ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
گۇگېل ئەمدىلا ئاندرويىد سىستېمىسى ھەرقايسى نۇسخىسىنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 3-ئاينىڭ7-كۈنىگىچە، پەقەت %2.3 ئاندرويىد ئۈسكۈنىسى ئەڭ يېڭى Android 6.0 سىستېمىسىدا ئىجرا بولىدىكەن.
نۆۋەتتە Android 4.4 يەنىلا ئەڭ كۆپ ئاندروئىد ئۈسكۈنىسى ئىجرا بولىدىغان سىستېما، ئىگەللەش نىسبىتى %34.3 كە يەتكەن، ئاندرويىد 5.0 ۋە ئاندرويىد 5.1 نى بىرلەشتۈرگەندىكى ئىگەللەش نىسبىتى %36.1 كە يەتكەن.
ئاندرويىد 4.1 دىن ئاندرويىد 4.3 كىچە بولغان (Jelly Bean) سىستېمىنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى %22.3، ئاندرويىد 2.3.3-2.3.7 گىچە بولغان (Gengerbread) سىستېمىنىڭ ئىگەللەش نىسبىتى %2.6.
ئاندرويىد كېيىنكى ئەۋلاد مەشغۇلات سىستېمىسى 7.0 مايدا پەيدا بولىدۇ، ئاندرويىد 6.0 نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ياخشى يېرى سامسۇڭ S7 ۋە LG G5 قاتارلىق ئالدىن قاچىلانغان ئاندرويىد 6.0 مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى يانفون تىپىنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، 6.0 نىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى تېز سۈرئەتتە ئېشىش مەزگىلىنى كۈتىۋالىدۇ.