يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خانلىق مادرىد: تەلىيىڭلار ياخشى؟ سىلەر ئۆتكەن يىلىمۇ شۇنداق دېگەن!
  • چېلسى VS مانچېستىر شەھىرى مۇسابىقىسىگە نەزەر
  • ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ چەك تارتىش نەتىجىسى
  • شاڭخەي شاڭگاڭ ساھىبخان مەيداندا گۇاڭجۇ فۇلىنى يەڭدى
  • رونالدو ئولىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشمايدۇ
  • ياۋروپا ئۇزغۇنلىقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە چەك تارتىش نەتىجىسى
  • گۇما ناھىيەسىدە پۇتبول قىزغىنلىقى ئەۋج ئالدى
  • خانلىق مادرىد بېكى كونتىراۋ يارىلاندى، 3~6 ئايغىچە ئارام ئالىدۇ
  • لىۋېرپول 4:5 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن دورتموندنى شاللاپ تۆت كۈچلۈككە كىردى
  • فېرگۇسون مورىنھونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىگە مەشقاۋۇل بولۇشىغا قوشۇلدى
  • رونالدونىڭ ھەدىسى توختىماستىن پىكنى مەسخىرە قىلدى
  • راشفورد ئىلگىرى لىۋېرپولنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان
  • ئولىمپىك ئەرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە بىلەن ئارگېنتىنا بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈندى
  • 90% بارسېلونا مەستانىسى بارسېلونانىڭ شاللانغانلىقىنى ئادىل بولدى دەپ قارايدىكەن
  • راموس پې پېنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى ئەمەس ئىكەن
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    تەڭرىتاغ يىلپىزى كۇلۇبىنىڭ 2016-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلدى

    مەنبە :nur.cn       يوللىغۇچى : نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-10

    ئۆز مۇخبىرىمىز نۇرمۇھەممەد شەمشىدىن فوتو خەۋىرى :

    2016-يىلى 9-مارت ئۈرۈمچى جىنجياڭ خەلقئارا چوڭ مېھمانخانىسىنىڭ 2-قەۋىتىدىكى يىغىن زالىدا شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ 2016-يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى غەلىبىلىك ھالدا ئېچىلدى.


    بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، پۇتبول جەمئىيىتى ۋە پۇتبول باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەسئۇللىرى ۋە نوپۇزلۇق تاراتقۇ ۋاستىلىرى، شۇنداقلا ھەر قايسى پۇتبول مەستانىلىرى تەشكىلاتلىرىدىن بولۇپ 100 گە يېقىن مېھمان قەدەم تەشرىپ قىلدى.

    ئالدى بىلەن ئۈرۈمچى جۈنتەي ئۆي-زېمىن پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ لىدىرى سۈن ئەيجۈن ئەپەندى كۇلۇبقا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

    ئارقىدىن رىياسەتچى بۇ پەسىللىك شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ توپچىلار تىزىملىكىنى جاكارلىدى.

    ئارقىدىنلا توختام ئىمزالاش ھالقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كۇلۇبى «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى»، «ياش-ئۆسمۈرلەر كوماندىسى» ۋە «بېيجىڭ ئوۋشۈن تەنتەربىيە مەدەنىيەت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن توختام ئىمزالىدى.

    رىياسەتچىنىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭ ئوۋشۈن تەنتەربىيە مەدەنىيەت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ياۋ جېنيەن ئەپەندى سۆز قىلدى.

    بېيجىڭ ئوۋشۈن تەنتەربىيە مەدەنىيەت پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى پۇتبول كۇلۇبىنىڭ باش دېرىكتورى ۋاڭ ياۋ ئەپەندى سۆز قىلدى.

    «چوڭ كاناي» دەپ نام ئالغان يۈسۈپجان ئەپەندى مەستانىلەرگە ۋاكالىتەن يۈرەك سۆزىنى ئېيتتى.

    رىياسەتچى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىنىڭ 12-مارت مېھمان كوماندا سالاھىيىتىدە شېنجىن كوماندىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقى، شۇنداقلا 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇنجى مەيدان ساھىبخان مەيداندا رىقابەتچىسىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، چوڭ ئېكران ئارقىلىق بۇ پەسىللىك مۇسابىقە تىزىملىكىنى كۆپچىلىككە ئېلان قىلدى.

    ئەڭ ئاخىرىدا ھەر قايسى رەھبەرلەر بىرگە سەھنىگە چىقىپ «يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى قوزغىتىش» ھالقىسىنى تاماملىدى.

    ئاخىرىدا بىز شىركەت نامىدىن، شۇنداقلا بارلىق شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىلپىزى پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى مۇسابىقىلەردە ئەركەكلەرچە ئىپادىدە بولۇپ، رىقابەتچىسى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.




    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز