«تەلۋە ھايۋاناتلار شەھەرچىسى» (Zootopia) قويۇلغىنىغا توققۇز كۈن بولدى، فىلىم ئېرىشكەن يۇقىرى باھا فىلىم بېلەت كىرىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز رېكورت يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى. 3-ئاينىڭ 12-كۈنى، بۇ فىلىمنىڭ تاق كۈندىكى بېلەت كىرىمى 165 مىليون يۈەنگە يېتىپ تېخى يېقىندا «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق» ياراتقان رېكورت (126مىليون يۈەن) نى بىراقلا بۇزىۋەتتى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە كىنو بازىرى كارتون فىلىم تاق كۈنى بېلەت كىرىمى رېكورتى ياراتتى. 12-مارت كەچكىچە، «تەلۋە ھايۋاناتلار شەھەرچىسى» نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 580 مىليون يۈەنگە يەتتى.
ھازىر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى، ئېلېكترون سودىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن، ئەسلىدە ئانچە دىققەت قوزغىمىغان كىنونىڭ سۈپىتى بېلەت كىرىمىدە زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ياخشى باھا تۈرتكىسىدە ئەسلىدىكى قويۇلۇش قېتىم سانى ۋە قويۇلىدىغان كىنوخانا سانى كۆپىيىپ بېلەت كىرىمى رېكورتى پەيدا قىلىدۇ. «تەلۋە ھايۋاناتلار شەھەرچىسى» 3-ئاينىڭ 4-كۈنى تۇنجى قويۇلغان، قويۇلۇش نىسبىتى پەقەت %14.6 بولۇپ، بۇ فىلىم دۆلەت ئىچى سىرتىدا ئېرىشكەن مىسلىسىز يۇقىرى باھانىڭ تۈرتكىسى بىلەن، قويۇلۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، 9-كۈنىگە كەلگەندە، قويۇلۇش نىسىبىتى ئاللىقاچان %33 گە يەتتى، ئومۇمىي بېلەت كىرىمىدا ئىگەللىگەن نىسبىتى بولسا %61.9 گە يەتتى. «تەلۋە ھايۋاناتلار شەھەرچىسى» ھازىرقى ئەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن فىلىم ئىكەنلىكى ئېنىق، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە بېلەت كىرىمىنىڭ ئۆسۈش بوشلۇقى يەنە چوڭ، بۇ يۈزلىنىشتىن قارىغاندا بۇ فىلىمنىڭ «گۇمپىچى مۈشۈكئېيىق» نىڭ ئورنىنى ئېلىپ ئىچكىرى ئۆلكىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كارتون فىلىم بولۇپ قالىدىغانلىقىدا ئازراقمۇ مەسىلە يوق.