:
بۇلتۇر تارقىتىلغاندىن كېيىن باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆرلەپ كەتكەن ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى بىر نەچچە ئايدىن كېيىنلا باھاسى چۈشۈپ كېتىشتەك ئوڭايسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. يەنى ئەڭ دەسلەپتىكى بازار باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىرسى 200 يۈەنگە يەتكەن بولسا، بەزىلەر ھازىر ئۇنى ھەتتا ئەسلى قىممىتىدىن پەقەت بىر مودىن بەش موغىچە يۇقىرى باھادىلا كۆپلەپ سېتىۋاتىدۇ. توردا يەنە ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنى خەجلىگىلى بولمايدىغانلىقى ۋە بانكىغا قويۇۋەتمەكچى بولغاندا رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرمۇ تارقىلىپ يۈرمەكتە. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن شەھەر ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ بانكىلارنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن بايقىشىچە، ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى بىلەن ئادەتتىكى يۈز يۈەنلىك پۇل ئوخشاش تەمىناتتىن «بەھرىمان» بولىدىغان بولۇپ، بانكىغا نورمال ئامانەت قويغىلى بولىدىكەن، ھەرگىز رەت قىلىنمايدىكەن. بانكا خادىملىرى «ئەگەر پۇلنىڭ سانى كۆپ بولمىسا يىغىپ ساقلىغانغا يەتمەيدۇ» دەپ تەكلىپ بەردى.
قايتا-قايتا كۆپتۈرۈلۈپ سېتىلغاندىن كېيىن «ئەسلىگە قايىتتى»
ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى- بۇلتۇر 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا مەركىزىي بانكا ھەرقايسى بانكا تور نۇقتىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە ئاشكارا تارقاتقان خاتىرە پۇلنى كۆرسىتىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان تارقىتىلغان تۆتىنچى يۈرۈش خاتىرە پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى تارقىتىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە بىر مەھەل قىزغىن ئالقىشلانغان بولۇپ، يۈز يۈەن قىممەتتىكى بۇ پۇلنىڭ بازار باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىرسى 200 يۈەنگە يەتكەن.
بىراق، نەچچە ئايدىن كېيىنلا بازار «ھوشىنى تاپقان». مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن دۆلەت ئىچىدىكى بىر نەچچە چوڭ تىپتىكى يىغىپ ساقلاش تورى ۋە مۇنبەرلىرىدىن كۆرۈشىچە، ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ تۆۋەن باھادا سېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چاپلانمىلار قەدەمدە بىر دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدىكەن، ئادەتتە ئۆرلىگەن باھاسى پەقەت 0.1 يۈەندىن 2 يۈەنگىچە بولۇپ، پەقەت ئالاھىدە نومۇرلۇق ياكى تۇتاش نومۇرلۇق پۇللار سەل يۇقىرىراقكەن. بىر تورداش تۇتاش نۇمۇرلۇق 30 ۋاراق پۇلنىڭ ھەر دانىسىگە 180 يۈەن باھا قويغاچقا نۇرغۇنلىغان يىغىپ ساقلىغۇچىلار ئۇنى «پۇل دەردىدە ساراڭ بوپتۇ» دەپ مازاق قىلىشقان.
ئادەتتىكى پۇلغا ئوخشاش بانكىغا ئامانەت قويغىلى بولىدۇ
يېقىندا، ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە مۇنداق بىر ۋىدېيو تارقالغان، يەنى بىر پۇل ئامانەت قويغۇچى ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنى بانكا تور نۇقتىسىدا ئامانەت قويماقچى بولغاندا، بانكا خادىملىرى «راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇق» دېگەن سەۋەب بىلەن بۇ پۇلنىڭ ئامانەت قويۇلۇشىنى رەت قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، مەركىزىي بانكىدىكى ئالاقىدار خادىم ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىي پۇلى بولۇپ، بانكىلاردا ئامانەت كەسپىنى نورمال بىجىرگىلى بولىدىكەن. ئەگەر بانكا تور نۇقتىلىرى ئامانەت قويۇلۇشىنى رەت قىلسا، شەھەر ئاھالىلىرى بانكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنىغا ياكى مەركىزى بانكىنىڭ شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇقكەن.
بەزى تورداشلارمۇ ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ يىغىپ ساقلاش قىممىتى زور ئەمەسكەن دەپ خەجلىۋەتمەكچى بولغاندا، نەتىجىدە سودىگەرلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا «راست-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدۇق» دەپ پۇلنى ئېلىشنى رەت قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن گۇاڭجۇ شەھىرى ئىچىدىكى نۇرغۇن بانكا تور نۇقتىلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بانكا خادىملىرى «ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنى ئامانەت قويغاندا ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ» دېگەن.
پەنيۈدىكى بىر بىر سودا-سانائەت بانكىسى تور نۇقتىسىنىڭ زال دېرىكتورى مۇخبىرغا ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنى ئامانەت قويغىلى بولىدىغانلىقىنى، لېكىن پەقەت ئادەتتىكى يۈز يۈەنلىك پۇل قاتارىدا ئامانەت قويۇلىدىغانلىقىنى، ئامانەت قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئالماقچى بولسا ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى بېرىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇ يەنە ئەگەر بەك جىددىي ئىشلەتمىسە، بۇنداق پۇلنى بانكىغا ئامانەت قويۇۋېتىشنىڭ ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، بولمىسا خاتىرە پۇل يىغىپ ساقلىنىش ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بانكىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكىنىڭ ئادەتتىكى قەغەز پۇللارغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاپتوماتىك پۇلبەرگۈدە ئامانەت قويغىلى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتىش بەرگەن.
تارقىتىلىش مىقدارى زىيادە كۆپ بولغاچقا «باھا» سى چۈشۈپ كەتكەن
ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلى تارقىتىلغان ۋاقىتتا شۇنچە باس-باس بولسىمۇ نېمىشقا ئۇزاق ئۆتمەيلا پۇلغا تازا ئەرزىمەيدۇ؟ يىغىپ ساقلاش ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپلۈكىدە ئىكەن. يىغىپ ساقلاشتا «بۇيۇم قانچە ئاز بولسا شۇنچە قىممەت»لىك بولۇپ، 100 يۈەنلىك ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ تارقىتىلىش مىقدارى 3 مىليون ۋاراقتىن ئېشىپ، ئالاھىدا زور مىقدارغا يەتكەچكە، باھا ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.
يەنە بەزى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىنىڭ ساقلىنىش قىممىتى ھەممىسىنىڭلا يوق ئەمەسكەن. مەسىلەن، بەزى ئالاھىدە نومۇرلۇق، بولۇپمۇ «يىلپىز» نومۇرلۇق (خەلق پۇلىدىكى رەقەملەرنىڭ ئاخىرقى ئۈچ خانىلىق نومۇرى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان پۇلنى كۆرسىتىدۇ) بولغان خاتىرە پۇلنىڭ خانە سانلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە كۆپ قىممەتكە ئەرزىيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى رەقەملىك ئالەم قاتنىشى خاتىرە پۇلىمۇ بازارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تاللىشى ۋە ھەزىم قىلىشىدىن ئۆتكەندە، نەچچە يىلدىن كېيىن ساقلاش قىممىتى بەلكىم ئاستا-ئاستا ئېشىپ قېلىشى مۇمكىنكەن.