شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-مارت، ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى رونالد رىگاننىڭ يەسىرەسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى نەنسى رىگان كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىدە 94 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. زۇڭتۇڭ رونالد رىگان فوندى جەمئىيىتى ۋە كۇتۇپخانىسىنىڭ شۇ كۈندىكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، نەنسى رىگان 6-مارت لوس ئانژېلېستىكى ئۆيىدە يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئىگىلىنىشىچە، ئۇ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى رونالد رىگاننىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىدىكەن. دەپنە مۇراسىمىدىن ئىلگىرى، كىشىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈش ۋاقتى بىلدۈرۈلىدىكەن.
نەنسى رىگان 1921-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 40-، 50-يىللىرىدىكى «ھوللىۋود» ئارتىسى بولۇپ، 1952-يىلى رونالد رىگان بىلەن توي قىلغان، 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە، ئامېرىكىنىڭ 1-خانىمى بولغان.
6-مارت، لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى نەنسى رىگاننىڭ جەسىتىنىڭ ئېلىپ ماڭغان ماشىنىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.