يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقسىدىكى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ رەقىبلىرى بىلەن ئۇچىراشقان نەتىجىلىرى
  • خانلىق مادرىد 19 كىشىلىك تىزىملىكنى ئېلان قىلدى
  • گۇاڭجۇ خېڭدا رەقىبىنى يېڭىپ بىرلەشمىدە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى
  • رونالدونىڭ شەخسىي مۇزېيىدا يەنە بىر «ئەزا» كۆپەيدى
  • شەندوڭ لۇنىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا رەقىبىنى يەڭدى
  • خانلىق مادرىد: تەلىيىڭلار ياخشى؟ سىلەر ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق دېگەن!
  • چېلسى VS مانچېستىر شەھىرى مۇسابىقىسىگە نەزەر
  • ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى
  • شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ فۇلىنى يەڭدى
  • رونالدو ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەك تارتىش نەتىجىسى
  • گۇما ناھىيەسىدە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى
  • خانلىق مادرىد بېكى كونتىراۋ يارىلاندى، 3~6 ئايغىچە ئارام ئالىدۇ
  • لىۋېرپول 4:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن دورتموندنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى
  • فېرگۇسون مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولۇشىغا قوشۇلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    بېرنابۇدا ئالقىشقا ئېرىشكەن رەقىب چولپانلار

    مەنبە :news.zhibo8.cc       يوللىغۇچى : sarkarda1       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-10

    ياۋروپا ئۇزغۇلۇق بىرلەشمىسى 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىشىدا رىم كوماندىسىنىڭ كاپىتانى توتتى خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ بېرنابۇ مەيدانىدا مەستانىلىرىنىڭ ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىشىغا ئېرىشتى. بېرنابۇدىكى خانلىق مادرىد توپ مەستانىلىرى ئىزچىل ئۆزىنىڭ رىقابەتچىلىرىگە ناھايىتى كەسكىن مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار يەنە پۇتبول دۇنياسىدىكى رىۋايەتلىك توپچىلارغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن. بەلكىم بۇ بېرنابۇ توپ مەيدانىنىڭ ئەسلىي تەبىئىتى بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن كېيىن رىم كوماندىسىنىڭ كاپىتانى توتتى بېرنابۇ مەيدانىدا ئالقىشقا ئېرىشكەن رەقىب توپچىلار تىزىملىكىدىكى يەنە بىر يېڭى ئەزا بولۇپ قالدى. توتتىنىڭ قابىلىيىتى بېرنابۇ مەستانىلىرىنى قايىل قىلدى، بېرنابۇ مەستانىلىرى ئەزەلدىن تالانتلىق توپچىلارغا چاۋىكى ۋە ھۆرمىتىنى ئاياپ قالمىغان، توتتىدەك رىۋايەتلىك توپچىلار گەرچە خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ رەقىبى بولسىمۇ بىراق، مەستانىلەر يەنىلا پۇتبولنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئۇلارغا چاۋاك ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

    تۆۋەندە بىز ھازىرغىچە بېرنابۇ مەيدانىدا مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرشكەن رەقىب كوماندىدىكى پۇتبولچىلارغا قاراپ باقايلى:

    مارادونا

    1983-يىلى ئىسپانىيە بىرلەشمە لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە مارادونا ناھايىتى قالتىس بىر توپ كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن بېرنابۇدىكى توپ مەستانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

    رونالدىنھو

    2005/06-پەسىللىك ئىسپانىيە دۆلەت دېربىيسىدە بارسېلونا كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 3-0 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ توپچىسى رونالدىنىھو قالتىس توپتىن ئىككىنى كىرگۈزگەن بۇ ۋاقىتتا ھاياجانلانغان بېرنابۇ توپ مەستانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك بىلەن ئۇنىڭغا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

    گىگىس

    2013-يىلى ئۇزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى بېرنابۇ مەيدانىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى كۇلۇبىىنى كۈتۈۋالدى. ئەينى ۋاقىتتا بېرنابۇ توپ مەستانىلىر قىزىل ئالۋاستى قوشۇنىنىڭ كونا قوماندانى بولغان گىگىسقا ئالقىش ياڭراتقان.


    فىرنەندو لورېنتى

    لورېنتى بېرنابۇدا مەستانىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن توپچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلىدىكى خانلىق مادرىد ۋە يۇۋېنتۇس كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقسىدە مەستانىلەر لورېنتى ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىش ياڭراتقان.


    ئالىكساندىر دېل پېرو

    دېل پېرونىڭ 34 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى يېتىپ كىلىشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن يۇۋېنتۇس كوماندىسى بېرنابۇ مەيدانىدا خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە 34 ياشقا كىرىپ قالغان دېل پېرو ئىككى توپ كىرگۈزۈپ يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى غەلبىگە ئېرىشتۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بېرنابۇدىكى پۈتكۈل توپخۇمار قىزغىن چاۋاك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ «تاغىل ئات شاھزادىسى»گە ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.


    پىرلو

    پىرلو چوقۇم 2013-يىلى ئىسپانىيە پايتەختىدىكى ئەسلىمىلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ پۈتكۈل بېرنابۇ مەيدانىدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن، ئۇ شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بېرنابۇدىكى توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەندە ناھايىتى ھاياجانلانغان ئىدىم».


    ئىنېستا

    ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىكى دۆلەت دېربىيسىدا بارسېلونا كوماندىسى بېرنابۇ مەيدانىدا 4-0 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىد كوماندىسىنى بوغۇزلاپ تاشلىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئىنېستا كىشىنى قايىل قىلارلىق ماھارىتى بىلەن ساھىبخان مەيداندىكى بارلىق مەستانىلەرنى قايىل قىلدى. ئۇ ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كېتىدىغان ۋاقىتتا پۈتۈن بېرنابۇ توپ مەستانىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز