يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • بايىنغولىن مۇھەممەد سودا چەكلىك شىركىتى مەشرەپ قەغەز زاۋۇتىنىڭ 3-قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
  • ئۈرۈمچىدە باھار سەيلىسى قىزىپ كەتتى
  • قابىس شىركىتىنىڭ ساخاۋەت پائالىيتى داۋاملاشماقتا
  • ھەدىيە قىلىنغان 10 مىڭ تۈپ كۆچەت كەنت ئاممىسىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى
  • چەرچەن ناھىيەسىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن 50 بىمار ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىندى
  • ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش كورلا شەھىرىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كۆچۈردى
  • ئۈرۈمچىدىكى بۇ ئالتە يول بۆلىكىدىن ئامال بار ئايلىنىپ ئۆتۈڭ
  • «ئېلنىنو» ھادىسىسى سەۋەبىدىن باھاردا بىنورمال ھاۋارايى كۆرۈلۈۋاتىدۇ
  • كۆپ تۈردىكى رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش ۋاقتى دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلدى
  • ئۈرۈمچىدە شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى ئىلتىماس قىلغۇچىدىن يەنە 10 مىڭى كۆپەيدى
  • قورغاس ناھىيەسى ئەتىياز پەسللىك مەجبۇرىيەت كۆچىتى تىكىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدى
  • مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مەدھىيەلەش تېمىسىدىكى رەسىملەر تامغا چاپلاندى
  • نىلقىدا تۇنجى قارارلىق ئېلكتىرونلۇق سودا بىلىملىرى كۇرسى ئېچىلدى
  • يەكەن ناھىيەسى «تيەنلى» كۆمۈركانىدا يۈز بەرگەن ھادىسىنىڭ سەۋەبى ئېنىقلاندى
  • باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچ ئوقۇغۇچىسى باغقا ئوت قويۇۋەتتى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    خۇتەن ۋىلايىتى ئەمەلدىن قالدۇرلۇپ شەھەر تەسسىس قىلىنىدۇ

    مەنبە :خوتەن ئۇچۇر تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-13

    ئاپتونوم رايونىمىز مۇشۇ ئايدىن باشلاپ خوتەن ۋىلايىتىدە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويغان بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ تۇرپان ، قۇمۇل ۋىلايىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ شەھەر تەسىس قىلغاندىن كېيىنكى ،يەنە بىر ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىشى ھېسابلىنىدۇ . 

    خوتەن ئۇچۇر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، 5 - مارت خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ ، بۇ خىزمەتنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى .

    خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يەن گو سەن سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ ،ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

    تۈنۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى ئېزىز مۇسا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى : خوتەن ۋىلايىتى نۆۋەتتە ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ . بۇنىڭدا بىز تۇرپان، قۇمۇلنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ خوتەن ۋىلايىتىدىكى 2مىليون نوپۇسنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ، خوتەن مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنى تەسىس قىلىش تەڭشەش ، سەرخىللاشتۇرۇش ، رايونلار تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاش , يەرلىك مەمۇرىي مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ ، ئىقتىساد ، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، خوتەننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ناھايىتى زور ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە .

    ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن ، ئەڭ يادرولۇق ، ئەڭ مۇھىم ئۆزگىرىش شۇكى ، قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىسلاھات ئىشخانىسى ، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى : ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش خىزمىتى مەركەز شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تولۇق گەۋدىلەندۈرلىشى . ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىش، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەيتىش ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتى،رايون مەركىزىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق . شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، شىنجاڭنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرۈش ، شۇنداقلا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش , قوغداش ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ جىددىي ئېھتىياجى . 

    ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر دىن تۇرپان، قۇمۇل شەھىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە قېپقالغان رايونلار ۋىلايەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، شەھەر تەسىس قىلىنىدۇ . بۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، باشلامچى رايونلارنى ئۈلگە قىلىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە .

    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز