يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى
مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • خېبېيدا «باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەلقئارالىق شاھمات مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلدى
  • نېلۇپەرلەرنىڭ نورمال ئۆسۈشى ئۈچۈن، شىخۇ كۆلىىگە ئاقارتىش پاراشوكى چېچىلدى
  • گۇيياڭدىكى توك توختىغان مەكتەپتە، ئوقۇغۇچىلار يانفون قول چىرىغىنى ياندۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىدى
  • 67 نەپەر تېلېگراف ئالدامچىلىقى جىنايەتچىسى دۆلىتىمىزگە يالاپ قايتۇرۇپ كېلىندى
  • شاڭخەيدىكى مەلۇم سودا سارىيى خېرىدارلارغا كىرىش بېلىتى ساتتى
  • دېڭجۇ شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى
  • چېگرا ھالقىپ سۈت پاراشوكى سېتىۋېلىشنى تىزىملاش تۈزۈمى چەكلىمىسى ئىككى يىل بوشاشتۇرۇلىدۇ
  • تۈگۈر جىلتىسىنى تاشلىۋەتمەي مۇنداق ئىشلىتىڭ...
  • كۆڭلىدە ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغان ئىچ كۈيئوغۇل ئايالى قاتارلىق تۆت ئادەمگە پىچاق تىقىۋەتتى
  • نەننىڭدىكى كونا ماشىنا ۋە موتسىكىلىت قەبرىستانلىقىغا نەزەر
  • تۆت خوتۇنلۇق بولغان ئەرگە 1 يىل 10 ئايلىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى
  • «3-ئاپرېل» زور تاش تورۇس گۆمۈرۈلۈش ھادىسىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى
  • ش ئۇ ئا ر خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىندى
  • جۇڭگولۇقنىڭ ئوچۇق كىيىنگەنلىكتىن تايلاند ساقچىلىرى تەرىپىدىن چاقىرتىلغانلىقى ئىغۋا ئىكەن
  • شەندۇڭدىكى ۋاكسىنا دېلوسىدا 357 ئادەم خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاندى ۋە دەرىجىسى چۈشۈرۈلدى
  • يېڭى خەۋەر بەت 300*250 ئېلان ئۇرۇنلىرى

    12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4–يىغىنىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1–يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

    مەنبە :uy.ts.cn       يوللىغۇچى : مۇبەششر       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-07

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – مارت تېلېگراممىسى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنى 4 – مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

        12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى 2943 بولۇپ، 3 – مارتقىچە 2911 كىشى يىغىن كاتىبات باشقارمىسىغا تىزىمغا ئالدۇردى. بۈگۈنكى تەييارلىق يىغىنىغا 2751 كىشى قاتناشتى، 192 كىشى قاتناشمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن سانغا ئۇيغۇن.

        جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ 5 – مارت ئېچىلىدىغانلىقىنى، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ پۈتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

        جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ، 4 – ، 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى تاماملاپ، يىغىننى دېموكراتىك يىغىن، ئىتتىپاقلىق يىغىنى، ئەمەلىيەتچىل يىغىن، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئېچىش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىشىنى ياخشى باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت.

        تەييارلىق يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپى سايلاپ چىقىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتى 170 كىشىدىن تەركىب تاپتى، لى جيەنگو يىغىننىڭ باش كاتىپلىقىغا سايلاندى.

        ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان يىغىن قارالمىلىرىغا ئاساسەن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان تېزىسى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ؛ 2015 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ، 2016 – يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى تەستىقلىنىدۇ؛ مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2015 – يىللىق خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى بىلەن مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ 2016 – يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات تەكشۈرۈلىدۇ ۋە تەستىقلىنىدۇ، 2016 – يىللىق مەركەز خامچوتى تەستىقلىنىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹خەير – ساخاۋەت قانۇنى›› لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىلىدۇ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ ۋە قاراپ چىقىلىدۇ.

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ يىغىنغا قاتناشتى.

        شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 – مارت تېلېگراممىسى. 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4 – مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 1 – يىغىن ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

        ھەيئەت رىياسىتىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك كىشى 170 بولۇپ، 162 كىشى قاتناشتى، سەككىز كىشى قاتناشمىدى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە ئاساسەن، يىغىندا ئالدى بىلەن 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى سايلاپ چىقىلدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسىلىكىنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، باش كاتىپى ئۈستىگە ئالدى. ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنى چاقىرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

        يىغىندا 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى. يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن بۇ قېتىمقى يىغىن 5 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىپ، 16 – مارت چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ، 11 يېرىم كۈن داۋاملىشىدۇ.

        مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 – يىغىنىدا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر قانچىسى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسىلىكىگە كۆرسىتىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى سايلاندى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ۋاڭ چېن، شىن چۈنيىڭ، چياۋ شياۋياڭ، لى شېڭلىن، فۇ يىڭ، چېن شىجۈ، مېڭ ياڭ قاتارلىقلار يىغىننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا، فۇ يىڭ قوشۇمچە يىغىن باياناتچىلىقىغا سايلاندى.

        يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 – يىغىنىنىڭ تەكلىپ لايىھەلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى قارار قىلىندى. ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ بېرىش ۋاقتى 11 – مارت سائەت 12 گىچە قىلىپ بېكىتىلدى.

    ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2016-03/05/content_505869.htm 



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز