تەرەققىياتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
جاڭ لېي، ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بۈگۈن ئۆمەك نامىدا يىغىنغا جەنۇبىي شىنجاڭدا قېزىلما بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش فوندى تەسىس قىلىش، خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىناق رايونى تەسىس قىلىش، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم تەكلىپلەرنى سۇنۇشنى قارار قىلدى. بۇ تەكلىپلەر شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي سىجىل تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە مەركەزلەشكەن، شۇنداقلا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە چېتىلغان.
جەنۇبىي شىنجاڭدا قېزىلما بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش فوندى تەسىس قىلىش
ئارقا كۆرۈنۈش: جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، 2000 – يىلىدىن بۇيان يېڭى، مۇھىم كان رايونلىرى ئۈزلۈكسىز بايقالدى، دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايونىنىڭ ئېچىش شارائىتى ھازىرلاندى. لېكىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە ئارقىدا قالغان، ئاساسلىق گېئولوگىيەلىك خىزمەت ۋە گېئولوگىيەلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى ئاجىز، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق مىقدارى مۆلچەرىي زاپاس مىقدارىنىڭ ئاران %10 ىنىلا ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائىي كاپىتالنى جەلپ قىلىپ قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش شارائىتى ناچارراق. بۇ يېتەرسىزلىكلەر جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ، شۇڭا تېزدىن ھەل قىلىش زۆرۈر.
تەكلىپ: مەركەز مالىيەسىگە يەرلىك مالىيە يانداشتۇرۇلغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش مەخسۇس تۈر فوندى تەسىس قىلىنسا، مەخسۇس مەبلەغ مەخسۇس تۈرگىلا ئىشلىتىلىپ، خىزمەت مۇددىتى بەش يىل قىلىنسا ھەم جەمئىي 20 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنسا. مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاساسلىقى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆمۈر بايلىقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىشقا ئىشلىتىلىپ، كۇچا، باي قاتارلىق رايونلاردىكى كۆمۈرلۈكلەرنىڭ كۆمۈر قاتلىمىنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملانسا، كالىيلىق تۇز تەييار كېنى نۇقتىلىق خىزمەت رايونى، كالىي ئىزدەش تەتقىقاتىدىكى بوشلۇق رايونىنىڭ بايلىقى باھالانسا، شىنجاڭنىڭ مۇھىم بايلىق، ئېنېرگىيە بازىسى، مۇھىم ئىقتىسادىي رايونى، قىدىرىپ تەكشۈرۈش رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سۇ قىس رايون قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ سۇ رايى گېئولوگىيەسى ۋە مۇھىت گېئولوگىيەسى خىزمىتى ئىشلەنسە.
خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىناق رايونى تەسىس قىلىش
ئارقا كۆرۈنۈش: خوتەن قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى، چېگرا بويىغا جايلاشقان ئەمما پورت يوق ۋىلايەت. خوتەننىڭ ئاجىز، ناچار ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، تەرەققىياتىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقى، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىكى دۆلەتنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنى سىياسەت جەھەتتىن ئالاھىدە قوللىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
خوتەن ۋىلايىتى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان رايونلاردىن يىراق. تەرەققىياتى مۇقىمسىز، يېتەرسىز، ئاستا بولغانلىقتىن، خوتەننىڭ ئەتراپتىكى رايونلار بىلەن بولغان پەرقى تەدرىجىي چوڭىيىپ كەتكەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىيىتى مۈشكۈل، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق، بۇ رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا پايدىسىز.
تەكلىپ: خوتەن ۋىلايىتىدە دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىناق رايونى تەسىس قىلىنىپ، نۇقتىلىق ھالدا 11 تۈرلۈك پەرقلىق سىياسەت مەدىتى بېرىلسە. بۇ مەركەزنىڭ سىناق رايونىغا سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىناق رايونى ئىچىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرىگە مالىيەدىن ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەركەز مالىيەسى ئۆسۈم ياردىمى بىلەن قوللىسا؛ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلسا؛ جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرىنىڭ خوتەندىن مەملىكەت ئىچىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەرگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىپ، خوتەن ئايرودۇرۇمى ئىككىنچى تۈردىكى ئاۋىياتسىيە پورتى قىلىپ تەسىس قىلىنسا.
شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش
ئارقا كۆرۈنۈش: تارىخ، تەبىئىي شارائىت، جۇغراپىيەلىك ئورۇن قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، 2020 – يىلى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە نامرات ئاھالىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ‹‹نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋېتىش››، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى ھەل قىلىش نىشانىغا يېتىشتە، شىنجاڭغا نىسبەتەن ۋاقىت ئىنتايىن جىددىي، ۋەزىپە ئىنتايىن ئېغىر.
بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق سەۋەبلەر بار: شىنجاڭدا نامرات رايونلارنىڭ كۆلىمى كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى چوڭقۇر، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئالاھىدە، نامراتلىققا پېتىپ قېلىش ئامىللىرى مۇرەككەپ. دۆلەت بېكىتكەن نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمى بويىچە بولغاندا، 2014 – يىلى شىنجاڭدا ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 2 مىليون 610 مىڭ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلىق مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇتاش كەتكەن 14 نامرات رايون ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇل ئەسلىھە سېلىنما ئومۇمىي قەرزى بىرقەدەر كۆپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئېغىر چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان.
