سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كارخانىچى، ساخاۋەتچى شاھزادىسى __ ئەل ۋالىد
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
سەئۇدى ئەرەبىستان نۆۋەتتە دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىدىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ دۆلەتتىكى پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرمۇ ھەردائىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىنى تارتىپ تۇرىدۇ. ئالاقىدار ماتېرىياللاردا مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىدىكى ئەربابلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدە جەمئىي 2700 نەپەر ئەتراپىدا شاھزادە ۋە مەلىكە بار ئىكەن. ئەمما باشقا سانلىق مەلۇماتلاردا بۇ سان تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بەزى ژۇرناللارنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئايان بولۇشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 5000 غا يېقىن شاھزادە بار ئىكەن. ھەربىر شاھزادە ئۆمۈرۋايەت غايەت زور تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەقسىز ساياھەت قىلالايدىكەن، ئايروپىلانلاردا ئالىي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، ھۆكۈمەتتە يۇقىرى ئەمەل-ھوقۇقلارنى تۇتىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق تۈزۈم ئىكەن. ئىسلام قانۇنى بويىچە سەئۇدى ئەرەبىستاندا نۇرغۇن ئەرلەر تۆت خوتۇن ئالسىمۇ، ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئاجرىشىش نىسبىتىمۇ تېز بولماقتا، شۇ ۋەجىدىن شاھزادە، بەگزادىلەرنىڭ سانىمۇ ھەسسىلەپ ئېشىپ بارغان. 1932-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنى قۇرغان پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىزنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 16 خوتۇنى بولۇپ، 42 شاھزادىسى بولغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىلىرىنىڭ قان سىستېمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن شاھزادىلەر غەرب مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلغان، ئۇلار سىياسىي، سودا ساھەلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئىسراپچىلىق، ھەشەمەتچىلىكتە كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈۋاتقان شاھزادىلەرمۇ ئاز ئەمەس.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئاشۇ 5000 غا يېقىن شاھزادىلىرىنىڭ ئىچىدە بىر شاھزادە نۆۋەتتە جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇ دەل سەئۇدى ئەرەبىستان خان جەمەتىنىڭ ئەزاسى، شاھزادە ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇد بولۇپ، ئادەتتە ۋالىد شاھزادا دېيىلىدۇ، ئۇ دۇنياۋى كاتتا باي، ئوتتۇرا شەرقتىكى 1-باي، داڭلىق كارخانىچى، مەبلەغ سالغۇچى، خەير-ساخاۋەتچى بولۇپ، ئەرەبلەرنىڭ «ۋاررېن باففېتى»، «ئوتتۇرا شەرقتىكى مەبلەغ سېلىش پىرى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.
ۋالىد شاھزادە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت قۇرغان پادىشاھى ئابدۇللا ئەزىزنىڭ 21-شاھزادىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان، ئاپىسى زامانىۋى لىۋاننىڭ 1-نۆۋەتلىك زۇڭلىسىنىڭ قىزى بولىدۇ.
ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش مۇساپىسى 1980-يىلى سىتى بانكىسىنىڭ غايەت زور پېيىنى سېتىۋېلىشتىن باشلانغان، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۆزىگە خاس ئۆتكۈر نەزەر بىلەن سىتى بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكىغا ئايلانغان. ئەل ۋالىد سىتى بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ شەخسىي پايچىكى، ئاخبارات گۇرۇھىنىڭ 2-چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسى بولغاندىن باشقا، يەنە خەلقئارادىكى نۇرغۇن نوپۇزلۇق شىركەتلەرگە مەبلەغ سالغان.
2011-يىلى 3-ئايدا، ئەل ۋالىد «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى بايلار تەرتىپىدە 26-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، شۇ يىلى شەخسىي بايلىقى 19 مىليارد 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ يەنە «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى بايلار تەرتىپىگە كىرگەن دۇنيادىكى ئەڭ باي سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئەل ۋالىد كېيىنچە «فوربېس» ژۇنىلىنى ئۆزىنىڭ بايلىقىنى خاتا مۆلچەرلەپ قويغانلىقتىن سوتقا ئەرز سۇنغان. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئىككى تەرەپ مۇرەسسەلەشكەن.
جاپا-مۇشەققەتلىك سودىغا كىرىشىش جەريانى
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كاتتا باي ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇد 1955-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى رىيادتا تۇغۇلغان، 1985-يىلى ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1989-يىلى يەنە ئامېرىكىدا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە باشقۇرۇش ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەش يېشىدا، ئۇنىڭ ئاتىسى كېيىنكىلەرگە خەيرخاھلىق قىلغانلىقتىن مىسىر زۇڭتۇڭى ناسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ۋە خان جەمەتىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئۆزئارا ئازارلىشىپ قالغان ھەمدە مىسىرغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ يەردە، ۋالىد ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرى جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. كېيىن، ۋالىد ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىش ئىجازىتىگە ئېرىشىدۇ، ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، ئاتا-بالا ۋە كېيىنكى ئەۋلادلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي ساھەسىگە كىرىش پۇرسىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپىدۇ.
