[دېلو ئەھۋالى]
جاڭ فامىلىلىك قاتناش ۋەقەسى سەۋەبىدىن يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان، دىياگنوز قويۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوڭ يانپاش ئويمان سۆڭىكى سۇنغانلىقى، ساغرا غول سۆڭىكى سۇنغانلىقى ۋە سول ئوشۇقى ئاجراپ سۇنغانلىقى بايقالغان ھەمدە ئورنىغا كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلىپ داۋالانغان. دوختۇرخانىدا ئىككى ئاي يېتىپ داۋالانغاندىن كېيىن، جاڭ فامىلىلىك ئۆيىگە قايتىپ دەم ئالغان. تېزراق تۆلەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جاڭ فامىلىلىك ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان ھەمدە قانۇن دوختۇرىنىڭ مېيىپلىكنى باھالاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلغان. سوت مەھكىمىسى تۇنجى سوت ئاچقاندىن كېيىن، تەرتىپكە ئاساسەن، قانۇن دوختۇرى باھالاش ئورگىنىنى بېكىتكەن. بىراق جاڭ فامىلىلىك باھالاش ئورگىنىغا بارغاندا، بۇندىن كېيىن يەنە ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئاخىرلاشمىغان ئەھۋالدا مېيىپلىكنى باھالىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن. بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە باھالاشقا بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن، جاڭ فامىلىلىك ۋە ۋاكالەتچى ئادۋوكات سوت مەھكىمىسىدىن ئەرزنى قايتۇرۇۋېلىشقا مەجبۇر بولغان. جاڭ فامىلىلىككە ئوخشاش، قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغاندا مېيىپلىكنى باھالاش پەيتىنى قانداق تاللاش كېرەك؟ قايتا ئەرز سۇنغاندا دەۋانىڭ سۈرۈك ۋاقتى ئۆتۈپ كېتەمدۇ؟ بۇنداق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
[ئادۋوكاتنىڭ پىكىرى]
داليەن شەھەرلىك لياۋنىڭ تىنچلىق ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى لى جۇڭمىڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، يارىلانغۇچىلارنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش دوكلاتى قاتناش ۋەقەسىدىكى جىسمانىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىشتىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ تۆلەم سوممىسىنى ھۆكۈم قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك مېيىپلىك دەرىجىسىنى بېكىتىش دوكلاتى بولمىسا، سوت مەھكىمىسى دېلوغا قارىتا ھۆكۈم ئېلان قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. مېيىپلىكىنى قانداق ۋاقىتتا بېكىتىش مەسىلىسىگە قارىتا، «قاتناش ۋەقەسىدە يارىلانغۇچىلارنىڭ مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىش» (GB18667—2002) بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، باھالاپ بېكىتىش ۋاقتى بېكىتىشتە قاتناش ۋەقەسى بىۋاسىتە پەيدا قىلغان يارىلىنىش ياكى يارىلىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئاساس قىلىنىدۇ. داۋالاشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى دېگىنىمىز، كىلىنىكىلىق داۋالاشنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپى بويىچە كىلىنىكىلىق ئۈنۈمى مۇقىملاشقان ھالەتنى كۆرسىتىدۇ. ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە، باھالاپ بېكىتىش ئېلىپ بارىدىغان قانۇن دوختۇرى يارىلانغۇچىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈپ، تېخى باھالاپ بېكىتىش پەيتىگە يەتمىگەن بولسا قوبۇل قىلمايدۇ؛ ئەگەر بىرىنچى باسقۇچلۇق داۋالاش ئاخىرلىشىپ، ئىككىنچى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىپ مۇقىملاشتۇرغۇچى جىسىملارنى ئېلىۋېتىش ياكى سۈنئىي پۇت-قول ئالماشتۇرۇش كېرەك بولسا ھەمدە كېيىكى داۋالاش ھازىرقى كىلىنىكىلىق ئۈنۈمىنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، مۇددەتتىن بۇرۇن مېيىپلىك دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ.
قاتناش ۋەقەسىدىكى جىسمانىي زىيان تۆلىمىنى دەۋا قىلىش ۋاقىت سۈرۈكىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش بىلەن ھەمدە مېيىپلىكنى باھالاپ بېكىتىش بىلەن بولغان باغلىنىشىغا قارىتا، نۆۋەتتىكى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ناھايىتى مۇرەككەپ مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، قاتناش ۋەقەسىدە يارىلىنىش تۆلىمىنىڭ دەۋا سۈرۈك ۋاقتى بىر يىل بولىدۇ، يارىلىنىش ئەھۋالى روشەن بولسا ۋەقە يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، يارىلىنىش ئەھۋالى نەق مەيداندا بايقالمىغان بولسا، كېيىن دىياگنوز قويۇپ بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە، ئەرز قىلىش، كېلىشتۈرۈش، تۆلەم تەلەپ قىلىش قاتارلىق دەۋا سۈرۈك ۋاقتىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا، كونكرېت دېلو ئەھۋالىنى كونكرېت ئانالىز قىلىش كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى دېلودىكى جاڭ فامىلىلىك داۋالاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قايتىدىن ئادۋوكات تەكلىپ قىلىپ ئىككىنچى قېتىملىق ئەرز سۇنۇپ، ئۇتۇقلۇق ھالدا قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەن ھەمدە سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى تۆلەم ئۆلچىمى بويىچە بىر قەدەر يۇقىرى تۆلەمگە ئېرىشكەن. قاتناش ۋەقەسىدىكى مېيىپلىكنى باھالاپ بېكىتىش ۋە تۆلەم تەلەپ قىلىشنىڭ كەسپىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قارىماققا ناھايىتى ئاسان ئەمما قىلماق ئىنتايىن تەس ئىش. مېيىپلىكنى باھالاپ بېكىتىشتىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق ھالقىغا نىسبەتەن، ئادۋوكاتلار دەۋالاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ئالدى بىلەن كەسپىي ئەربابلارنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە پىكىرىنى ئاڭلاپ، ئاندىن باھالىتىشنى، ئەگرى-توقاي يول مېڭىشتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.