: ئامېرىكا تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشچە، جۇڭگو ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغان رۇسىيەگە يەنە بىر قېتىم قان بەرگەن. رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى جۇڭگونىڭ ئىككى مىليارد ياۋرو قەرز پۇلىغا ئېرىشكەن. رۇسىيە بۇ مەبلەغگە ئېرىشىش ئارقىلىق، سىرتتىكىلەرگە رۇسىيەنىڭ يىتىم قالمىغانلىقى ھەمدە غەربنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى نامايان قىلالايدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىيو ئىستانسىسىنىڭ تور پونكىتىدا 4- مارت ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى جۇڭگو بانكىسى لوندون شۆبە بانكىسى بىلەن 3- مارت شاڭخەيدە كېلىشىم ئىمزالاپ، جۇڭگودىن ئىككى مىليارد ياۋرو قەرزگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇ سودا رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى ھازىرغا قەدەر بىر خىل پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىدىن بىۋاسىتە ئېرىشكەن سوممىسى ئەڭ كۆپ قەرز ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قەرز يەنە رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ يېقىنقى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان جۇڭگودىن ئېرىشكەن ئىككىنچى قېتىملىق زور سوممىلىق قەرز ئىكەن. رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى بۇلتۇر يازدا جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىق جۇڭگودىكى بەش بانكىدىن بىر مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق قەرزگە ئېرىشكەنىدى.
ماتېرىيال سۈرىتى: شى جىنپىڭ بىلەن پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى
خەۋەردە ئېيتىلىشچە، رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى ھازىر سىبىرىيەنىڭ شەرقىدىن جۇڭگوغا تۇتىشىدىغان شەرقىي لىنىيە تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى ياسىماقتا. رۇسىيە بۇ ئېنېرگىيە تۈرىنى «سىبىرىيە كۈچى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، كەلگۈسىدىكى 30 يىلدا ھەر يىلى جۇڭگوغا 38 مىليارد كۇب مېتىر تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككى دۆلەت يەنە رۇسىيەنىڭ ئالتاي رايونىدىن جۇڭگونىڭ شىنجاڭ رايونىغا تۇتىشىدىغان غەربىي لىنىيە تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرى ئۈستىدە كېڭەشمەكتە.
رۇسىيەدىن تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغان تەبئىي گازنىڭ باھاسى خەلقئارا بازاردىكى خام نېفىت باھاسىغا ئەگىشىپ داۋالغۇپ تۇردى. خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى گاز باھاسىنى كەڭ كۆلەمدە چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. رۇسىيە كۆپ يىللار ئىلگىرى ئېنېرگىيەنى قورال قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېسىپ قىلغاچقا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياۋروپادىكى دۆلەتلەر تەبئىي گاز تەمىناتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
ماتېرىيال سۈرىتى: جۇڭگو- رۇسىيە نېفىت تۇرۇبا يولى
ئېنېرگىيە ئانالىزچىسى كوكىڭنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا رۇسىيەنىڭ تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق بازىرى. ئەمما ھازىر رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبئىي گاز مىقدارى بارغانسېرى تۆۋەنلىمەكتە، كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئازايماقتا. رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى ئۆتكەن ئىككى يىلدا جۇڭگوغا تۇتاشتۇرىدىغان شەرقىي لىنىيە تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ياساش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان زاپاس مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ بولدى. گەرچە رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى غەربنىڭ جازالاش قارا تىزىملىكىدە بولمىسىمۇ، ئەمما رۇسىيەدىكى باشقا كارخانىلارغا ئوخشاشلا مەبلەغگە ئېھتىياجلىق، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن جىددىي قەرز ئېلىشقا ئېھتىياجلىق.
ئانالىزچى كوكىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر غەربنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى رۇسىيەگە ئاساسەن دېگۈدەك تاقالدى. بۇ يىلدىن باشلاپ، رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيەدىكى ئاساسلىق كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا تايىنىشچانلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.»
رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئىلگىرى كۆپ قېتىم بۇ شىركەتنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا جۇڭگوغا تۇتىشىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبا يولىنى ياسىيالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئېنېرگىيە ئانالىزچىسىنىڭ قارىشىچە، ھازىر رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى جۇڭگودىن ئېرىشكەن بۇ قەرز پۇلىنىڭ شەرقىي لىنىيە تەبئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان- ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتىنىڭ جۇڭگودىن ئالغان قەرز پۇلىنى شىركەتنىڭ باشقا ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ.
پۇتىن ۋە ئوباما
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو رۇسىيەگە بىرلا قېتىم غايەت زور سوممىلىق قەرز بەرگىنى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭ كۆپىنچىسى ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەركەزلەشتى، بولۇپمۇ نېفىت ساھەسىگە. جۇڭگو تەمىنلىگەن تەمىنلىگەن قەرز پۇلى ئادەتتە رۇسىيەدىن خام نېفىت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تاپشۇرغان پۇل قىلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بەزىدە يەنە رۇسىيەدىن بىر قىسىم تۈرلەردە جۇڭگونىڭ ئۈسكۈنىلىرى ۋە جۇڭگو شىركىتىنىڭ مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتىدىكىلەرنىڭ 3- مارت بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىم جۇڭگودىن ئېرىشكەن قەرز شىركەتنىڭ كەسىپ ئېھتىياجىغا ئىشلىتىلىدىكەن. ھەر ئىككى تەرەپ قەرزنىڭ تەپسىلاتلىرىنى سىرتقا ئاشكارىلىمىدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن غەرب بىلەن كۈچ سىناشقاندىن كېيىن، يېقىنقى بىر يىلدىن بۇيان جۇڭگوغا تۇتقان دېپلوماتىك سىياسىتى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. تەنقىدچىلەر رۇسىيەنىڭ شەرققە ئېغىشى كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى، رۇسىيە كارخانىلىرى جۇڭگو تەرەپتىن كۆزلىگەندەك قەرز پۇلىغا ئېرىشەلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى. ئەمما رۇسىيە تەبئىي گاز سانائىتى شىركىتى بۇ قېتىم جۇڭگونىڭ غايەت زور سوممىلىق قەرز پۇلىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بىر قىسىم ئانالىزچىلار «جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە بازىرىنى ئېچىش ئۇرۇنۇشى نەتىجىگە ئېرىشىشكە باشلىدى. رۇسىيە سىرتقا ئۆزىنىڭ يىتىم قالمىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ياردىمىگە تايىنىپ غەربنىڭ جازاسىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.» دېيىشتى.
جۇڭگو- ئامېرىكا- رۇسىيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلىرى ئۇچراشتى
ئېنېرگىيە ئانالىزچىسى ئالېكساندىروۋ مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە جۇڭگونىڭ غايەت زور سوممىلىق قەرز پۇلىغا ئېرىشىشى مۇھىم سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە. رۇسىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ ئەھۋالدىن رۇسىيەنىڭ جۇڭگوغا تەبئىي گاز ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق غايەت زور مەبلەغگە ئېرىشەلەيدىغان ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى نامايان قىلىندى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: رۇسىيەدىكى يەنە بىر ئاساسلىق ئېنېرگىيە كارخانىسى، باشقىرتىستاندىكى «باشقىرت نېفىت شىركىتى» مۇ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئوخشاشلا جۇڭگو سودا- سانائەت بانكىسى ۋە جۇڭگو بانكىسىدىن 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ قەرز پۇلى جۇڭگونىڭ رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىن تاپشۇرغان پۇل، دەپ قارالدى.
يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى سانائەتنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلما تەڭشەشكە ئالاقىدار ئەھۋاللار ئۈستىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقاندا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مياۋ ۋېي رۇسىيە مۇخبىرى سورىغان «جۇڭگودىكى كەسىپلەرنى رۇسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىغا يۆتكەش» كە ئائىت سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئائىت بىر مېخانىزم ئورنىتىش توغرىسىدا كېڭەشتى، ئەسلىدە بار بولغان پۇقراۋى ئاۋىئاتسىيە مېخانىزمى ئاساسىدا، پۈتكۈل سانائەت ساھەسىگە كېڭەيتىلىدۇ. جۇڭگو بىر قىسىم كارخانىلارنى رۇسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىش، زاۋۇت قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.» دېدى.