتۇر بېكخام ئۆزىنىڭ سۈرەت ھوقۇقىنى سېتىپ 12 مىليون 700 مىڭ دوللار كىرىم قىلغان.