ياپونىيە تاراتقۇسى: ئالما iPhone 7 Plus كە قوش تېلكامېرا سەپلىنىشى مۇمكىن
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالما شىركىتى پات ئارىدا چىقىرىدىغان iPhone 7 نىڭ يانفون ئۇدۇل يۈز رازمىرى ۋە ئېغىرلىقى iPhone 6s نىڭكىگە يېقىنلىشىدىكەن، 4.7 دىيۇملۇق iPhone 7 قوش تېلكامېرالىق بولمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن، ئەمما 5.5 دىيۇملۇق نۇسخىسىغا گرافىك شىركىتى LinX (ئالما 2015-يىلى سېتىۋالغان) نىڭ قوش تېلكامېرا سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى مۇمكىنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، خەۋەردە دېيىلىشىچە، KGI نىڭ ئانالىزچىسى كومىڭچى يېقىندا LCD ماتىرىسا تېخنىكىسى تەرەققىي قىلغانلىقتىن iPhone نىڭ قېلىنلىقىنى يەنە 1mm تۆۋەنلىتىشىدىن ئۈمىد بار، ئىلگىرىكى iPhone 7 دە يېڭى تىپتىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ماتىرىيالى ئىشلىتىش توغرىسىدىكى خەۋەر يالغان، بۇ يىللىق سۇدىن مۇداپىئەلىنىش ماتىرىيالى يەنىلا ھازىر بار بولغان مىتال ماتىرىيال بىلەن ئوخشاش بولغان لايىھە دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ياپونىيە تاراتقۇلىرى يەنە، iPhone 6 ۋە 6s تىكى ئەيىبلەشكە ئۇچرىغان تېلكامېرانىڭ كۆپۈپ چىقىشى iPhone 7 دە ئۆزگەرتىلدى، ئارقا تېلكامېرا ۋە ئارقا قاپقاق تەكشىلىكنى ساقلاپ قالدى دېگەن.
بۇنىڭدىن سىرت، ئانالىزچى كومىڭچى ئالما پۈتۈن كۈچى بىلەن قوش تېلكامېرانى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، 12 مىليون پېكسېللىق ئىككى دانە ئارقا تېلكامېرانى بىرلەشتۈرىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىرى ئوپتىك تىترەشتىن ساقلىنىش ۋە تېخىمۇ كەڭلىكتىكى كۆرۈش دائىرىسىنى قوللايدۇ، يەنە بىرى 2-3 ھەسسە ئۇزۇن فوكىسلىق لىنزىنى قوللايدۇ دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. كومىڭچى يەنە دەسلەپكە مەزگىلدە مال تەمىنلەش جىددىي بولىدىغانلىقتىن، iPhone 7 Plus نىڭ مال تەمىنلىشى بىرقەدەر ئاز بولىشى مۇمكىن دېگەن.