ۋالىد ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە ئىزچىل ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. 1972-يىلى، 15 ياشلىق ۋالىد يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىنىڭ سان فىرانسىسكو ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇپ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 1976-يىلى، 19 ياشلىق ۋالىد ئامېرىكىنىڭ سىراكۇس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ سودا-سانائەت باشقۇرۇش بويىچە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە ئۈچ يىلدىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىپ، ئاتىسى بەرگەن 15 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلايدۇ، قولىدىكى مەبلىغىنى جۇغلاپ، يەنە بىر نەچچە شىركەت قۇرۇپ چىقىدۇ ھەمدە چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا شېرىكلىشىپ شىركەت قۇرۇپ، سودا ۋاكالەتچىلىكى ۋە ھۆددىگەرلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، ئىراق-ئىران ئۇرۇشى پارتلاپ، 2-قېتىملىق نېفىت كىرزىسىغا سەۋەب بولىدۇ. ماي باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى سەۋەبلىك، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىتتىن كىرىدىن كىرىمىمۇ ھەسسىلەپ كۆپىيىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ زور تۈركۈمدىكى مەبلەغلەرنى ئۇل قۇرۇلۇشلارغا سالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەر باھاسى ئەسلىدىكىدىن 80 ھەسسە ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇنداق تېپىلغۇسىز بازار پۇرسىتىدە، ۋالىد دەرھال پادىشاھلىق قۇرۇلۇش شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، رەسمىي يوسۇندا ئۆي-مۈلۈك كەسپىگە يۈرۈش قىلىدۇ.
1990-يىلى، ئىراق كۇۋەيتكە ھۇجۇم قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەسلىدىنلا جىددىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ئۇرۇش ئوتلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تەسىر قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئارقا-ئارقىدىن يەرلىرىنى سېتىشقا باشلايدۇ. شۇ چاغدا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا يەر باھاسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ. ۋالىد دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە ئويلاپ، نۇرغۇن يەرلەرنى سېتىۋېلىپ، ئۇرۇش كىرزىسى دەۋرىدە رىيادتىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي «زېمىندار»غا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن، ۋالىد بۇ يەرلىرىنى سېتىشقا باشلاپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن % 400 ئەتراپىدا پايدا ئېلىپ، سان-ساناقسىز بايلىقنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.
مەبلەغ سېلىپ بانكىرغا ئايلىنىش
ۋالىد يەر سېتىشقا تايىنىپ، ھاياتىدىكى تۇنجى كومزەك ئالتۇننى قازىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي تۈردە دۇنياۋى كاتتا بايغا ئايلىنىشىدىكى ھالقا دەل بانكا كەسپىگە يۈرۈش قىلغانلىقىدۇر. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە سودا دۇنياسىنىڭ يادروسىغا شۇڭغۇشتا، بانكا دەل بارلىق ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ كۆزى ھېسابلىنىدۇ.»
1986-يىلى، ئۇ تۇيۇقسىز سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمە سودا بانكىسىنىڭ ئەڭ چوڭ پايچىكى بولغانلىقىنى جاكارلايدۇ. شۇ چاغدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمە سودا بانكىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ناچار، كۆلىمى كىچىك بولۇپ، يىل بويى زىيان تارتىپ كېلىۋاتاتتى. ۋالىد بۇ بانكىنىڭ پايچىكى بولۇپ 3-يىلى، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى پايدىسى ئەڭ ياخشى سودا بانكىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇ بانكىغا مەبلەغ سېلىشتا ئۇتۇق قازىنىش ئۇ تېخىمۇ ئىشەنچكە تولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ ئۆزى بانكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، نۇرغۇن زۆرۈر پۇل مۇئامىلە، باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىدۇ، نۇرغۇن يۇشۇرۇن پايدا ئامىللىرىنىمۇ ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
1990-يىلى، ئەينى چاغدىكى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ سودا بانكىسى ___ سىتى بانكىسى زور دەرىجىدە مەبلەغ كەملىك خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ. سىتى بانكىسى 1 مىليارد دوللارنىڭ مەبلەغ توپلاپ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلالمايدۇ. نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار سىتى بانكىسىنىڭ پاي باھاسىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشىنى كۈتىدۇ. بۇ چاغدا سىتى بانكىسى تەرەپ ۋالىدنىڭ سىتى بانكىسىنىڭ پېيىنى سېتىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ، ئۇ ھەربىر پاينى 12ئ46 دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋېلىپ، سىتى بانكىسىنىڭ ئومۇمىي پېيىنىڭ % 4.9 نى ئىگىلىگەن ئادەتتىكى پايچىكقا ئايلىنىدۇ، ئۇ بانكىدىن 207 مىليون دوللارلىق پاي سېتىۋالىدۇ. بۇ چاغدا ۋالىدنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا قىلچە نامى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بىراقلا مەيدانغا چىقىشى ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرىدۇ. سىتى بانكىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئادەم ئەۋەتىپ ۋالىدنىڭ بۇ ئىشىنىڭ راستىلىقىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، يەنە بىر مەبلەغ سالغۇچى كۇۋەيت ھۆكۈمىتى بولۇپ، ھەممەيلەن كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنى سىتى بانكىسىنىڭ يېڭى پايچىكى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى.
لېكىن، 1991-يىلى 1-ئايدا، دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇش پارتلايدۇ. كۇۋەيت ھۆكۈمىتى جەڭگە تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، سىتى بانكىسىغا مەبلەغ سالىدىغان ئىشنى ئويلىغۇدەكمۇ ھالى يوق ئىدى. سىتى بانكىسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئالدىراپ-تېنەپ، ۋالىد بىلەن 2-قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ.
شۇ چاغدىكى سىتى بانكىسى خەلقئارالىق مالىيە گۇرۇھلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇھتاج بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەدە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ چىقىشى قۇم چېچىپ مەرۋايىت تەرگەندەكلا بىر ئىش ئىدى. سىتى بانكىسى بىلەن 1-قېتىم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ۋالىد كەسكىنلىك بىلەن 590 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ سىتى بانكىسىنىڭ يېڭى پايچىكى بولۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ سىتى بانكىسىنىڭ ئومۇمىي پېيى بىراقلا % 14.9 كە يېتىدۇ. ۋالىدنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سىتى بانكىسى بارا-بارا كىرزىستىن قۇتۇلىدۇ. ئەمما ۋالىد بۇ قېتىمقى جەڭدە نام-ئاتاق ۋە مەنپەئەتتىن ئىبارەت قوش پايدىغا بىراقلا ئېرىشىدۇ، شۇ يىلى سالغان 800 مىليون دوللار نەچچە يىل ئىچىدە قىممىتى 1 مىليارد دوللارلىق پاي ھوقۇقىغا ئايلىنىدۇ، ۋالىدمۇ سىتى گۇرۇھىدىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر: ناۋادا كۇۋەيت ئۇرۇش سەۋەبلىك مەبلەش سېلىشتىن يالتايمىغان بولسا، ۋالىدمۇ سىتى گۇرۇھىغا قوشۇلمىغان بولاتتى، بۇ پۇلدار ۋە ئامەتلىك شاھزادىنىڭ ھەقىقەتەن ئامىتى كەلدى، دېيىشمەكتە.
ئەمەلىيەتتە، 1989-يىلى 3-ئايدا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىرلەشمە سودا بانكىسىنى كونترول قىلغان ۋالىد ئەينى چاغدىكى مالىيە ئەمەلدارىدىن پېيىنى بازارغا سېلىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقان 10 بانكىنىڭ يىللىق مەلۇماتىنى تەلەپ قىلغانىدى. ۋالىد تەتقىق قىلىش ئارقىلىق مەبلەغ سېلىش دائىرىسىنى تۆت شىركەتكە قىسقارتىپ، ئاخىرىدا «ئەڭ ئەرزان» بىر شىركەت ___ ئەينى چاغدا ۋەيران بولۇۋاتقان سىتى بانكىسىنى بېكىتكەنىدى. سىتى بانكىسىنىڭ چوڭ پايچىكى بولۇش ۋالىدنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى بىر مەيدان مۇھىم جېڭى ھېسابلىنىدۇ.
ئەرەبلەرنىڭ ۋاررېن باففېتى
مەبلەغ سېلىش ساھەسىدە ۋاررېن باففېت بىلەن ئەل ۋالىد شەرق ۋە غەربتىكى ئىككى رىۋايەتسىمان شەخس ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى 2-باي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاررېن باففېت ياراتقان بايلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. 2003-يىلى، بىل گايتس جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئەينى چاغدىكى دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئۇنىڭدىن ئامېرىكىنىڭ كاپىتال بازىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بىل گايتس جاۋاب بېرىپ: «كاپىتال بازىرىنى بىرلا ئادەم چۈشىنىدۇ، ئۇ دەل ۋاررېن باففېت» دېگەن. ۋالىد بىلەن ۋاررېن باففېت خېلى ئاغىنىلەردىن بولۇپ، ۋالىد ئىلگىرى باففېتنى تەنقىدلىگەنلەرگە كەسكىن رەددىيە بەرگەنىدى، ۋاررېن باففېتمۇ: «ئوخامادا، كىشىلەر مېنى ئامېرىكىلىق <ۋالىد> دېيىشىدىكەن، مەن بۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن» دېگەنىدى. ئىككىيلەننىڭ يەنە بىر يېقىن كېلىدىغان تەرىپى بار: ۋاررېن باففېت 22 يېشىدا ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتكۈزۈپلا سودىغا كىرىشىپ، دەسلەپتە 10 مىڭ دوللار تاپىدۇ، ئۇ شۇنىڭدىن باشلاپ پاي دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتىدۇ، ۋالىدمۇ پەقەت 15 مىڭ دوللار بىلەنلا ئىگىلىك تىكلەش يولىغا قەدەم باسقان.
«فوربېس» ژۇرنىلى ئۈستىدىن ئەرز قىلىش
ۋالىد 2005-يىلىدىكى شەخسىي بايلىقى 23 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق بايلىقى بىلەن «فوربېس»نىڭ بايلار تەرتىپىدە 5-ئورۇنغا تىزىلغانىدى. 2007-يىلى بايلىقى ئازىيىپ 20 مىليارد 700 مىليون دوللارغا چۈشۈپ، 13-ئورۇنغا تىزىلغان. 2011-يىلى 3-ئايدا، ۋالىد «فوربېس» ژۇرنىلىنى ئۆزىنىڭ بايلىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغان دېگەن قاراش بىلەن سوتقا ئەرز قىلىدۇ. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئەل ۋالىد ئىشخانىسى قىسقىچە بايانات ئېلان قىلىپ، ۋالىد بىلەن «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ «ئىككى تەرەپ ئېتىراپ قىلغان شەرت» ئاساسىدا، ئەل ۋالىدنىڭ «فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئۈستىدىن قىلغان ئەرزى ھەققىدە كېلىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
مەبلەغ سېلىش ماگناتى
ئەل ۋالىدنىڭ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش شەكلى پەقەت خەتەر ئىچىدە قالغان پاينى سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت. ئاتىسى بەرگەن 15 مىڭ دوللار بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىغان ۋالىد مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئۈستۈنلۈكى شۇكى، ئۇ زور تۈركۈمدىكى مەبلەغنى خالىغانچە ئىشلىتەلەيدۇ. ناۋادا بىر شىركەت قىيىن ئەھۋالدا قېلىپ، مەبلىغى يېتىشمىسە، ۋالىد شۇ ھامان نەچچە يۈز مىليون دوللارلىق چەك كېسەلەيدۇ. بىر چوڭ مەبلەغ سالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار چۈشىدىمۇ ئىنتىزار بولىدىغان دىرېكتورلار بىلەن ئۇچرىشىش يوللىرىغا ۋە باھا تالىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، شەخسىي قول قويغان ئىككى تەرەپكە پايدىلىق توختاملارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغىنى ئادەتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئېرىشىدىغان پايدىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ. ۋالىدنىڭ نەچچە قېتىم سىتى بانكىسىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشى ھەمدە سىتى بانكىسىغا ئۇزاق مۇددەتلىك پايچىكى بولۇشى ئۇنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر ئىسپاتىدۇر، سىرى بانكىسىغا مەبلەغ سېلىشمۇ ۋالىدنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەڭ ئۇتۇقلۇق بىر قېتىملىق مەبلەغ سېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
1990-يىلى كۈزدە، ئەينى چاغدا ئامېرىكىدىكى بۇ ئەڭ چوڭ بانكا قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇ بىر قاتار يەر مۈلۈك قەرزىدە نەچچە رەت زىيان تارتىپ، جىددىي مەبلەغقە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدۇ، فېدېراتسىيە زاپاس كومىتېتى بانكىنىڭ مەبلەغ زاپىسىنى كۆپەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما سىتى بانكىسىنىڭ نەچچە يۈز مىليون دوللار مەبلەغ تېپىش تىرىشچانلىقى بىكارغا كېتىدۇ. كىشىلەر سىتى بانكىسىنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ئەندىشىگە چۈشۈپ، بانكىنىڭ پېيى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىدۇ، بۇنىڭ بىلەن پاي باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىدۇ.
ئەينى چاغدا نەچچە مىليارد دوللارنىڭ ئىگىسىگە ئايلانغان شاھزادە ۋالىد كېلىپ قالىدۇ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان تاراتقۇلىرىدىن باشقا، ھېچقانداق بىر تاراتقۇ كەلگۈسى دۇنيادىكى بۇ 4-بايغا دىققەت قىلمىغانىدى. سىتى بانكىسىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، 1990-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋالىد 207 مىليون دوللار (ھەربىر پاينىڭ باھاسى 12.46 دوللار)غا سىتى بانكىسىنىڭ شۇ چاغدىكى % 4.9 لىك ئادەتتىكى پېيىنى سېتىۋالىدۇ، بۇنىڭدا قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە ئۇنىڭ پېيىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چېكىنى ئاشكارىلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. 1991-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كىرىپ ئىراق ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ۋالىد ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئالاھىدە مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، يەنە 590 مىليون دوللارغا سىتى بانكىسىنىڭ ئالدىن بەھرىمەن بولىدىغان پېيىنى سېتىۋالىدۇ، بۇ غايەت زور پاينىڭ ھەربىرىنى 16 دوللارلىق باھادا ئادەتتىكى پايغا ئالماشتۇرغاندا، ۋالىدنىڭ سىتى بانكىسىدىكى ئومۇمىي پېيى % 10 كە يېتىدۇ، ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان، ۋالىدنىڭ سىتى بانكىسىدىكى ئومۇمىي پېيى يەنە ئۆرلەپ، % 14.9 نى ئىگىلەيدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كاپىتال بازىرىدا چاقناشقا باشلىغان يېڭى چىراي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋالىدنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى مەبلەغ سېلىشنىڭ ھەربىر بۇرجەكلىرىگە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇ سىتى بانكىسىغا مەبلەغ سالغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدە بىر توپ خەلقئرالىق مەبلەغ سالغۇچىلار يەنە سىتى بانكىسىنىڭ 600 مىليون دوللارلىق ئالدى بەھرىمەن بولىدىغان پېيىنى سېتىۋالىدۇ، نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار ئارقا-ئارقىدىن بازارغا كىرگەندىن كېيىن، سىتى بانكىسىنىڭ مەبلەغ كىرزىسىمۇ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. 1994-يىلىغا كەلگۈچە بۇ بانكانىڭ پاي باھاسى ناھايىتى تېز ئۆرلەيدۇ، ۋالىدمۇ قوش پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ۋالىدنىڭ قولىدىكى سىتى بانكىسىنىڭ پېيىنىڭ قىممىتى ئەسلىدىكىسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ، ئۇ مۇشۇ سەۋەبلىك سىتى بانكىسىنىڭ 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مۈلكىگە ئىگە بولىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پۈتۈن 1990-يىلىدا، سىتى بانكىسى گۇرۇھىنىڭ پايچىكلىرىنىڭ قايتۇرۇش نىسبىتى % 40.8 كە يەتكەن، سىتى بانكىسىمۇ ۋالىدقا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان مەبلەغ نەتىجە جەدۋىلىنى تاپشۇرىدۇ.
1990-يىللارنىڭ دەسلىپىدە، ۋالىد يەنە ئوخشاشلا تىجارەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققان ئالما شىركىتىگە مەبلەغ سالىدۇ ھەمدە بۇ شىركەتكە ئاكتىپ تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. 1996-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىقىغا تەيىنلەنگەن گىلبېرت ئامېليو ئۆزىنىڭ شەخسىي تەرجىمىھالى «ئالما شىركىتىنىڭ قىل ئۈستىدىكى 500 كۈنى»دە مۇنداق دەيدۇ: «ئاشۇ چاغدا ۋالىد ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىرگەن بولسا، بەلكىم ئالما شىركىتىنىڭ كۈنلىرى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان بولاتتى.»
2002-يىلى 10-ئايدا، شاھزادە ۋالىد يەنە ئامېرىكىدىكى چاتاق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان خېۋلېت پاكارد (HP) شىركىتى ۋە ئامېرىكا كامپاك كومپيۇتېر شىركىتىگە بىرلىكتە مەبلەغ سالىدۇ. ۋالىد 2000-يىلى كامپاك شىركىتىنىڭ پېيىنى سېتىۋېلىشقا باشلايدۇ، ۋالىد كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ ئىككى شىركەتنىڭ پېيىنى سېتىۋالىدۇ. ئامېرىكا ۋالىدنىڭ بارلىق مەبلەغ سېلىش خىياللىرىنىڭ ماكانى بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى، ئوخشاشلا توختىماي مەبلەغ كىرزىسىغا يولۇقۇۋاتقان شىركەتلەرمۇ ئامېرىدا كۆپ چىقىۋاتاتتى، ئۇ ئامېرىكا كارخانىلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور ئىناۋەت ۋە تەسىرگە ئىگە بولىدۇ. ۋالىدنىڭ بارلىق خان جەمەتى پاي كونترول شىركەتلىرىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2004-يىلىغىچە، خان جەمەتى پاي كونترول شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سوممىسى 20 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
2006-يىلى، سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، سەئۇدى ئەرەبىستان ئەزىزىيە سودا-مەبلەغ گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇدى شاھزادە ئۇزاق ئۆتمەيلا بىر نەچچە شىركەت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو بانكىسىنىڭ 2 مىليارد ئامېرىكى دوللارلىق پېيىىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلىدۇ. جۇڭگو بانكىسىنىڭ H پېيى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي شياڭگاڭدا پېيى بازارغا سېلىنىدۇ. ۋالىد شاھزادە مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو دۇنيادىكى بەش كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىرى، پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، مەن بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك مەبلەغ سېلىشقا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.» ئەزىزىيە سودا-مەبلەغ گۇرۇھىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئەھمەد مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلماقتا، بانكا كەسپى جۇڭگونىڭ تۈۋرۈك كەسىپلىرىنىڭ بىرى، شۇ ۋەجىدىن بۇ مەبلەغ سېلىشىمىز ئەرزىيدۇ.» ئەمەلىيەتتە، ۋالىد جۇڭگولۇقلارغا خېلى تونۇش، ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى تۆت پەسىل مېھمانسارىيى گۇرۇھى ئاللىقاچان بېيجىڭ، شاڭخەي، تەيبېي، شياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا تارماق مېھمانخانىلارنى قۇرغان.
بايلىق ئەھۋالى
ۋالىد شاھزادە دۇنيا بويىچە ئاز ساندىكى 100 مىليون يۈەنلىك چەك كېسەلەيدىغان كىشى. «ئەرەب سودىسى» تور بېكىتى 2009-يىللىق سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بايلار تەرتىپىنى ئېلان قىلغان، ۋالىد 16 مىليارد 300 دوللارلىق شەخسىي بايلىقى بىلەن بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ، ئۇنىڭ شەخسىي بايلىقى ئاساسلىقى سەئۇدى ئەرەبىستان پاي كونترول شىركىتىنىڭ 7 مىليارد 200 مىليون دوللار، 3 مىليارد 200 مىليون دوللار مۇقىم مۈلۈك، تاراتقۇ شىركىتىنىڭ 1 مىليارد 600 مىليون دوللار، قىممىتى 1 مىليارد 700 مىليون دوللارلىق «بوشلۇقتىكى ئاپتوبۇس» A380 شەخسىي ئايروپىلانى، 300 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىناسى، نۇرغۇن مېھمانخانىسى، ھەر يىلى نۇرغۇن چىقىم قىلىنىدىغان شەخسىي سەيلە پاراخوتى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ۋالىدنىڭ پۇللارنى ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىشى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. 2002-يىلى8-ئايدا، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر ھەشەمەتلىك مېھمانخانىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مىسىر سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى داڭلىق ساياھەت-مەنزىرە رايونى __ شام شەيختە بىر مەيدان داغدۇغىلىق ناخشا كېچىلىكى ئۇيۇشتۇرىدۇ، كېچىلىككە تەكلىپ قىلىنغانلار 140 نەپەردىن ئېشىپ كەتمىگەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە 14 ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن 76 نەپەر ناخشىچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ۋالىد شاھزادىنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىدا يېتىپ كېلىدۇ، بۇ ناخشىچىلار بۇ كېچىلىككە كېلىشتىن ئىلگىرى ۋالىد شاھزادىنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق سوۋغا بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار قەتئىي سوۋغا ئېلىش كويىدا ئۇ يەرگە كەلمىگەنىدى، چۈنكى ھەممىسىنىڭ بۇ شاھزادە بىلەن كەسپىي مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، دائىم دېگۈدەك شاھزادىنىڭ قارىمىقىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. بىراق ناخشا كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندا، ۋالىد شاھزادىنىڭ بۇ 76 نەپەر ناخشىچىغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىسى دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ۋالىد 76 نەپەر ناخشىچىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن «BMW» ماركىلىق ماشىنا ھەدىيە قىلغانىدى.
