يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى
  • شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ فۇلىنى يەڭدى
  • رونالدو ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەك تارتىش نەتىجىسى
  • گۇما ناھىيەسىدە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى
  • خانلىق مادرىد بېكى كونتىراۋ يارىلاندى، 3~6 ئايغىچە ئارام ئالىدۇ
  • لىۋېرپول 4:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن دورتموندنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى
  • فېرگۇسون مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولۇشىغا قوشۇلدى
  • رونالدونىڭ ھەدىسى توختىماستىن پىكنى مەسخىرە قىلدى
  • راشفورد ئىلگىرى لىۋېرپولنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان
  • ئولىمپىك ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە بىلەن ئارگېنتىنا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى
  • 90% بارسېلونا مەستانىسى بارسېلونانىڭ شاللانغانلىقىنى ئادىل بولدى دەپ قارايدىكەن
  • راموس پې پېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى ئەمەس ئىكەن
  • قورقۇنچلۇق! رونالدو يەتتە پەسىلدە 359 توپ كىرگۈزدى
  • WWE چولپىنى بىگ شوۋ تېكىساستا ئاممىۋى پائالىيەتكە قاتناشتى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    رونالدو ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا يېڭى رېكورت ياراتتى

    مەنبە :sports.sina.com.cn       يوللىغۇچى : ساۋاتسىز       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-10

    سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :

    رىم كوماندىسى بىلەن بولغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، رونالدو ئۆزىنىڭ بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدىكى 13-توپىنى ئۇردى. بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا ئۇرغان 90-توپى. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق سەككىز كۈچلۈك كوماندىغا كىرىشىگە تۆھپە قوشۇش بىلەن بىرگە ئۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مەرگەنلەر قاتاردىكى 1-لىك ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. 

    بۇ پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا رونالدونىڭ ئۇرغان 13 توپى بىر قىسىم كوماندىلارنىڭ ئۇرغان توپىدىن ئېشىپ كىتىدۇ. ھازىرغا بولغانغا قەدەر بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى 22 توپ، بارسېلونا كوماندىسى 17 توپ، مانچېستېر شەھەر كوماندىسى 15 توپ، چېلىسى كوماندىسى 14 توپ، پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى 14 توپ ئۇرغان بولۇپ پەقەت مۇشۇ بەش كوماندا ئۇرغان توپ سانى رونالدونىڭ ئۇرغان توپىدىن كۆپ. باشقا كوماندىلارنىڭ ئۇرغان توپ سانى رونالدونىڭ ئۇرغان توپىغىمۇ يەتمەيدۇ. رونالدونىڭ يېتەكچىلىكىدىكى خانلىق مادرىد كوماندىسى بۇ مۇسابىقە پەسىلىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا 23 توپ ئۇرغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا ھۇجۇم كۈچى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولۇپ قالغان.


    رونالدونىڭ توپ ئۇرۇش سانى ئاشقاندىن باشقا رونالدو يەنە ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى 61 مەيداندا توپ ئۇرغان. نۇرغۇنلىغان پۇتبول چولپانلىرى ئۆزىنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇنداق يۇقىرى چوققىغا چىقالمايدۇ. رونالدونىڭ رېكورتىغا ئەڭ يېقىنلاشقان پۇتبول چولپىنى بولسا خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ سابىق ھۇجۇمچىسى رائۇل. ئۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا 56 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان. بىراق ئۇ ھازىر كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مەرگەنلەر قاتارىدا رونالدونى ئىز بېسىپ قوغلاپ كېلىۋاتقان يەنە بىر ماھىر مېسسى بولۇپ، ئۇ رونالدونىڭ رېكورتىغا ئەڭ يېقىنلاشقان، كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرمىغان پۇتبولچى. بارسېلونا چولپىنى مېسسى 51 مەيدان مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان.

    رونالدو 90 توپنى 127 مەيداندا كىرگۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە خانلىق مادرىدتىكى 71 مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدە 75 توپ كىرگۈزگەن. بۇ قېتىمقى 13 توپنىمۇ 8 مەيداندا كىرگۈزگەن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر مەيداندا بىردىن ئارتۇق توپ كىرگۈزگەن.

    مانچېستېر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق ھۇجۇمچىسى ۋان نستېرلوي 42 مەيدان مۇسابىقىدە توپ كىرگۈزگەن بولۇپ 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارسېنال كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى ھېنىرى ۋە مىلان كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى داڭلىق ھۇجۇمچىسى ئۇكرائىنالىق «يادرو ئوق بېشى» دەپ نام ئالغان شىۋېچىنكو 39 مەيدان بىلەن 5-ئورۇنغا تىزىلغان. 7-ئورۇنغا تىزىلغىنى ئىبراھىموۋىچ بولۇپ 36 مەيدان، چېلىسى كوماندىسىنىڭ «دىۋە»سى دىروگبا 35 مەيداندا توپ ئۇرۇپ 8-ئورۇنغا تىزىلغان. بېنزىما 35 مەيداندا توپ ئۇرۇپ 8-ئورۇنغا، يۇۋىنتۇس كوماندىسىنىڭ سابىق ھۇجۇمچىسى دېل پېرو 34 مەيداندا توپ ئۇرۇپ 10-ئورۇنغا تىزىلغان.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز