يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خېبېيدا «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى
  • نېلۇپەرلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن، شىخۇ كۆلىىگە ئاقارتىش پاراشوكى چېچىلدى
  • گۇيياڭدىكى توك توختىغان مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار يانفون قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىدى
  • 67 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىسى دۆلىتىمىزگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى
  • شاڭخەيدىكى مەلۇم سودا سارىيى خېرىدارلارغا كىرىش بېلىتى ساتتى
  • دېڭجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
  • چېگرا ھالقىپ سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى چەكلىمىسى ئىككى يىل بوشاشتۇرۇلىدۇ
  • تۈگۈر جىلتىسىنى تاشلىۋەتمەي مۇنداق ئىشلىتىڭ...
  • كۆڭلىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغان ئىچ كۈيئوغۇل ئايالى قاتارلىق تۆت ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتى
  • نەننىڭدىكى كونا ماشىنا ۋە موتسىكىلىت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
  • تۆت خوتۇنلۇق بولغان ئەرگە 1 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
  • «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
  • ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى
  • جۇڭگولۇقنىڭ ئوچۇق كىيىنگەنلىكتىن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقى ئىغۋا ئىكەن
  • شەندۇڭدىكى ۋاكسىنا دېلوسىدا 357 ئادەم خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى ۋە دەرىجىسى چۈشۈرۈلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    زۇڭلى بىلەن شىنجاڭدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشۈپ، قەلبىمىز لەرزىگە كەلدى

    مەنبە :uy.ts.cn       يوللىغۇچى : مۇبەششر       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-12

       جاڭ لېي، لى ياڭ، ياۋ تۇڭ، سۈي يۈنيەن، يۈەن لېي، دۇڭ شاۋخۇا

        ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 10 – مارت 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە تەكشۈرۈشىگە قاتنىشىپ، ھەرمىللەت ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ‹‹<قانائەتلىنەرلىك جاۋابنى ئېلىپ> شىنجاڭغا قايتا بارىمەن››، دېدى.

        بىر كۈن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەكىللىرى، ئەزالىرى زۇڭلىنىڭ سۆزىدىن يەنىلا چەكسىز روھلاندى ۋە بەختكە چۆمدى، كۆپچىلىك زۇڭلىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن شىنجاڭغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، شىنجاڭنى قوللىغانلىقىدىن چوڭقۇر مىننەتدار بولدى، كۆپچىلىكنىڭ ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئىرادىسى ۋە غەيرىتى ئاشتى.

        ‹‹زۇڭلى بىزگە تەرەققىيات تەدبىرى كۆرسىتىپ، جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتقىلى كەلدى››

        ‹‹زۇڭلىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ھازىرغىچە ئېسىمدە، ئۇنىڭ سەمىمىي سۆزلىرى بىز ۋەكىللەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتى››، دېدى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى(گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ‹‹شىنشىن›› كانچىلىق پاي شىركىتى فۇكاڭ مېتال تاۋلاش زاۋۇتى ئۆلچەم تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ لابورانتى رازىيگۈل 11 – مارت زۇڭلى كۆپچىلىكنىڭ يېنىغا كەلگەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ ھاياجانلانغان ھالدا.

        ۋەكىل رازىيگۈلگە زۇڭلىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، داۋالىنىش، مائارىپ مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانلىقى، بولۇپمۇ مائارىپ ئىشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئالايىتەن سۈرۈشتۈرگەنلىكى، يەنە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىدىكى يولداشلاردىن ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان قىيىن مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، كۆپچىلىكنىڭ زۇڭلىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن چاۋاڭ چېلىپ كەتكەنلىكى قاتتىق تەسىر قىلدى.

        مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جياڭ پىڭئەن زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلگەنلىكىنى بىلىپ، ھاياجانلانغانلىقىدىن ئۆزىنى خۇددى نەق مەيداندا تۇرغاندەك ھېس قىلدى، ئۇ: زۇڭلى بىزگە تەرەققىيات تەدبىرى كۆرسىتىپ، جاسارىتىمىزنى ئۇرغۇتقىلى كەپتۇ، دېدى.

        ‹‹زۇڭلىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ۋە دۆلەتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى لايىھەسىدە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا چېتىلىدىغان مەزمۇنلار بولۇپ، سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتىن شىنجاڭغا مايىللاشقان، بۇنداق چوڭقۇر غەمخورلۇق بىزنى تېخىمۇ بېرىلىپ ئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىمىز››.

        مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ دىن ساھەسىدىكى ئەزاسى بەكرى مامۇت مۇنداق دېدى: زۇڭلىنىڭ غەمخورلۇقى، قوللىشىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز، بىز جەزمەن مەركىزىي كومىتېت ۋە مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلىنىمىز، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلەيمىز.

        ‹‹مەركەزنىڭ قوللىشىغىلا تايىنىۋالساق بولمايدۇ، ئۆزىمىز تېخىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك››

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ماناس ‹‹يىشىن›› مېۋىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ چىن يۇرتى ماناس ناھىيەسى ئۈستىدە توختىلىپ پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ بەش يىلدا ماناس ناھىيەسىدە مەيلى شەھەر ياكى يېزا بولسۇن، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. يېزىمىزدىكى كەنتلەردە ئاسفالت يول ياسالدى، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كىشىلەرنىڭ كىيىنىشىمۇ زامانغا لايىقلاشتى، ئائىلە تازىلىقى ياخشىلاندى، ساپاسى بارغانسېرى ئۆستى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆپچىلىككە يېتەكچىلىك قىلىشى بىلەن ئىشقا ئاشتى، بۇ مەركەزنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

        ۋەكىل ياڭ چىن مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ قوللىشىغىلا تايىنىۋالساق بولمايدۇ، ئۆزىمىز ئىشلەپ، ئەقىل – پاراسىتىمىزنى ئىشقا سېلىشىمىز كېرەك. زۇڭلى لى كېچياڭ مەركەزنىڭ شىنجاڭنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىز بۇ مىننەتدارلىقنى بېرىلىپ ئىشلەش جاسارىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ بېيىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ يىل ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئەسلىھەلىك باغۋەنچىلىك ۋە يېمەكلىك زەمبۇرۇغى كەسپىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بازار ئېھتىياجىنى توغرا ئىگىلەپ، ئېسىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش يۆنىلىشى بويىچە تەرەققىي قىلىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننى بىرلىكتە بېيىشقا يېتەكلەشنى پىلانلاۋاتىمەن.

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئېغىر ماي ئېچىش شىركىتى گېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى خالىدە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا مەركەزنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭنىڭ كۈتۈنۈش، داۋالىنىش، مائارىپ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شىنجاڭلىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بەخت كۆرسەتكۈچىمىزنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇق، زۇڭلى لى كېچياڭ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە مەن ھاياجانلىنىپ، شىركەتنىڭ بۇلتۇر قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى دوكلات قىلدىم ھەم پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتىم.

        ۋەكىل خالىدە ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: رايونىمىز ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايون بولسىمۇ، لېكىن كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، تەلەپ قىلماي، شىنجاڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز ئۆزىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. زۇڭلى شىنجاڭ خەلقىگە ۋەدە بەردى، بىزمۇ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق زۇڭلىغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدىكى نېفىتلىكلەر ھەرىكەتكە كەلدى، ھازىر كۆپلىگەن ياش پەن تەتقىقات خادىملىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسمېنا قوشۇپ تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ، كۆپچىلىك ئۇيۇشۇپ بىرگەۋدە بولدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت نېفىتلىكتىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، بايلىق ئېچىش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت پۇقراغا تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈندۇر.

        ‹‹ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق زۇڭلىنى كۈتۈۋېلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز››

        ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: زۇڭلى يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنىڭغا تەقەززا بولماقتا، بىز بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتەك ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن زۇڭلىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

        ئەزا جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى مىسلىسىز پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، لېكىن يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەرمۇ بار. بۇ يىل بىز يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تەرەققىياتنىڭ ئۇلىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. يېزا ئىگىلىكى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى ئاساس، ئۇسۇلنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك؛ كەسىپ تەرەققىياتىدا نېفىت – تەبىئىي گاز، قېزىلما بايلىققا تايىنىۋېلىشنى ئازايتىپ، قۇياش، شامال ئېنېرگىيەسى، كۆپ مەنبەلىك ساياھەت بايلىقى ۋە ياخشى ئېكولوگىيە بايلىقىنى ئېچىش، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك؛ جەنۇبىي شىنجاڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئاساسلىق ئاجىز ھالقا، بۇنى چوقۇم ئامال قىلىپ كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

        مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزاد زادە مۇنداق دېدى: زۇڭلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش، سەھىيە شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بۇمۇ ئاپتونوم رايون يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى. سىستېمىمىزمۇ بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كۈچنى زورايتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ، بولۇپمۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ، ئەلا داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشى، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازىرى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بۇ بىر قانچە يىلدا شىنجاڭ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى، لېكىن ئىچكىرىدىكى جايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا پەرق بار. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ‹‹مەن قىلالايمەن›› دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. زۇڭلىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە ئىلھاملاندۇرۇشى بىزگە كۈچ قوشتى، بىز كۈتۈپ تۇرماي، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، نەتىجە يارىتىپ، زۇڭلىنى قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بىلەن كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك. 

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/12/content_508709.htm 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز