ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى:
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركمەنىستان دۆلەت ئاخبارات مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: زۇڭتۇڭ بەردىمۇھەممەدوف 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 1-مارتتىن 5-مارتقىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا خىزمەت قىلىدىغان ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پېنسىيىگە چىققان ۋە ياردەم پۇلى ئېلىۋاتقان ئاياللار، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى قىز ئوقۇغۇچىلار، ھەتتا يەسلىدىكى قىزلاردىن تارتىپ ھەر بىر ئايالغا 40 ماناتتىن بايراملىق پۇل تارقىتىش پەرمانى چۈشۈردى.