نامرات رايونلارنىڭ دائىرىسى كەڭ بولۇش، نامرات ئاھالە كۆپ بولۇش، نامراتلىق ئېغىر بولۇش ئاپتونوم رايونىمىز يۈزلەنمىسە بولمايدىغان رېئال مەسىلە. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يۈكىنى يەڭگىللىتىش، داۋالىنىش چىقىمىنى ئازايتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەردە بەس – بەستە تەكلىپ، پىكىر بەردى.
ۋەكىل زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنى ھەر جەھەتتىن بەختكە ئېرىشتۈرۈش. نامراتلىقنى تۈگىتىش خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە، بۇنىڭدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئەمەلىيىتىىنى چىقىش قىلغاندا، ئاساسلىقى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بولۇپ، كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، كەسىپلەر زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، قىممىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نامرات ئاھالىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈنۈملۈك تەدبىردۇر. قەشقەر ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردا مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قوللىشىدا، 600دىن كۆپ كارخانىنىڭ قەشقەردە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلىدى. قەشقەر ۋىلايىتى يەنە مەركەزنىڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلىرىنى قەشقەرگە جەلپ قىلىپ، يېزىلارغا يۈزلەنگەن ئۇششاق كارخانىلار ۋە ئائىلىۋى كارخانىلارنى يۆلەپ، يەرلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. قەشقەر ۋىلايىتى ۋىلايەت بويىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىن باشقا 11 ناھىيە – شەھەردە سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، نىشانلىق ياردەم، سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش قاتارلىق شەكىللەردە بىر تۈركۈم تېز ئۈنۈم بېرىدىغان تۈرلەر ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى راۋاجلاندۇرۇپ، 2018 – يىلىغا بارغاندا ھەر بىر ناھىيە (شەھەر)دە 15 مىڭدىن 20 مىڭغىچە ئىش ئورنى ھازىرلاشنى، بۇ يىل ھەر بىر ناھىيە (شەھەر)دە 5000دىن ئىش ئورنى ھازىرلاپ، دېھقانلارنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت يارىتىشنى قارار قىلدى.
ۋەكىل ئېزىز مۇسا مۇنداق دېدى: چوڭ – چوڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن سىرت، ئائىلىۋى تېرىقچىلىق، ئائىلىۋى باقمىچىلىق، ئائىلىۋى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئائىلىۋى ئىستىراھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق كۆپ خىل ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنى ئۆزگىچە ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: ھازىر بەزى چوڭ، ئوتتۇرا كارخانىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن بەلگىلىك كەسىپ – تېخنىكا تەلىپى قويۇلىدۇ، شۇڭا تەربىيەلەش خىزمىتى يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك، بۇنىڭدا پاسسىپ ھالدىكى كاللىغا قۇيۇپ قويۇش ئۇسۇلى ئاقمايدۇ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئىدىيە – تەپەككۇرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك، ئۇلاردا ‹‹ساقلاپ تۇرسام بولمايدۇ، مەن بېيىشىم كېرەك›› دەيدىغان ئاڭنى يېتىلدۈرگەندىلا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ.
ۋەكىل مەمتىمىن ياسىن مۇنداق دېدى: ھازىر شەھەر – بازارلاردا ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر – بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ داۋالىنىش جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى ھەل قىلىنىۋاتىدۇ، داۋالىنىش ھەققىنى باشقا جايدا ئاتچوت قىلدۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تىكى ‹‹ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ›› ۋە ‹‹قىيىنچىلىقتا قالغان ھەر بىر كىشى جەمئىيەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىغا ئېرىشتۈرۈلىدۇ›› دېگەن بايانلار ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى ئەڭ تۆۋەن چەكنى بەلگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋەكىل رەيھانگۈل ئىمىر مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا كىرىم تەقسىماتى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ ئاۋۋال كاپالەتلەندۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شۇڭا، مېنىڭچە، مۇۋاپىق كىرىم تەقسىماتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تۆۋەن كىرىمنى ئۆستۈرۈش، ئوتتۇراھال كىرىمنى كېڭەيتىش، يۇقىرى كىرىمنى تەڭشەش ئارقىلىق، كىرىم پەرقىنى كىچىكلىتىش زۆرۈر؛ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ‹‹ئەمگەك قانۇنى››دا ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىكى ئەمگەكچى بىلەن ئوخشاش ئىشتا ئوخشاش ھەقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، گەپ ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.
ئەسلى مەنبە: http://uzunyol.cn/home/News-View-Topic.aspx?id=11607&topic_id=35