ھازىر پەقەت ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىلا «بايراملىق پائالىيەت» ئۆتكۈزۈپلا قالماستىن، تېلېفون زاۋۇتلىرىمۇ ھەرخىل بايرام ئۆتكۈزىدىغان بولدى، ئىلگىرى شياۋمى ماركىسى «مىفېن بايرىمى» نى يولغا قويغاندىن كېيىن، روڭياۋ، مېيزۇ قاتارلىق ماركىلار ئارقا-ئارقىدىن ھەرخىل پائالىيەتلەرنى يولغا قويغان ئىدى. نەچچە كۈن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئالى بابا گۇروھى بىلەن 360 تېلېفون شىركىتى بىرلىكتە چوڭ ئىش تەۋرەتمەكچى بولغان ئىكەن، بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى شىركەت بىرلىكتە يېڭى بىرخىل مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىپ شياۋمى شىركىتىنىڭ «مىفېن بايرىمى» بىلەن رىقابەتلىشىدىكەن.
ھەريىلى قوش 11، قوش12 يېتىپ كېلىشى بىلەن، ئېلېكترونلۇق سودا تور بېكەتلىرى بەس-بەستە ھەرخىل پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئەرزان باھادا سېتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.
پەقەت ئېلېكترونلۇق سودا شىركەتلىرى مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپلا قالماستىن تېلېفون زاۋۇتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەس-بەستە ھەرخىل «بايرام»لارنى تەسىس قىلغان ئىدى. شياۋمى شىركىتى 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، شىركەت قۇرۇلغان كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك مىفېن بايرىمىنى يولغا قويغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مىفېن بايرىمى ئۆتكۈزدى.
بۇ مەزگىلدە، روڭياۋ، مېيزۇ قاتارلىق ماركىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم شىركەتلەر بەس-بەستە ھەر خىل پائالىيەتلەرنى يولغا قويۇپ، باشقا شىركەتلەرگە تاقابىل تۇردى.
نەچچە كۈن ئىلگىرى، 360 شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جۇ فاڭخاۋ ئۆزىنىڭ مىكرو بىلوگىدا چوڭ گەپ قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئالى بابا گۇروھى بىلەن ھەمكارلاشماقچى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئالى بابا گۇروھىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن مەخپىي يىغىن ئاچقانلىقىنى ئېيتقان، بۇ چاغدا ئالى بابا گۇروھىمۇ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن.
تيەنماۋ تېلېفون مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ مەسئۇل خادىمى فەن جىيوڭنىڭ مىكرو بىلوگىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 360 شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ چوڭ ئىش تەۋرىتىدىكەن.
بۇلتۇر جوۋ خوڭۋېي رەسمىي ھالدا تېلېفون ساھەسىگە قەدەم قويدى، شۇنداقلا 360 ماركىسىدىكى يانفونلارنى بازارغا سالغان ئىدى، ئارقىدىنلا ئۇ يەنە چىكۇ بايراقدار نۇسخىسى، چىكۇ ياشلىق نۇسخىسى، داشېن note 3 يۇقىرى سەپلىمىلىك نۇسخىسى قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 360 OS سىستېمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سىستېما ناھايىتى بىخەتەر، يىنىڭ ۋە توك تېجەش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر قوش 11 مەزگىلىدىن باشلاپ، 360 تېلېفونى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سېتىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، شياۋمى، خۇاۋېي، مېيزۇ قاتارلىق ماركىلار بىلەن بىرلىكتە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۆت كۈچلۈك ماركىنىڭ بىرىگە ئايلاندى.