يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • «گۈزەل ۋە خاسىيەتلىك» ئاپتوموبىل –ئاۋدى R8
  • تېسلا MODEL X 75D تىپىنى چىقاردى
  • ۋولكىسۋاگېن 2017-نۇسخا Polo R نىڭ مۇقەددىمە سۈرىتىنى ئېلان قىلدى
  • ئاستون مارتىن GT8 نىڭ جاسۇسلۇق سۈرئىتى ئاشكارلاندى
  • ئونىنچى ئەۋلاد خوندا سىۋىك زادى قانچىلىك كۈچلۈك ؟
  • ئېلىكترونلۇق نۇسخىدىكى يېڭى سانتافى-خۇاتەي xEV260 ئاپرېلدا بازارغا سېلىنىدۇ
  • زاپاس بالوننى ئىشلىتىش-ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • بۇلى يوق ئاپتوموبىلنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالامسىز ؟
  • گۇگۇلنىڭ يېڭى پاتنېتى: شوپۇرسىز ماشىنا يۆنىلىش بۇراش سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ
  • شەرق شامىلى خوندا يېڭى سىۋىك بازارغا سېلىندى
  • ماشىنا ماتورىنىڭ 1.5L ۋە 1.5T نىڭ نېمە پەرقى بار؟
  • تېسلا يېڭى نۇسخا MODEL S نى ئېلان قىلدى
  • شەرق شامىلى A9 رەسمىي بازارغا سېلىندى، باھاسى 179 مىڭ يۈەن
  • 2016-يىللىق ئىتالىيە برېسىيا ماشىنا ۋە قەھۋە پائالىيىتىدىكى ھەشەمەتلىك ماشىنىلار
  • ئاستون مارتىن DB11 بېيجىڭ كۆرگەزمىسىدە جۇڭگودا تۇنجى ئېلان قىلىنىدۇ
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    نېمىشقا ئالما، گۇگۇللارنىڭ جۇڭگودا ئاپتوموبىل ياسىشى مۇمكىن ئەمەس؟

    مەنبە :nur.cn       يوللىغۇچى : گىلاس       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-12


    ئامېرىكا Business Insider تور بېتىنىڭ 11-مارت مۇلاھىزىسى، ئەكبەر تەرجىمىسى:


    ئالما شىركىتى تېخى ئاپتوموبىل ياسىمىدى، گۇگۇل شىركىتىمۇ لايىھەلەش ۋە سىرتقا ھۆددىگە بېرىش ئارقىلىق قىسمەن شوپۇرسىز ئاپتوموبىللارنى سىناق قىلدى، توك ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى تېسلا 2015-يىلى بارلىق كۈچى بىلەن پەقەت 50 دانە ئاپتوموبىل ئىشلەپ چىقاردى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەقەت ئامېرىكىدىلا ئەنئەنىۋى ماشىنا ياساش شىركەتلىرى 17 مىليون 500 مىڭ دانە ئاپتوموبىل ۋە يۈك ماشىنىسى ئىشلەپچىقاردى ۋە ساتتى.

    ئەمما بۇ نۆۋەتتىكى رېئاللىق بىلەن كەلگۈسىدىكى مەنزىرىسى ئارىسىدىكى زىيادە تەڭپۇڭسىزلىق مۇتەخەسسىس ۋە ئاپتوموبىل كەسپى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئالما شىركىتى ۋە گۇگۇلنى ئاپتوموبىل كەسپىدىكى غايەت زور خىرىس قىلغۇچى دەپ قارىشىنى توسۇپ قالالمىدى. مىسال ئالساق، رېيترس ئاگېنتلىقى يېقىندا كۆپلىگەن كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىشىچە، گۇگۇل ئۆزى ئېنژىنېرلىق تېخنىكىسى تەتقىق قىلىشنى ھەمدە ئەسلى تىپىنى لايىھەلەشنى تاللىشى، ئاندىن شوپۇرسىز ئاپتوموبىل ساھەسىگە يۈرۈش قىلماقچى بولغان جۇڭگو ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى ياكى ئاسىيادىكى ھۆددە كارخانىلىرى (مەسىلەن فوكسون) بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلەپچىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.

    ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودا كەڭ كۆلەمدە iPhone ۋە iPadنى ۋاكالىتەن ئىشلەپ چىقارغۇزغانلىقىدەك ھازىرقى ھالەتنى نەزەردە تۇتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر ئالما شىركىتى ئامېرىكا ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ، بىۋاسىتە ھالدا جۇڭگوغا بېرىپ ئاپتوموبىل ياسايدۇ دەپ پەرەز قىلىشتى. بۇ ئىنتايىن جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئوي، ئەمما يانفون قۇراشتۇرۇش بىلەن ئاپتوموبىل ياساش ئارىسىدا غايەت زور پەرق بارلىقىغا سەل قارىدى. تېسلا دۇنيادا تېخنىكىسى ئەڭ ئىلغار ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما يەنىلا ئامېرىكىدىكى چوڭ زاۋۇتلاردا ئاپتوموبىل ياسىماقتا، ئامېرىكا زاۋۇتلىرىدا نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق غايەت چوڭ ماشىنا ئادەم ۋە مېتال تاۋلايدىغان چوڭ تىپتىكى ماشىنىلار بار.


    ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل كەسپىدە باشقا ئاساسلىق ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىمۇ ئامېرىكىدا ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى تاللىغان. مەسىلەن، دېترويتتىكى ئۈچ چوڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسى ھەممىباب ئاپتوموبىلى، فورد ۋە كرايسلېر قاتارلىقلار، ئۇلار ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئاساسلىق غوجايىن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكىدا زاۋۇت قۇرغان ياپونىيە ۋە گېرمانىيە ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرىنىڭمۇ ھەممىسى شۇنداق. بەزىلىرى ئاپتوموبىل ياساش خىزمىتىنى مېكسىكىغا يۆتكىدى، ئەمما مېكسىكا بەزىدە ئۆزىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمىدىكى ياسىمىچىلىق شېرىكى دەپ بېكىتىدۇ، ئۇلار مەبلەغ سېلىپ ئاپتوموبىل تەمىنلەش زەنجىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى.


    لېكىن جۇڭگودا، ئەھۋال تامامەن ئوخشىمايدۇ. فورد، ھەممىباب ئاپتوموبىلچىلىقى ھەمدە باشقا ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى جۇڭگودا جۇڭگولۇقلارغا تونۇش داڭلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە ساتىدۇ، ئەمما جۇڭگودىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرلەشمە مەبلەغدىكى كارخانا قۇرمىسا، ئۇلار جۇڭگو بازىرىغا كىرىشكە ئامالسىز. بۇ ئېنىقلا بىر خىل مۇرەسسە: چەتئەل ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى بۇ ئارقىلىق جۇڭگودەك غايەت زور بازارغا كىرەلەيدۇ، بىرلا ۋاقىتتا ئۇلار چوقۇم تەتقىقات ۋە تېخنىكىسىنى جۇڭگوغا ھەمبەھىرلىشى كېرەك.


    بۇ تولۇق باراۋەر ھەمكارلىق ئەمەس، ئەمما جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل ياساش كارخانىلىرى ئۆزىنى پۈتۈنلەي غەربنىڭ لايىھەسىنى دوراپ ياسىدۇق دەپ قارىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىمىز قۇدرەتلىك دۆلەتلىك ياسىمىچىلىق بازىسى قۇردۇق دەپ قارايدۇ. ئۇلار Buick ئاپتوموبىلى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگونىڭ داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىلى ۋە يۈك ماشىنىلىرىنى ياسايدۇ.


    ئالما شىركىتى ۋە گۇگۇل شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇلار ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ياساش كارخانىسىدىن ئاپتوموبىل ياساش كارخانىسىغا بۇرۇلۇشقا ئۇرۇنماقتا، دەپ قارايدۇ. بەزى نەزەرىيەلەردە: تورلاشتۇرۇلغان ئىستېمال تېخنىكىسىدەك، يېپيېڭى لايىھە ۋە ياساش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئاپتوموبىل كەسپىنى قايتا بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىل ياساش (ئاپتوماتىك شوپۇرلۇق ئاپتوموبىل) تېسلادەك خىيالپەرەسكە يېتىشىۋېلىشتەك تەس.


    بۇنىڭدىن سىرت، ئالما شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، ئىقتىساد كاسات ۋاقتىدا، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئوتتۇرىچە پايدا نىسبىتى (%10 ياكى تېخىمۇ تۆۋەن) بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئالما ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنىڭ پايدا نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ %30كە يېتىدۇ. ئەگەر سىز ئالما شىركىتى ياكى گۇگۇل شىركىتى تولۇق ئېلېكترلىك شوپۇرسىز ھەيدەش تېخنىكىسى سېتىش ئارقىلىق جۇڭگولۇق خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىپ، ياۋروپا، ئامېرىكىنى ئەمەس جۇڭگونى ئاساسلىق بازار قىلىدۇ، دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن، ئۇنداقتا سىز جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى ئېغىر توسۇلۇش ھادىسىسىنى ئۇنتۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، شوپۇرسىز ئاپتوموبىلغا نىسبەتەن يەنىلا تەتقىقات ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان تاشيول سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر قاباھەتلىك چۈش.


    شۇڭا، ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك پىلان دەل ئالما شىركىتى ياكى گۇگۇلنىڭ سىرتىدا مۇزاكىرە قىلىشتۇر، ئامېرىكىنىڭ سىرتىدا ئاپتوموبىل ياساشتا ئاسىيانىڭ ئەرزان ئەمگەك كۈچىنى ئىشلىتىدۇ، ئاندىن ئېكسپورت قىلىدۇ. ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىس ئۇسۇل، چۈنكى ئالما شىركىتى ئاللىقاچان بۇ خىل شەكىلدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. ئەمما ئاپتوموبىل كەسپىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل ياسايدىغانلارغا نىسبەتەنلا مۇمكىن ئەمەس بولۇپلا قالماستىن، كەلگۈسىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاغدۇرۇۋېتىش خاراكتېرىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ مۇمكىن ئەمەس.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز