يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن باھاسى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بېنزىن ۋە دىزېل باھاسى
  • جۇڭگودا بايلارنىڭ نامراتلىشىپ، نامراتلارنىڭ ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر
  • 2016-04-15 كۈندىكى ئالتۇن سودا تەھلىلى
  • 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
  • 2016-يىللىق شىنجاڭنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يەرلىك زايومى تارقىتىلدى
  • بازار دىققەت نۇقتىسى يەكشەنبە كۈنىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر يىغىنىدا بولدى
  • 2016-04-15 كۈندىكى كۈمۈش سودا تەھلىلى
  • ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى ماددىي ئالتۇن بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى بىكار قىلدۇ
  • ئىلكان ئىقتىساد كالىندارى «4-ئاينىڭ 15-كۈنى»
  • خەلقئارالىق ئورگانلار جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈمىد بىلەن قارىماقتا
  • ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى
  • كۈمۈشمۇ ئالتۇننىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىدىن قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز
  • دوللار كۆرسەتكۈچى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى
  • چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇڭگونىڭ 3-ئايدىكى ئېكىسپورتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا قانداق قارايدۇ؟
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    تۆۋەن نېفىت باھاسى شارائىتىدا، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى نېفىت ئىشچىلىرىنى قىسقارتمايدۇ

    مەنبە :finance.ifeng.com       يوللىغۇچى : azmat0996       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-10

    نۆۋەتتە خەلقئارادا ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى40 -30  ئامېرىكا دوللىرى ئارىلىقىدا تەۋرىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا، نېفىت كارخانىلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقى تېخىمۇ كەسكىن سىناققا دۇچ كېلىدۇ. يەر شارى خام نېفىت سودىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ ئۆلچىمى بولغان برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى، ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى 40 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، 4-دېكابىردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھادا بازار يېپىلدى. برېنت خام نېفىتنىڭ باھاسى 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن % 40 ئۆستى. 

    جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يىلىن مۇنداق دېدى: ھەر بىر تۇڭ نېفىت باھاسىنىڭ 40 -  30 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىپ تۇرۇشى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر تۇڭ نېفىتنىڭ باھا دائىرىسى 60 -  50 دوللار ئارىلىقىدا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ. 

    ۋاڭ يىلىن چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شىركەت تەننەرخ تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق تۆۋەن ئېنېرگىيە باھاسىغا تاقابىل تۇرىدۇ، بىرىنچى سەپتىكى نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشچىلىرىنى قىسقارتمايدۇ. 

    جۇڭگو نېفىتچىلىكى بولسا جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ نېفىت-تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى. ۋاڭ يىلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، شىركەت ئىشچىلار ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت يارىتىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تۆۋەن نېفىت باھاسى مۇھىتىغا قارىتا يىرىك تەرەققىيات پىلانىنى تەييارلايدۇ. ۋاڭ يىلىن مۇنداق دېدى : مەزكۇر دۆلەت كارخانىسى نۆۋەتتە پائال تۈردە چەتئەل بازارلىرىدىكى سېتىۋېلىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇۋاتىدۇ، رۇسىيە بىلەن ئىراندىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى. 

    ۋاڭ يىلىن مۇنداق دېدى، شىركەت ۋە خەلقئارا نېفىت شىركەتلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، كاپىتالىزم دۇنياسىدا، ئادەم قىسقارتىش تەننەرخىنى كېمەيتىشنىڭ ئەڭ قولايلىق بولغان ئۇسۇلى، گەرچە تۆۋەن نېفىت باھاسى خىرىس ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، شىركەت كەڭ كۆلەمدە خادىم قىسقارتمايدۇ. 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز