قانداق قىلغاندا ياخشى شوپۇرلۇق ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا قاتناش ۋەقەسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ئادەتتىكى ئەھۋالدا، شوپۇرلارنىڭ ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېتىبار بېرىش دەرىجىسى ماشىنا ھەيدىگەن ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا كۆپ تۆۋەن تۇرىدۇ، دەل مۇشۇ خىل سەل قاراش يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ماشىنا ھەيدەپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشقا دىققەت قىلغاندا، ماشىنا ھەيدەش بىخەتەرلىكىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
1. ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆزىتىش
كۆپ قىسىم كىشىلەر ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن ئادەت بويىچە ئاچقۇچنى سېلىپ، ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ (ياكى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئوت ئالدۇرۇپ)، بىۋاسىتىلا يولغا چىقىدۇ. قارىماققا ھېچقانداق مەسىلە يوقتەك بىلىنىدىغان بۇ بىر يۈرۈش ئارقىمۇ-ئارقا ھەرىكەتلەر، كەسپىي ئەربابلارنىڭ نەزىرىدە، ياخشى شوپۇرلۇق ئادىتى يېتىلدۈرمىگەن «قارام» ھەرىكەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماشىنا ھەيدەشتىن بۇرۇن چوقۇم ماشىنىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى چوقۇم ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك. كەسپىي ئەربابلار كەڭ شوپۇرلارنى ئەسكەرتىدۇكى، ماشىنىنى قوزغىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم ماشىنىنىڭ بالون بېسىمىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكى، سىرتقى قىسمىدا زەخىم بار يوقلۇقى، ماشىنىنىڭ ئاستى قىسىمىدا سۇيۇقلۇق ئېقىش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن قالسا، ماشىنىغا توك ئۆتكۈزۈپ، پرىبورلار دىسكىسىدىكى چىراغلارنىڭ نورمال يانغان يانمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. ئاندىن ماتورنى ئوت ئالدۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك چىراغلارنىڭ ئۆچكەن ئۆچمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، كاشىلا كۆرۈلمىگەندىن كېيىن، تورمۇز تەپكىسىنى يېنىك بىر نەچچىنى دەسسەپ، تورمۇز سىستېمىسىنىڭ نورمال ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ماشىنىنى قوزغاتقاندا، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىك يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ماشىنىنىڭ ئالدى كەينىدە توسالغۇ نەرسىلەر ياكى خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ بېقىش كېرەك.
2. ئولتۇرۇش ھالىتىنى تەڭشەشكە دىققەت قىلىش
چارچاپ ماشىنا ھەيدەش يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىدىكى يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ، مۇۋاپىق بولمىغان ئولتۇرۇش ھالىتى شوپۇرلارنىڭ تېز چارچاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. توغرا بولغان ئولتۇرۇش ھالىتى شوپۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىيالايدۇ.
ئۇنداقتا، قانداق ئولتۇرۇش ھالىتى توغرا ھەم ئۆلچەملىك ھېسابلىنىدۇ؟ كەسپىي ئەربابلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شوپۇرلار ئورۇندۇققا ئولتۇرغاندا، ئورۇندۇقنىڭ ئېگىزلىكى باش بىلەن ماشىنىنىڭ كابىنكىسى ئارىلىقىدا بىر مۇشت ئارىلىق قالغان ھالەتتە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق بولۇپ، ئورۇندۇقنىڭ ئالدى كەينى ئورنىغا كەلسەك، تورمۇز تەپكىسىنى دەسسىگەن چاغدا، تىز قىسىمى ئازراق ئېگىلگەن ھالەتتە تۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىكەن. قول خوتلۇق ئاپتوموبىللاردا (بەش خوتلۇق)، ئوڭ قول بىلەن ئەڭ يۇقىرى خوتقا سالغاندىكى ئارىلىق بەدەن يانتۇ بولمايدىغان ھالەتتە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق.
بەدەن بىلەن رولنىڭ ئارىلىقى بىلەكنى تۈز سوزغاندا، ئىككى قولنىڭ بېغىش قىسىمى رولنىڭ ئەڭ يۇقىرى گىرۋىكىگە يەتسە ئەڭ مۇۋاپىق، بۇنداق بولغاندا سىلكىيدىغان يول بۆلىكى ياكى ماشىنىنى تېز ھەيدىگەن ۋاقىتتا رولنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.
3. بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش
بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان شوپۇرلار بولمىسا كېرەك. بىراق، بۇ بىر جۈملە سۆزدىن بىز ئىككى تەرەپتىكى مەسىلىنى ئانالىز قىلالايمىز. بىرىنچىسى، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش بىر تۈرلۈك قانۇن بولۇپ، بىخەتەر يول يۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ؛ ئىككىنچىسى، نۇرغۇن شوپۇرلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاشقا سەل قارايدىغان بولغاچقا، قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرلاشقا توغرا كەلگەن.
كەسپىي ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسى بىر خىل ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك قوغداش قۇرۇلمىسى بولۇپ، «ھاياتلىق تاسمىسى» دەپ نام بېرىلگەن. ئۇ قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئۆلۈش يارىلىنىشنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتەلەيدۇ.
چەتئەلنىڭ ستاتىستىكىلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، شوپۇرلار بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماي قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققاندىكى قازا قىلىش نىسبىتى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغانلاردىن تەخمىنەن 37.7 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن؛ ئالدى رەتتە شوپۇرنىڭ يېنىدا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماي ئولتۇرغانلارنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىش نىسبىتى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغانغا قارىغاندا تەخمىنەن 10.6 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.
ئارقا رەتتە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماي ئولتۇرغانلارنىڭ قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلىش نىسبىتى بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغانلارغا قارىغاندا تەخمىنەن 3.1 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماشىنا ھەيدەش جەرياندا چوقۇم بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىغاندا، قاتناش ۋەقەسىدىكى زەخىملىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
بىر قىسىم شوپۇرلار ماشىنىنى «ئالداش» ئۈچۈن، دائىم بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئورۇندۇققا باغلاپ قويىدۇ ياكى ئورۇندۇقنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش ئېغىزىغا بىخەتەرلىك تاسمىسىنىڭ بېشىنى قىستۇرۇپ قويىدۇ. شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بىخەتەرلىك تاسمىسى ماشىنا تاقايدىغان نەرسە ئەمەس، بۇنداق قىلىش ئۆزىڭىز ۋە ماشىنىدىكى باشقىلارنىڭ ھاياتىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ، بىخەتەرلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.