ئەمما قىزىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭ بۇ خىل چېكىدىن ئاشقان ھەشەمەتچىلىكى ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكىنى يوق. 2001-يىلى، ئامېرىكىدا «11-سېنتەبىر» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇ نيۇيورك دائىرىلىرىگە 10 مىليون دوللار قىممىتىدىكى بىر چەكنى تۇتقۇزغاندا، شۇ چاغدىكى نيۇيورك شەھىرىنىڭ باشلىقى نەق مەيداندىلا رەت قىلىۋېتىدۇ، سەۋەبى شۇكى، ۋالىد خەير-ساخاۋەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئامېرىكىدىن بىر پەلەستىن ئىشتاتى قۇرۇشنى قوللاشنى تەلەپ قىلغانىدى، قىزىق يېرى، بۇنى شۇ چاغدا بۇش ھۆكۈمىتى ئويلىنىشقا باشلىغانىدى.
بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىن كەلگەن بۇ ئەڭ چوڭ مەبلەغ سالغۇچى باشقىلارنىڭ تازا دىققىتىنى تارتىۋاتقان ۋاقىتتا، ئۇ ئەرەب قۇملۇقىنىڭ چېتىدىكى يېگانە قەدىمىي شەھەردەك، ئامېرىكا تۇپرىقىدىن ئايرىلىپ، ئاشۇ بىپايان قۇملۇقتا ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، «فوربېس» ژۇرنىلى ئۇدا 27 يىل يىللىق دۇنيا بايلار تەرتىپىنى ئېلان قىلىدۇ. مەبلەغ سېلىش ماگناتى ۋالىد بۇ تەرتىپتە ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىرەلمەيدۇ، يەنى كانادا تومسون رېيتېر گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى داۋىد تومسوندىن كېيىن تۇرىدۇ. ۋالىد ئۆزىنىڭ 2012-يىلىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان «بلۇمبېرگ بايلار تەرتىپى»گە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ تەرتىپتە ئۇ 28 مىليارد دوللارلىق بايلىقى بىلەن 16-ئورۇندا تۇرغانىدى. ئۇ ئاساسلىقى «بايلىق» 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىدىكى سىتى بانكىسى ۋە دۇنيا تاراتقۇ ساھەسىدىكى باشلامچى ئاخبارات گۇرۇھى ۋە تۋىتتېر شىركىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
32 مىليارد دوللار خەير-ساخاۋەت قىلىش
2015-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئەل ۋالىد ئۆزىنىڭ 32 مىليارد دوللارلىق بايلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا ئىئانە قىلىۋېتىدىغانلىقىنى، فوندى جەمئىيىتى قۇرۇپ خەير-ساخاۋەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ۋالىد پادىشاھلىق پاي كونترول شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكىلىق دۇنياۋى كاتتا باي بىل گايتسقا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ نامىدا بىر فوندى جەمئىيىتى ___ ئەل ۋالىد خەير-ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى قۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بايلىقىنى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ئارا ئالماشتۇرۇش، نامراتلىقنى ئازايتىش، ئاياللار ۋە ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى كىشىلەرگە ياردەم بېرىش، دارىلئېتام ۋە مەكتەپ قۇرۇش، تېببىي داۋالاش، سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامرات يېزىلاردا ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدىكەن.
ۋالىد گەرچە شۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى خەير-ساخاۋەتكە ئاتىدى. ئۇ يەنە بېيىغاندىن تارتىپ ھەر يىلى دېگۈدەك نۇرغۇن نامراتلارنى نۇرغۇن پۇل بىلەن يوقلاپ ياكى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ پۇل ئەۋەتىپ تۇردى. ئۇ مەيلى پەلەستىن، لىۋان، موناكو، ئالجىرىيە، ئامېرىكا دېگەندەك نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلاردا بولسۇن، تالايلىغان كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سۇنغان، ھەر يىلى تۈمەنلىگەن كىشى ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ تۇرغان.
خىزمەت پوزىتسىيەسى
ئەل ۋالىد خادىم تاللاشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، خادىملار ئەرەب تىلى ۋە ئىنگلىز تىلىنى بىلىشى، چوقۇم ئاللاھقا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. ئەل ۋالىدنىڭ يېنىدا 10 نەپەر ھالقىلىق شەخستىن تەركىپ تاپقان ئاقىللار كېڭىشى بار. ئەل ۋالىدنىڭ شىركىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خادىملارنىڭ 24 سائەت ئىشلىشى ئادەتتىكى ئىش ئىكەن. ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا تۆت كامېرا ۋە سەككىز تېلېۋىزىيە ئېكرانى بولۇپ، خادىملارنىڭ ھەربىر ئىش-ھەرىكىتىنى كۆزىتىدىكەن. يېپىق سىستېمىدىن باشقا، شىركەتتىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان تور دەل ۋالىد تەسىس قىلغان توردىن ئىبارەت ئىكەن. ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا ئەڭ دەسلەپتە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەل ۋالىدنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شىركىتىنىڭ باش ئىشتابىدىكى كومپيۇتېر سىستېمىسى يۇقىرى سۈرئەتلىك كەڭ بەلباغ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ بوستوندا تەسىس قىلىنغان تورى بىلەن بىۋاسىتە تۇتىشىدىكەن.
