ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچتە، 2015-2016 مۇسابىقە پەسىللىك CBA ئومومىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشى باشلاندى. لياۋنىڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سىچۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. لياۋنىڭ كوماندىسى دەسلەپتە تازا ياخشى ئوينىيالمىدى، كۈچلۈك مۇداپىئە ئالدىدا ماھىرلارنىڭ نومۇر ئېلىشىمۇ تەسكە توختىدى. بىراق ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئۇلار ئەسلى ھالىتىگە قايتتى، بارغانسېرى روھلىنىپ ئويناپ قارشى تەرەپتىن بىراقلا 12 نومۇر ئېشىپ كەتتى. گەرچە سىچۇەن كوماندىسى ئۈچىنچى مەيداندا تىرىشىپ ئويناپ نومۇر پەرقىنى ئىككىگە چۈشۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى مەيداندا لياۋنىڭ كوماندىسى نومۇرنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ غەلىبىنى مۇقىملاشتۇرۇپ قويدى. ئاخىردا لياۋنىڭ كوماندىسى 103 -89 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ياخشى باستى. لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ كۇزۇر ماھىرى خادسون 29 نومۇر ئالدى، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 11 ياردەم توپ بەردى. راندولىف 19 نومۇر ئالدى. گو ئەيلۈن 16 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئالتە ياردەم توپ بەردى. لى شاۋشۈ 12 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى. ماھىرلار مۇسابىقىدە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.
لياۋنىڭ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئومۇمىي نومۇردا 3 : 1 نەتىجە بىلەن كۈچلۈك گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. بۇ لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. سىچۇەن كوماندىسى بولسا شىنجاڭ كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن. لياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن سىچۇەن كوماندىسى ئومۇمىي ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا تۇنجى قېتىم ئۇچىراشتى. بۇ پەسىلدىكى ئىككى قېتىملىق ئۇچرشىشىتا، لياۋنىڭ كوماندىسى سىچۇەننى قوش يەڭگەن.