تەكلىپ: شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە رايون ئالاھىدىلىكى، ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئويلىشىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا قارىتا مايىللىقى كۈچلۈك، پەرقلىق، ئالاھىدە سىياسەت بىلەن قوللاش سالمىقى كۈچەيتىلسە. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىقنى تۈگىتىشىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ‹‹رايون تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يۆلەش – ئېچىشنى يولغا قويۇش، يۆلەش – ئېچىش ئارقىلىق رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش›› تەپەككۇرى بويىچە دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولغا قويۇلسا. شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىدا يۆلەشكە مايىللىشىش ۋە ئۇنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، چېگرا رايون مەخسۇس يۆلەش مەبلىغى تەسىس قىلىنسا، چېگرا رايوندىكى ئاھالىلەرگە ياردەم بېرىش خاراكتېرلىك سىياسەت يۈرگۈزۈلسە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان چېگرانى قوغداش خادىملىرىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىما ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلسە ھەم چېگرا رايونلاردىكى ناھىيەلەردە كادىرلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى تۈزۈلسە. ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ رايون تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قارىتا ئايرىم سىياسەت يۈرگۈزۈلۈپ، مۇناسىپ مەبلەغ مەدىتى بېرىلسە.
ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى قوللاپ، ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش
ئارقا كۆرۈنۈش: تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدا بەزى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلاندى. ئېلېكتىر تورىغا مەبلەغ سېلىش قۇرۇلۇشىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ 11.34 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، يەنە كېلىپ ئېلېكتىر تورى سىملىرىنىڭ زىيانغا ئۇچراش نىسبىتى %8.1كە يېتىدۇ؛ توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭنىڭ توك چىقىرىش ئىقتىدارى تەخمىنەن 7 مىليون كىلوۋاتتىن كۆپرەك ئوشۇق بولۇپ، ئوشۇق توك مىقدارى تەخمىنەن 25 مىليارد كىلوۋات/ سائەتكە يېتىدىكەن؛ شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش بازار چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان، 2015 – يىلى شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشتە ئاران 28 مىليارد 570 مىليون كىلوۋات/سائەت توك يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىل بېشىدا بېكىتىلگەن 35 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات/سائەت توك يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنىڭ 7 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات/سائىتى ئورۇندالمىغان؛ ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئېھتىياجى يېتەرلىك ئەمەس. ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى، بۇ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئوشۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھەزىم قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى بىلەن ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ يېڭىچە ئېلېكتىر ئىستېمال بازىرى بەرپا قىلىشقىمۇ پايدىلىق.
تەكلىپ: شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ توك يەتكۈزۈش باھاسى تۆۋەنلىتىلسە؛ مەركەز مالىيەسىدىن ياردەم بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە مەركەز مالىيەسىدىن ‹‹شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش›› مەخسۇس تۈر مەبلىغى ئاجرىتىلسا؛ يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا مەركەز خامچوتىدىكى مەبلەغ ياردىمى نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە؛ شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق غول ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلسا.
جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش
ئارقا كۆرۈنۈش: جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريولى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى ۋە ‹‹جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريولى ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېنېرگىيە تىرانسپورتىدىكى مۇھىم يوللارنىڭ بىرى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن بىرلىكتە ئېلىمىزنى جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىياغا تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىنچى يۈرۈش قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى يولىنى شەكىللەندۈرىدۇ. جۇڭگو – پاكىستان خەلقئارا تۆمۈريولىنى ياساش ئېلىمىزنىڭ غەربكە تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى پۇرسەت، ئۇ ئىچكىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىپ گۈللىنىشكە جەلپ قىلىدۇ، ھەم يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹شەرقتىن كىرگۈزۈپ، غەربكە چىقىرىش›› ئىستراتېگىيەسىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭنى مەملىكەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە، ئېلىمىزنىڭ غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكىگە ئايلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش قەدىمىنى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.
تەكلىپ: جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريول تۈرى دۆلەتنىڭ مۇھىم دۆلەت زېمىنىنى ئېچىش تۆمۈريولى، دۆلەت مۇداپىئەسى تۆمۈريولى ۋە يۆلەش – ئېچىش تۆمۈريولى ھەم دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى، ‹‹جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم غول قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ ‹‹13 – بەش يىل››دىكى تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پىلانىغا كىرگۈزۈلسە، تۈرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمىتى تېزلىتىلىپ، 2016 – يىلى دۆلەت ئىچىدىكى بۆلىكىنى تاماملاش مۇمكىنچىلىك دوكلاتىنى تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈش – تەستىق سېلىش خىزمىتى تىرىشىپ ئورۇندالسا، 2017 – يىلى ئاۋۋال دۆلەت ئىچىدىكى بۆلۈكىدە قۇرۇلۇش باشلانسا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو – پاكىستان تۆمۈريول تۈرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئۆزئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى قىلىنىپ، ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى، يىپەك يولى فوندىنىڭ مەبلەغ سېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىن مەدەت بېرىلسە.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/12/content_508708.htm