دۇنيا دائىرىسىدە، ئەل ۋالىدنىڭ سودىغا مەبلەغ سېلىشى ئاساسلىقى نوپۇزلۇق كارخانىلارغا مەركەزلەشكەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئەل ۋالىدنىڭ بىر قىسىم مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى جەمئىيەتتە غايەت زور ئىجتىمائىي تەسىر قوزغايدۇ، مەسىلەن ئۇ قۇرغان خۇسۇسىي مەكتەپ ئىنگلىز تىلى بىلەن تەبىئىي پەن ئوقۇتۇشىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان دىنىي مائارىپقا ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ئاساسلىق مەبلەغ سالغان ئاسمان پەلەك سودا بىناسى پايتەخت رىيادقا ئىنتايىن زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتقان. قوشنا رايونلاردا، ئەل ۋالىدنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى بولۇشتەك سالاھىيىتى ۋە ئىقتىسادىي تەسىر كۈچى بىلەن لىۋاننىڭ ئىقتىسادىغا مەبلەغ سېلىپ، شۇ جاينىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەسسە قوشىدۇ.
خىزمەت خۇمارى
ئەل ۋالىدنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت كۈن تەرتىپى ئىنتايىن تەرتىپلىك ۋە تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە 10 نەچچە دۆلەتكە بېرىپ سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە غىزالانغاندەكلا ئاددىي ئىش. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئارقىسىدا غايەت زور كۈچ قوللايدۇ. ئەل ۋالىدنىڭ «بوشلۇقتىكى ئاپتوبۇس» ناملىق ھەشەمەتلىك ئايروپىلانى ۋە «بوئىن» تىپلىق ئۈچ ئايروپىلانى بار. ئۇ دائىم ئاشۇ ئالاھىدە قوراشتۇرۇلغان «بوئىن 747» تىپلىق ئايروپىلاننى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ھەر قېتىم سەپەرگە چىققاندا 75 كىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆمەك ھەمراھ بولىدۇ. ۋالىدنىڭ بىر سۈنئىي ھەمراھ تېلېفونى بولۇپ، مەيلى دۇنيادنىڭ نەرىگىلا بارمىسۇن باشقىلار بىلەن ئالاقىلىشالايدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەل ۋالىد 2007-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستان تارىخىدا تۇنجى ئايال ئۇچقۇچىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇچقۇچى شاھزادىنىڭ شەخسىي ئايروپىلانىنى ھەيدەشكە مەسئۇل بولغان. ئەل ۋالىد ئىزچىل ھالدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئاياللارمۇ جەمئىيەتتە تېخىمۇ ئەركىن ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ.
ئەل ۋالىدنىڭ دائىم كاماندىروپكىغا چىقىشتىكى مەقسىتى سودا شېرىكلىرى ۋە خۇسۇسىي دوستلار ئارا يۈزتۇرانە ئالاقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈندۇر. ئۇنىڭ زىيارەت ئوبيېكىتلىرى دائىم دېگۈدەك دۇنيادىكى نوپۇزلۇق شىركەتلەرنىڭ باش دىرېكتورلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن ئىبارەت. دۇنياۋى باي بىل گايتس، ئىتالىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سىلۋىيو بېرلۇسكونى، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭلىرىدىن بىل كلىنتون، بۇش قاتارلىقلار ئەل ۋالىدنىڭ يېقىن دوستلىرى.
نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت بىلەن كۆڭۈل ئېچىشنى ناھايىتى ئېنىق ئايرىيدۇ. بىراق ئەل ۋالىدنىڭ قارىشىچە، ئۇنداق بولغاندا تازا قاملاشمايدۇ. يازدا، ۋالىد فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا كۆپكۆك ئاسمان، ئاپئاق بۇلۇت ۋە دېڭىز ساھىلىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ؛ قىشتا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ۋيومىڭ ئىشتاتىغا بېرىپ قار تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مەخسۇس قار تېيىلىش ترېنېرى ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ. بىراق، ئەل ۋالىد ھەر يىلى دەم ئېلىشنى ئۇنداق ئاددىيلا ئۆتكۈزمەيدۇ. ھەر يىلى يازدا، ئەل ۋالىدنىڭ ئۇزۇنلۇقى 85 مېتىر كېلىدىغان ھەشەمەتلىك سەيلە پاراخوتى چوقۇم فىرانسىيەنىڭ گانادىكى يېقىن دېڭىزدا توختاقلىق بولىدۇ، ئۇ دائىم پاراخوتتا تۈرلۈك يىغىلىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ تەكلىپ قىلىپ، سودا ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدۇ ياكى ئۈلپەتلىشىدۇ.
ئۇنىڭ سەيلە پاراخوتىنىڭ نامى «KR-5» بولۇپ، 5 ئۇنىڭ ئامەت سانى، K بىلەن R ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇنىڭ ئوغلى Khaled بىلەن قىزى Reem نىڭ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىدىن ئىبارەت. 1991-يىلى، ۋالىد بۇ سەيلە پاراخوتىنى ئامېرىكىلىق يەر-مۈلۈك ماگناتى دونالد ترامپنىڭ قولىدىن 18 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان.
مەخسۇس ئايروپىلان زاكاز قىلىپ ياسىتىش
دۇنياۋى كاتتا باي، سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇدنىڭ فىرانسىيە «بوشلۇقتىكى ئاپتوبۇس» شىركىتى زاكاز بىلەن ياسىغان A380 تىپلىق ئايروپىلانى 2013-يىلىنىڭ بېشىدا ئىشلىتىلىشكە تاپشۇرۇلغان. بۇ ئايروپىلاننىڭ ئومۇمىي پۈتۈش قىممىتى 240 مىليون فوندستېرلىڭ (تەخمىنەن 2 مىليارد 430 مىليون يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي ئايروپىلان ھېسابلىنىدۇ. ئايروپىلاننىڭ لايىھەسى پۈتۈنلەي ۋالىدنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ بىر «ئۇچار ئوردا» دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ.
«بوشلۇقتىكى ئاپتوبۇس» شىركىتىنىڭ A380 تىپلىق ئايروپىلانى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يولوچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، بۇ ئايروپىلانغا ئادەتتە 800 كىشىلىك ئورۇن تەسىس قىلىنىدىكەن، بىر قېتىملىق ماي قاچىلاشتا 12875 كىلومېتىر ئۇچقىلى بولىدىكەن. ئۆزگەرتىپ قوراشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئايروپىلاننىڭ ئىچكى قىسمى جەمئىي ئۈچ قەۋەت بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى ئۈچ تېننىس توپ مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھەشەمەتلىك بۇرمىسىمان لىفىت ۋە شاھزادە مەخسۇس ئىشلىتىدىغان لىفىت بار. بەش يۈرۈش ھەشەمەتلىك ياتاقتىن باشقا، يەنە 10 كىشىلىك مۇزىكا زالى، پول ۋە تاملارغا چوڭ ئېكرانلىق ھۇزۇرلىنىش ئۆيى ئورنىتىلغان، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يىغىن شىرەسى سەپلەنگەن مەجلىسخانا، چوڭ مەر-مەر تاشتىن ياسالغان تۈركچە ھاممام قاتارلىقلار سەپلەنگەن.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىسى بولۇشتەك سالاھىيىتىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ، مەخسۇس نامازخانا سەپلەنگەن، نامازخانا كومپيۇتېردا كونترول قىلىنىدىغان بولۇپ، باشتىن-ئاخىر مەككە تەرەپنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.
(ئەل ۋالىدنىڭ بۇ «ئۇچار ئوردىسى»غا دائىر ماتېرىياللارنى ئاساسەن تەرجىمە قىلىپ بولدۇم. پات يېقىندا تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ.)
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قۇرۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى، كاتتا باي ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇد قۇرغان ئەرەب خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2015-يىلى 2-ئايدا رەسمىي پىروگرامما كۆرسىتىشكە باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى تېلېۋىزىيە خەۋەرلىرى بازىرىنىڭ كەسكىن رىقابىتىگە دادىل يۈزلەنگەن. يېڭى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئاساسلىق رىقابەتچىسى قاتار يېرىم ئارال تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەرەبىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن باشقا، يەنە ئەنگلىيە «ئاسمان» تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ۋە فىرانسىيەدىكى 24 ئىستانسىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى پىروگراممىلىرىدىن ئىبارەت.
پادىشاھلىق مۇنارى قۇرۇش تەسەۋۋۇرى
پادىشاھلىق مۇنارى قۇرۇش، يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بىنا قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئەل ۋالىد 2003-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئورنى جىددە خەلقئارا ئايرودرومىنىڭ ئەتراپىدىكى 530 گېكتارلىق، يەنى 23 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق زېمىندىن ئىبارەت. پادىشاھلىق مۇنارىنىڭ دەسلەپكى مۆلچەردىكى ئېگىزلىكى 1000 مېتىر بولۇپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ___ «دۇبەي خەلىفە مۇنارى» دىنمۇ 200 نەچچە مېتىر ئېگىز. بۇ قۇرۇلۇشتا 2014-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، 2018-يىلى پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئېگىزلىكى 1200 مېتىردىن 1300 مېتىرغىچە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قۇرۇلۇشقا ئاساسلىقى ئەل ۋالىد مەبلەغ سالىدىكەن. 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، پادىشاھلىق مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 66 مېتىرغا يەتكەن.
تەرجىماندىن:
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى ئەل ۋالىد بىن تالال ئەل سەئۇد ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرگەندىن كۈندىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى باشقا 5000 شاھزادىگە ئوخشىمايدىغان بۇ شاھزادىگە بەكلا قىزىقىپ قالغانىدىم ھەمدە ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئىمكان بار تولۇقراق تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش خىيالىغا كەلگەنىدىم. مېنىڭ باھايىم مۇنداق: بۇ شاھزادە باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يىراقنى كۆرەرلىككە، ئۇنىۋېرسال ساپاغا، بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە. ئۇ مەيلى ھەشەمەتچىلىك قىلسۇن، مەيلى ساخاۋەت قىلسۇن ھامان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەتتا چۆچۈتىدۇ. كېيىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئۇ يەردىكى بايلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ قەلەم تەۋرىتىش خىيالىم بار.